1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك يۆلەنچۈكى

日期:2020年09月12日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدە بار بولغان تەڭداشسىز قۇدرەتلىك رەھبەرلىك كۈچى بوران - چاپقۇن ھۇجۇم قىلغاندا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك يۆلەنچۈكى.» مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم تەجرىبىسى ۋە چوڭقۇر ئىلھام تەپەككۇرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، باشتىن - ئاخىر ھەممىدە خەلقنى ئويلاش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە قەتئىي قوللىشىغا ئېرىشكەن، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك كۈچى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ كەڭ ھەم مۇستەھكەم ئاساسى، دەپ چوڭقۇر كۆرسەتتى.

تۇيۇقسىز تارقالغان ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، پەۋقۇلئاددە تەدبىر ئارقىلىق پەۋقۇلئاددە ئىشقا تاقابىل تۇردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلدى، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 21 قېتىم يىغىن ئېچىپ تەتقىق قىلىپ تەدبىر بەلگىلەپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن - مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەر تەرەپ، ھەر ساھەلەردە چوڭ جەڭگە قاتنىشىشقا رەھبەرلىك قىلىپ تەشكىللەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكا تۈزدى... دەل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، پۈتۈن مەملىكەتتە بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئىستېرېئولۇق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما تېزدىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، يۇقۇمنىڭ كەڭ دائىرىدە يامرىشى ئۈنۈملۈك توسۇلۇپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدىكى خەتەرلىك مۇساپىنى كۈچلۈك ئۆزگەرتىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى ئەڭ زور چەكتە قوغدالدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكى شۇنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى پۈتۈنلەي توغرا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى قۇدرەتلىك، كۈچلۈك، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، خىرىس قانچە كەسكىن بولغانسېرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلق ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىقتا چىڭ تۇردى. ۋىرۇس تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان، يۇقۇم يامان ئەلپازدا كەلگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ غايەت زور سىياسىي جاسارىتى ۋە كەسكىن تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن مۇھىم، زور تەدبىر بەلگىلەپ، ۋۇخەندىن چىقىدىغان، خۇبېيدىن چىقىدىغان يولنى كەسكىنلىك بىلەن تاقاپ، مىسلىسىز قاتتىق باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى يولغا قويدى. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئالدىدا، بىز جەزمەن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايمىز، بىز ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز، سەۋەبى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈپ مەقسىتى جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، بىزنىڭ دۆلىتىمىز خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت». خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بىز ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايمىز! تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا 30 نەچچە سائەت بولغان بوۋاقتىن 100 نەچچە ياشلىق ياشانغان كىشىگىچە، جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەللىك خادىملارغىچە، ھەربىر ھاياتلىقنىڭ ھەممىسى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدالدى، ئادەمنىڭ ھاياتى، ئادەمنىڭ قىممىتى، ئادەمنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى كۆڭۈل قويۇپ قوغدالدى. «دۆلەت قانچە گۈللەنسە، پۇقرالارغا شۇنچە غەمخورلۇق قىلالايدۇ» بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ ياخشى شەرھلىنىشى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلق مەركەز قىلىنغان قىممەت ئىنتىلىشىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى.

پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بوران - چاپقۇندا بىللە بولۇپ، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلىشى پارتىيەنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغاندا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى، يېڭى جۇڭگو ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كەلگەندە جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلىدى، ئىسلاھات، تەرەققىياتتا بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەندە باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى، ھەر قېتىم بوران - چاپقۇن ھۇجۇم قىلغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ھەمىشە ئەڭ مۇھىم كاپالەت، ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچ بولدى؛ ھەر قېتىملىق بوران - چاپقۇندىن كېيىن، جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تېخىمۇ ھىمايە قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەندى. دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولغاچقا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيەنى ھىمايە قىلىشى ۋە قوللىشى بولغاچقا، جۇڭگو دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىش مۆجىزىسى ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسىنى يارىتالىدى، بىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كەلكۈندىن غالىب كېلەلىدۇق، سارستىن مۇداپىئەلىنەلىدۇق، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرالىدۇق، كىرىزىسنى تۈگىتەلىدۇق، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلىدۇق. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پەقەت پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، ئاممىنى تەشكىللەش كۈچى، جەمئىيەتكە قارىتا چاقىرىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى مەڭگۈ ساقلىساقلا، بىز چوقۇم قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا بىمالال تاقابىل تۇرالايمىز.

قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جاسارەتكە باغلىق، ئېگىز تاغلارنىڭ ھەيۋىتى ئاساسىي چوققىسىغا باغلىق. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان، تۈرلۈك مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلالايدىغان، كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئىگە ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يۆلەنچۈكى بولۇشقا مۇناسىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشقا مۇناسىپ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلساقلا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)