1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرايلى

日期:2020年09月12日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«بۇ مەيدان ئېغىر يۇقۇم بىلەن بولغان ھايات - ماماتلىق ئېلىشىشتا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان قورقماس جاسارىتى ئارقىلىق، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇش، پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇشتەك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى تاۋلىدى.» مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى مۇپەسسەل يىغىنچاقلاپ ھەم چوڭقۇر شەرھلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

تۇيۇقسىز تارقالغان ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو خەلقى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىلىنى بەرپا قىلىپلا قالماي، ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىدا يەنە بىر باتۇرانە ئۇلۇغ ئىشنى ياراتتى، شۇنداقلا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى تاۋلاپ چىقىپ، ئىنسانلارنىڭ روھى نامايان قىلغان يەنە بىر تەسىرلىك سەھىپىنى پۈتتى. «خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بىز ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايمىز!» بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خەلقنى كۆزلەش ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشى، بۇ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىكى ئادەمنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەخلاق قارىشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىلىنىشى، بۇ يەنە جۇڭگو خەلقىنىڭ ھاياتلىققا ھۆرمەت قىلىدىغان ئادىمىيەت روھىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى. ھايات - ماماتلىق سىناق ئالدىدا، ئۇزاق ۋاقىت ئايرىۋېتىش ئېلىپ كەلگەن غايەت زور جىسمانىي ۋە روھىي بېسىم ئالدىدا، كەڭ خەلق ئاممىسى ھايات - ماماتلىق ئېلىشىشتىن قورقماي، مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتتە كەينىگە چېكىنمەي، ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن غەم يەپ، كۈچ چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىق كۈچ دېمەكتۇر دېگەن دەۋر يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى. «خەتەرلىك پەيتلەردە، ھەممىلا يەردە يەنە قەھرىمانلار مەيدانغا كېلىدۇ»، ھەرقايسى سەپلەردىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش باتۇرلىرى خەتەردىن قورقماي، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، قىيىنچىلىق ئالدىدا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي، ئاچقۇچلۇق پەيتتە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ، ھاياتى ئارقىلىق بۇرچقا ئاتلىنىپ، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى بىلەن نۇرغۇنلىغان ھاياتلىقنى قوغدىدى. ئەزەلدىن تولۇق تونۇپ يەتمىگەن يېڭى تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەل ئالدىدا، بىز ئىلمىي روھ، ئىلمىي پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىشنى تەدبىر بەلگىلەپ قوماندانلىق قىلىش، ئاغرىقلارنى داۋالاش، تېخنىكا جەھەتتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى قۇدرەتلىك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدۇق. «مەقسەت ۋە نىشانى بىردەك كىشىلەر يولدا تەنھا قالمايدۇ، مېھىر - مۇھەببەتنىڭ چېكى بولمايدۇ»، بىز يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ياردەم بېرىش ۋاقتى ئەڭ مەركەزلەشكەن، چېتىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوزغاپ، يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلاپ، لەۋزىدە تۇرىدىغان، دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان، ئەخلاق - ھەققانىيلىقنى ساقلايدىغان چوڭ دۆلەت ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەيدىغان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى جانلىق شەرھلىدۇق. ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇش، پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇش، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى تاۋلاپ چىققان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشتىكى كۈچلۈك مەنىۋى تىرەككە ئايلاندى.

ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭقۇر مېھرىبانلىق ئەنئەنىسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتەك قىممەت ئىنتىلىشى مەركەزلىك نامايان قىلىندى؛ پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇشتا جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەممە بىر نىيەتتە بولۇش، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشتەك ئىتتىپاقلىق ئۇلۇغ كۈچى نامايان قىلىندى؛ پىداكارلىق كۆرسىتىشتە جۇڭگو خەلقىنىڭ دادىللىق بىلەن بارلىق قىيىنچىلىقلارنى بېسىپ چۈشىدىغان، شۇنداقلا ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان قەيسەرانە ئىرادىسى مەركەزلىك نامايان قىلىندى؛ ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىشتا جۇڭگو خەلقىنىڭ راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتەك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش خىسلىتى مەركەزلىك نامايان قىلىندى؛ تەقدىرداش بولۇشتا جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان، تىنچلىقنى سۆيىدىغان ئەخلاق - ھەققانىيلىقتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى مەركەزلىك نامايان قىلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى يىغىنچاقلىغانلىقى ۋە شەرھلىگەنلىكى پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بۇ مەيدان كىشى قەلبىنى زىلزىلىگە سالىدىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش زور جېڭى ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بەردى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنىڭ كۈچ مەنبەسىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى تاۋلىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن ئالاھىدە تەبىئىي تالانت ۋە مەدەنىيەت گېنى بىلەن تومۇرداش، ئۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، سوتسىيالىزملىق روھنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ئۇ جۇڭگو روھىنىڭ جانلىق شەرھلىنىشى بولۇپ، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە يېڭى مەنىۋى ئابىدە تىكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىغا ئايلاندى.

ئادەمدە روھ بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دۆلەتتە روھ بولمىسا قۇدرەت تاپالمايدۇ. پەقەت مەنىۋى جەھەتتە پۇت تىرەپ تۇرالىغاندا، مەزمۇت تۇرالىغاندىلا، بىر مىللەت ئاندىن تارىخ ئېقىنىدا تەۋرەنمەي، قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرالايدۇ. قىيىنچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىش ماددىي كۈچ سىنىشىش، شۇنداقلا مەنىۋى تىركىشىش. ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا بىز يەنىلا تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كېلىمىز، تۈرلۈك ئەگرى - توقايلىقلارغا دۇچ كېلىمىز، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش كېرەك. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، قانچىكى جاپا - مۇشەققەتلىك بولغانسېرى، شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جاسارەت بىلەن باتۇرانە ئېلىشىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، قاتتىق سۆڭەك بولۇپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىپ، جەڭدە غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزە يارىتىشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)