1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتايلى

日期:2020年09月14日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى موتورى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان مۇھىم تۇتقىنى تۇتقانلىق.

يېقىندا ئېچىلغان ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى چوڭقۇر كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز نۇرغۇن پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە، كۆلىمى زور تەتقىق قىلىش، ئېچىش سېلىنمىسىغا ئىگە، بەزى ساھەلەردە خەلقئارا ئىلغار سەۋىيە بىلەن بىر سەھنىدە رىقابەتلىشەلەيدىغان شارائىتنى دەسلەپكى قەدەمدە ھازىرلىدى، ئاچقۇچ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، كەڭ ئالىملار ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە تالانتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈشتە.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى مىقدار جۇغلاشتىن سۈپەتكە قاراپ ھالقىپ، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېمىلىق ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قاراپ يۈزلەندى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ھازىر دۆلىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە نۇرغۇن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك رېئال مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىپ، ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا ھەممىسى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسىگە تېخىمۇ موھتاج بولۇۋاتىدۇ، ھەممىسى يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە تېخىمۇ موھتاج بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىقى ۋە پىششىقلاش تېخنىكىسى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان، بىر قىسىم ئاچقۇچلۇق دەسلەپكى زاپچاسلار، پارچە زاپچاسلار، خام ماتېرىياللار ئىمپورتقا تايىنىدۇ، نېفىت - گازنى چارلاپ تەكشۈرۈپ ئېچىش، يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى يېتەرلىك ئەمەس، بىيو تېببىي دورىلار، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ساھەلەردە پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىدا ئارقىدا قېلىش مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە بىزدىن جەزمەن دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىشتە، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىشتە، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىشتە، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان بىر قىسىم ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىشنى جىددىي تەلەپ قىلماقتا.

«تۆتكە يۈزلىنىش»تە چىڭ تۇرۇش ئېھتىياج يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش دېگەنلىكتۇر. ئاۋۋال پەن تەتقىقاتتا تېما تاللاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، پەن تەتقىقات يۆنىلىشىنى تاللاشتا دۆلەتنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ۋە كەلگۈسى ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كۈچ چىقىرىش كېرەك. تېزدىن بۆسۈش ھاسىل قىلالايدىغان، مەسىلىنى ۋاقتىدا ھەل قىلالايدىغان تېخنىكىلارنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئىستراتېگىيەلىككە ئىگە بولغان، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدىغان تېخنىكىلارنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەن - تېخنىكا بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىنتايىن مۇھىم، يېڭىلىق يارىتىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تۇتۇپ، تارقاق بولۇش، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، تەكرار بولۇشتەك نۇقسانلارنى تۈگىتىپ، ئەۋزەل بايلىقنى ئەلالاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەپ، مۇھىم ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇل تەتقىقات پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەنبەسى، دۆلىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن «گال سىقىۋاتقان» تېخنىكا مەسىلىلىرىنىڭ يىلتىزى ئۇل نەزەرىيە تەتقىقاتىدا يېتىشىپ ماڭالماسلىق، مەنبە ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى نەرسىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرالماسلىقتۇر، شۇڭا ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئەركىن ئىزدىنىش ۋە ئالماشتۇرۇش، مۇنازىرە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا مەسىلىلىرى ئارقىلىق ئىلمىي قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇل تەتقىقات بىلەن قوللىنىشچان تەتقىقاتنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈردۈرۈش كېرەك. دۆلەت پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ تۈپ مەنبەسى ئادەمدە، بارلىق پەن - تېخنىكا تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كىم بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىغا ئىگە بولسا، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىملارغا ئىگە بولسا، شۇ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ. ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتى ۋە پەن - تەتقىقات پائالىيىتىنىڭ ئۆز قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، بىر تۈركۈم خەلقئارا سەۋىيەگە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، پەن - تېخنىكىدا باشلامچى ئىختىساسلىقلار ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى يېتىشتۈرۈپ بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا قوشۇنىدا غايەت زور يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن ئىقتىدارى ساقلانغان بولۇپ، ئاچقۇچ پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ خىل يوشۇرۇن ئىقتىدارنى ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىشتە. پەن تەتقىقات يۇرتلىرى، ئورۇنلىرى ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىغا تېخىمۇ زور ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى بېرىش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى باشلامچى ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ زور تېخنىكا يول لىنىيەسى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە خىراجەتنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىش، «ئىلمىي ماقالە ھەممىنى بەلگىلەش، ئۇنۋان ھەممىنى بەلگىلەش، ئوقۇش تارىخى ھەممىنى بەلگىلەش، مۇكاپات تۈرى ھەممىنى بەلگىلەش»نى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى زور يۈزلىنىش، قانچىكى قامال قىلىش، بېسىشقا دۇچ كەلگەنسېرى، تېخىمۇ بېكىنمىچىلىك قىلىشقا، ئۆزىنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ، تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش دۆلىتىمىزنى پۈتۈن يەر شارىۋى پەن - تېخنىكىدا ئوچۇق ھەمكارلىشىدىغان كەڭ سەھنىگە ئايلاندۇرىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە ئېنگېلسنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «جەمئىيەت مۇبادا تېخنىكىغا ئېھتىياجلىق بولسا، بۇ خىل ئېھتىياج ئون داشۆدىنمۇ بەكرەك ئىلىم - پەننى ئالغا سىلجىتالايدۇ.» جۇڭگو قۇدرەت تېپىشتا، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، جەزمەن قۇدرەتلىك پەن - تېخنىكىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چەكلەۋاتقان بارلىق ئىدىيە توسالغۇسى ۋە تۈزۈم توسۇقلىرىنى تۈگىتىپ، پەن - تېخنىكىنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان غايەت زور يوشۇرۇن ئىقتىدارنى ئەڭ زور چەكتە ئازاد قىلىپ ۋە قوزغاتساق، بىز چوقۇم پەن - تېخنىكىدا رىقابەتلىشىش ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتتىكى ئېگىزلىك نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا پۇختا ئىگىلەپ، بەلگىلەنگەن نىشانغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)