1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى تۈپ كاپالەت

日期:2020年09月14日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە بار بولغان روشەن ئەۋزەللىك خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى.» مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۈچلۈك نامايان قىلدى، دەپ چوڭقۇر كۆرسەتتى، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم كۈچىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا ماھىر بولساقلا، بىز چوقۇم تەكرار - تەكرار بېسىملارنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئوتتا تاۋلىنىپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشەلەيمىز، دەپ تەكىتلىدى.

ئەمەلىيەت ئەڭ ياخشى سىنتاش. بىر دۆلەت تۈزۈمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان - بولمىغانلىقى، ئەۋزەل ياكى ئەۋزەل ئەمەسلىكىنى ئۆلچەشتىكى بىر مۇھىم تەرەپ ئۇنىڭ ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا، ھەممە تەرەپكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى تەشكىللەپ ئورتاق تاقابىل تۇرالايدىغان - تۇرالمايدىغانلىقىدا. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردۇق، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلدى، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن - مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەر تەرەپ، ھەر ساھەلەر بىر گەۋدىلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بايلىقلارنى قوزغاپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. ۋۇخەندىن چىقىدىغان، خۇبېيدىن چىقىدىغان يولنى كەسكىنلىك بىلەن تاقاپ، مىسلىسىز قاتتىق باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى يولغا قويۇشتىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، كۆلىمى مىسلىسىز بولغان ھاياتلىقنى كەڭ كۆلەمدە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇشقىچە، پەن - تېخنىكىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ياردەم بېرىش ۋاقتى ئەڭ مەركەزلەشكەن، چېتىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان جىددىي خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوزغاشقىچە... پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئىستېرېئولۇق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى تېزدىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئادەم كۈچى تەشكىللەش جېڭى، ماددىي ئەشياغا كاپالەتلىك قىلىش جېڭى، پەن - تېخنىكىدا جىددىي ھۇجۇمغا ئۆتۈش جېڭى، بايلىق ھەرىكەتچان جېڭى قانات يايدۇرۇلۇپ، جاپاغا چىداپ تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىسى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىلدى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمى ئاجايىپ تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارىغا، بىرتۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش، قىيىن ئىشلارنى قىلىش، جىددىي ئىشلارنى قىلىشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ». بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ھەر قانداق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇ ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشالايدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەرشارىدا كەڭ تارقىلىشى بۇ چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىۋەتتى، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر. بىز جەزمەن دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى چوڭ ۋەزىيەتنى دىيالېكتىكىلىق تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى پەسەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم كۈچ - قۇدرىتىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەر، خىرىسنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق مەركەزلىك سىناق بولۇپ، بىزگە شۇنداق چوڭقۇر ئىلھام بېرىدۇكى: تەرەققىيات مۇھىتى قانچە كەسكىن، مۇرەككەپ بولغانسېرى ئىسلاھاتنى شۇنچە قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىش ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش، يۇغۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ۋە باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتقا تايىنىپ ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم مەسىلىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ھەل قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈم كاپالىتىنى پۇختىلاش كېرەك.

دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى خاراب بولۇشى تۈزۈمگە باغلىق، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى ئىدارە قىلىشقا باغلىق. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، بوران - چاپقۇن توسالمايدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم - ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرساقلا، بىز چوقۇم بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ماڭالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)