1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بۇ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتەيلى

日期:2020年09月14日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك.

9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالىملار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرلەرنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، كەڭ ئالىملار ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىشتە، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىشتە، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىشتە، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پەن - تېخنىكىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى پىلانلاپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. تيەنگۇڭ، جياۋلۇڭ، تيەنيەن، ۋۇكۇڭ، موزى، چوڭ ئايروپىلان، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، بېيدوۋ قاتارلىق مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كەينى - كەينىدىن بارلىققا كەلدى. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، بىر قىسىم ئالدىنقى سەپ ساھەلىرى تەڭ يۈگۈرۈش، يېتەكلەپ يۈگۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى مىقدار جۇغلاشتىن سۈپەتكە قاراپ ھالقىپ، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېمىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە قاراپ يۈزلەندى. بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى يۇقۇملۇق كېسەلنى داۋالاش، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىش -ئېچىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھىم ساھەلەردە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ئىچكى - تاشقى مۇھىتتا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ھەمدە تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىشكە تېخىمۇ جىددىي تەلەپ قويدى. بىز جەزمەن شۇنى تولۇق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئېھتىياجى، خەلقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئېھتىياجى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى ئوڭۇشلۇق باشلاشنىڭ ئېھتىياجى. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسىگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇپ، ھەممىسى يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسكىن خەلقئارا رىقابەت ئالدىدا، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، بىز جەزمەن دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ «0دىن 1گىچە» بولغان بۆسۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ۋەزىيەت ئادەمنى ئالدىراتماقتا، خىرىس ئادەمنى ئالدىراتماقتا، بۇرچ ئادەمنى ئالدىراتماقتا. دۆلىتىمىزدىكى كەڭ ئالىملار ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، پۇرسەتنى ئالدىن ئىگىلەپ، مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى نىشانلاپ، پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تارىخ يۈكلىگەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭى دەۋردە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

يېڭىلىق يارىتىش بۈگۈنكى دەۋردىكى مۇھىم، زور تېما، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىشى تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تېزلىتىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى. دۆلىتىمىز نۇرغۇن پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە، كۆلىمى زور تەتقىق قىلىش، ئېچىش سېلىنمىسىغا ئىگە، ئاچقۇچ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، كەڭ ئالىملار ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە تالانتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈشتە. ئىلىم - پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەنىۋى تىرەكتىن ئايرىلالمايدۇ، ۋەتەننى قەلبىگە پۈكۈش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش، باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىشتەك يېڭىلىق يارىتىش روھى، ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، ئىلىم تەھسىل قىلىشتا ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچان بولۇشتەك ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى، نام - مەنپەئەت قوغلاشماسلىق، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشتەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشتەك ماسلىشىش روھى، ئۆز مەنپەئىتىدىن كېچىپ باشقىلارغا ياردەم بېرىش، كېيىنكىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەشتەك ئادەم تەربىيەلەش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىجاد قىلغۇچىلار، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلار، ئالىيجاناب ئىدىيە، پەزىلەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەر، ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەمدە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمگەكنى ھۆرمەتلەپ، بىلىمنى ھۆرمەتلەپ، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەپ، ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەپ، ئىلمىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشى ھەمدە رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

«بارلىق يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.» بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، دۆلىتىمىزدىكى كەڭ ئالىملار ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىلىم - پەننىڭ ئېگىز چوققىسىغا چىقىپ، پەن - تېخنىكا مۆجىزىلىرىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش ئىشەنچى، ئىرادىسى، ئىقتىدارى بار.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)