1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى كۈچ مەنبەسى

日期:2020年09月14日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو خەلقىدە بار بولغان تىز پۈكمەس ئىرادە كۈچى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى كۈچ مەنبەسى.» مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە نامايان بولغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مەدھىيەلىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ دادىللىق بىلەن بارلىق قىيىنچىلىقلارنى بېسىپ چۈشىدىغان، شۇنداقلا ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان قەيسەرانە ئىرادىسىنى مۇپەسسەل شەرھلىدى، خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەپ، كەڭ خەلقنىڭ قەيسەرانە تىز پۈكمەس ئىرادىسى ۋە قەتئىي بوشاشمايدىغان چىدامچانلىقىنى تولۇق قوزغىغاندىلا، بىز چوقۇم ئەڭ كەڭ خەلقنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى شانلىق تارىخىنى ئۈزلۈكسىز يارىتالايمىز، دەپ تەكىتلىدى.

ھايات - ماماتلىق سىناق ئالدىدا، ئۇزاق ۋاقىت ئايرىلىپ تۇرۇش ئېلىپ كەلگەن غايەت زور جىسمانىي ۋە روھىي بېسىم ئالدىدا، كەڭ خەلق ئاممىسى ھايات - ماماتلىق كۈچ سىنىشىشىدىن قورقماي، كۈرمىڭ جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر ئالدىدا چېكىنمەي، ياكى خەۋپكە قاراپ ئاتلىنىپ، ياكى ئۈن - تىنسىز چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ھەر خىل شەكىللەر بىلەن كۆڭۈل بۆلدى، كۈچ چىقاردى. ھەرقايسى سەپلەردىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش باتۇرلىرى خەتەردىن قورقماي، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، قىيىنچىلىق ئالدىدا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي، ئاچقۇچلۇق پەيتتە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ، ھاياتى ئارقىلىق بۇرچقا ئاتلىنىپ، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى بىلەن نۇرغۇنلىغان ھاياتلىقنى قوغدىدى. بۇ مەيدان ئېغىر يۇقۇم بىلەن بولغان ھايات - ماماتلىق كۈچ سىنىشىشتا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، شەخسنىڭ ھال - ئەھۋالى، كوللېكتىپنىڭ شان - شەرىپى، ئار - نومۇسى، دۆلەتنىڭ ئامانلىقىنى يۇغۇرۇپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ئىتتىپاقلىق ئۇلۇغ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تاغدا يولۋاس بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يولۋاس بار تاغقا چىقىشتەك ئۇلۇغۋار ھەرىكىتى بىلەن تىللاردا داستان بولغۇدەك، كىشىنى ھاياجانلاندۇرغۇدەك سەلتەنەتلىك سەھىپىلەرنى پۈتۈپ چىقتى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سانسىزلىغان ئاپەت ۋە بەختسىزلىكلەرنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ يەنىلا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئەزەلدىن نىجاتكارنىڭ بولغانلىقىدىن بولماستىن، بەلكى زور ئاپەت، زور بالا - قازا ئالدىدا مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئاددىي كىشىلەرنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەردانىلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن بولغان!»

جاپا تارتماي مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ ئۇلۇغ بولالىشىدىكى تۈپ سەۋەب ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەر ئالدىدا ئەزەلدىن ۋاز كەچمەي، چېكىنمەي، توختاپ قالماي، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئۈچۈن ئېگىلمەي - سۇنماي كۈرەش قىلغانلىقىدا. جۇڭخۇا مىللىتى ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن، تىز پۈكمەس مىللەت بولۇپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىس قانچە چوڭ بولغانسېرى، ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى شۇنچە كۈچەيدى. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جاپا - مۇشەققەت جۇڭگو خەلقىنى سىنىدى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنى چېنىقتۇردى. جۇڭگو خەلقى مىڭلىغان قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، كۈرمىڭلىغان مۇشەققەتلەردىمۇ قەتئىي بوشاشمىغاچقا، بىز كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغاندا قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتەلىدۇق، دۆلەت خەۋپتە قالغاندا قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلالىدۇق، نامرات، قالاق مەزگىلدە جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىيەلىدۇق، دەۋر تەرەققىي قىلغاندا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىيەلىدۇق، جۇڭخۇا مىللىتى ئاندىن دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا باشتىن - ئاخىر قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىدى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، «نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى ھاياتىي كۈچىنىڭ قەيسەرلىكى، ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ زورلۇقى، چىدامچانلىق كۈچىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، ئىجادچانلىق كۈچىنىڭ غايەت زورلۇقى بىلەن دۇنياغا تونۇلۇپ كەلدى، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمىزدىن پەخىرلىنىمىز ۋە ئىپتىخارلىنىمىز!»

خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، خەلق ھەقىقىي قەھرىمان. شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنغىچە، شىنيې يولىدىن فۇشىن يولىغىچە، پارتىيەمىز خەلق ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەن، خەلق ئۈچۈن گۈللەنگەن، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش كۆزلەش ئەسلىي مەقسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. مەيلى قانچىلىك زور خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، مەيلى قانچىلىك زور قۇربان بېرىش ۋە بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئېتىقادى قىلچە تەۋرەنمىگەن. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، پەقەت پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە، خەلققە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە، غەلىبە قىلماي قالمايدۇ. ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا بىز يەنە نۇرغۇن مۇھىم، زور كۈرەشكە دۇچ كېلىمىز. بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە چىڭ تايىنىپ، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىپ، خەلق ئارىسىدا پۇختا يىلتىز تارتىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى ئويلىغاننى ئويلاپ، بىللە ئىشلەپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىجاد قىلىشقا ماھىر بولۇپ، قەتئىي بوشاشماي جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

«ئەنقا كۆكتە پەرۋاز قىلغاندا، بىرلا قانىتىغا تايانغان ئەمەس؛ تۇلپار ئۇچقاندەك چاپقاندا، بىرلا پۇتىنىڭ كۈچىگە تايانغان ئەمەس.» ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاپ، 1 مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ ۋە ئۇرغۇتۇپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرسەك، يېڭى دەۋر ئۇلۇغ مۇساپىسىدە چوقۇم يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)