1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويايلى

日期:2020年04月24日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

دۆلەت ئىچكى ئېھتىياجىنى كۈچەپ كېڭەيتىش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش خەۋپ - خەتىرىنى تۈگىتىشتىكى مۇقەررەر تاللاش، شۇنداقلا بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىمىز.

4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇشنى تەكىتلىدى ھەم دۆلەت ئىچكى ئېھتىياجىنى پائال كېڭەيتىشكە قارىتا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلدى، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

خەلقئارادا يۇقۇمنىڭ سىجىل يامرىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش خەۋپ - خەتىرى كۈچەيدى، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېھتىياجى ئومۇميۈزلۈك زەربىگە ئۇچرىدى. بىز خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىش، تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، قاراتمىلىققا ئىگە بولغان سىياسەت تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ راۋانلىقىنى تىرىشىپ ساقلاپ، تۈرلۈك ئىقتىساد - سودا پائالىيەتلىرىنىڭ نورمال قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، سودىنى، بازارنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىدە كەسىپلەرنىڭ ئايلىنىشى، بازارنىڭ ئايلىنىشى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشقا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

ئىچكى ئېھتىياج دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشمۇ خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. دۆلىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارغا ئىگە، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىغا ئىگە بولۇپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىستېمال بازىرىغا ئايلاندى. ئىستېمال ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئۇللۇق رولغا ئىگە بولۇپ، ئۇدا كۆپ يىل دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى بىرىنچى تۈرتكىلىك كۈچكە ئايلاندى. دۆلىتىمىز يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېز تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرماقتا، سېلىنما ئېھتىياجىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ھېلىھەم غايەت زور. سېلىنمىنى ئىستېمال بىلەن تاشقى سودىغا سېلىشتۇرغاندا، كۆپەيتكۈچى ئېففېكتى زور، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش چەكلىمىسى ئاز، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئېشىشى مۇقەررەر ھالدا ئىستېمال بازىرىنىڭ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى ۋە ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇم پەيدا قىلغان زىيان ۋە تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك.

ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇشتا، مۇھىمى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلەرنى پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك. ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، ئاممىۋى ئىستېمالنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھە ۋە يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش كېرەك. ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئەلئارا كاپىتالنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى تۈرلەرگە قاتنىشىشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىر قىسىم تاشقى سودا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىغا يۈزلىنىشىنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ ئېكسپورتنى ئىچكى بازاردا سېتىشقا ئۆزگەرتىشىنى قوللاش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا كۈچەپ ياردەم بېرىپ، يۆلەپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى ۋە ئۆي ئىجارە ھەققىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ زەنجىرىدىكى تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ، كەسىپ زەنجىرلىرىنىڭ ماسلىشىپ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا نامرات رايونلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئالدىن ئىشلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆۋەن كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، باھا ۋاقىتلىق ياردەم تولۇقلىمىسىنى ۋاقتىدا تارقىتىپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە مۇھىم قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىش كېرەك. ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي، تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆي - مۈلۈك بازىرىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئايلىنىشى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەريانىدا تەدرىجىي نورماللىشىشقا يۈزلەندى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نورمال سەۋىيەگە تەدرىجىي يېقىنلىشىۋاتىدۇ ياكى يېتىۋاتىدۇ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش نۇرغۇن يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى ھەم ئۇنىڭغا تۈرتكە بولدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى غايەت زور ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلدى. بىز جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەشكە جۈرئەت قىلىپ، خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تولۇق قويۇپ بەرسەكلا، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى كۈتۈۋالالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)