1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولايلى

日期:2020年04月23日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىسلاھات توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى شۇنچە تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلەپ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئېنىق كۆرسەتتى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتۈپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، رىقابەت كۈچى ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش زۆرۈر. تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلدى، مۇشۇنداق ۋاقىتتا بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى نىشاندا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، يۇقۇم پەيدا قىلغان تەسىرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ.

تەرەققىيات تېما، ئىسلاھات كۈچ سەرپ قىلىش. خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا، جەزمەن ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا كۈچەپ، يېڭى ئېھتىياجغا ئۇيغۇنلاشقان ئۈنۈملۈك تەمىناتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنىڭ ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى ئىستېمال، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، ئىقتىسادتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، زامانىۋى تەمىنات زەنجىرى، ئادەم كۈچى كاپىتالى مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈش، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش ياراتقان يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 5G تورى، سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ھاياتلىق - ساغلاملىق، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر، كەلگۈسى كەسىپلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا بارلىققا كەلگەن نۇرغۇن يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇللارنى ئېنىقلاپ بىكار قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، مۈلۈك ھوقۇقى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈش، مۇھىم ئامىللارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى، باھا ئىنكاسىنىڭ جانلىق بولۇشى، رىقابەتنىڭ ئادىل، تەرتىپلىك بولۇشى، كارخانىلارنىڭ ياخشىلىرىنىڭ تاللىنىشى، ناچارلىرىنىڭ شاللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئېچىۋېتىش ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىدۇ، بېكىنمىچىلىك مۇقەررەر ئارقىدا قالدۇرىدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشى ئالدىدا، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى تاقالمايدۇ، بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. بىز سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي كېڭەيتىپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، سودا - تىجارەت مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئىمپورتنى پائال كېڭەيتىپ، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئادىل، تەرتىپلىك مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىمىز، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، قاراتمىلىققا ئىگە سىياسەت تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، يەر شارىۋى تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى تىرىشىپ قوغداپ، تۈرلۈك ئىقتىساد - سودا پائالىيەتلىرىنىڭ نورمال قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇش كېرەك.

جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمىگەن، بەلكى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايغان. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتى توغرىسىدىكى باش تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇش ۋە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا جۈرئەت قىلساقلا، چوقۇم تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن تەرەققىيات ۋەزىپىسى ۋە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)