1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرايلى

日期:2020年04月21日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ھازىر ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس مىسلىسىز، جەزمەن قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر ۋە ئېنىقسىزلىقنى تولۇق مۆلچەرلەپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇش كېرەك.

4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيەت، جەزمەن يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق ساقلاش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى، مۇقىملىق ئاساسىدا پائال ئىلگىرىلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەريانىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نورمال ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى، ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك، دەپ تەلەپ قىلدى.

بۇ يىلنىڭ 1 - پەسلى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بولدى، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن زەربە ئېلىپ كەلدى. پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرى - تۆۋەندىكىلەرنىڭ ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىلىق، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەريانىدا ئىقتىساد، جەمئىيەت ئايلىنىشى تەدرىجىي نورماللىشىشقا يۈزلەندى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى غايەت زور ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلدى، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدرىجىي نورمال سەۋىيەگە يېقىنلاشتى ياكى يەتتى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش يەنە نۇرغۇن يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى ھەم ئۇنىڭغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شۇنى كۆرۈش كېرەككى، خەلقئارادا يۇقۇمنىڭ سىجىل يامرىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش خەۋپ - خەتىرى كۈچىيىپ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇزاققىچە تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىدىيە تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشىمىز، بولۇپمۇ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم پىرىنسىپى، شۇنداقلا ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مېتودولوگىيەسى. مۇقىملىق ۋە ئىلگىرىلەش ئورگانىك بىرلىك بولۇپ، ئۆزئارا بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھازىرقى كەسكىن، مۇرەككەپ قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئالدىدا، مۇقىملىق ئاساسىي رىتىم، مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيەت. پەقەت يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق ساقلىغاندىلا، ئاندىن دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەريانىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نورمال ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى، ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەقەت مۇقىملىق ئاساسىدا پائال ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويغاندىلا، ئاندىن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق ساقلاش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمەت سالمىقىنى زورايتىش تەكىتلىنىپلا قالماي، يەنە ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، كەسىپ زەنجىرىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ھازىرقى يېڭى ۋەزىيەتكە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، تۆۋەن چەككە تېخىمۇ يېقىنلىشىدىغان تەلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزنىڭ ئاساسىي كاپالىتى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى تۇتۇش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈش مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇشتىكى ئاساسلىق كۈچەش نۇقتىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرگە قويغان ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

دۇنيانىڭ ئىشلىرى مۇرەككەپ بولسىمۇ، كۆپ نۇقتا، كۆپ تەرەپتىن ئويلىنىپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتا، كېمە دەريادا ماڭغاندەك پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگو 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەت، ئىقتىساد كۆلىمى چوڭ، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك؛ جۇڭگو ئىقتىسادى بىر چوڭ دېڭىز، ھەرقانداق بوران - چاپقۇن بىزنى نېمە قىلالايتتى؟ بىزدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بار، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى بار، مول ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىمىز ۋە قۇدرەتلىك، زور ماددىي تېخنىكا ئاساسىمىز بار، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى بار، بۇ، جۇڭگودىكى ئەڭ زور «ئېنىقلىق»، بىز بۇ ئارقىلىق تۈرلۈك «ئېنىقسىزلىق»لارغا تاقابىل تۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تېزدىن قايتا قەد كۆتۈرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)