1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتايلى

日期:2020年04月19日
来源:天山网
【字体:

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ۋەزىيەت ۋەزىپىنى بەلگىلەيدۇ، ھەرىكەت نەتىجە - ئۈنۈمنى بەلگىلەيدۇ.

4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ ھازىرقى ئىقتىساد ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، تەتقىق قىلدى، ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.

ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى داۋامىدا ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈشى تەدرىجىي نورماللىشىشقا يۈزلەندى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېزلەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارادا يۇقۇم سىجىل يامراپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش خەۋپ - خەتىرى كۈچىيىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ساقلاش، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن خىرىس مىسلىسىز بولۇۋاتىدۇ. كەسكىن، مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد ۋەزىيىتى ئالدىدا، بىز تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر ۋە ئېنىقسىزلىقنى تولۇق مۆلچەرلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

بۇ يىلنىڭ 1 - پەسلى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بولدى، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن زەربە ئېلىپ كەلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈش تەرتىپىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېزلەشتى. گەرچە 1 - پەسىلدە ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن 3 - ئايدا ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردە ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تارايدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈچلۈك بولدى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى غايەت زور چىدامچانلىقىنى نامايان قىلدى، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدرىجىي نورمال سەۋىيەگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ ياكى يېتىۋاتىدۇ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش نۇرغۇن يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى بارلىققا كەلتۈردى ھەم تۈرتكە بولدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كەسكىن كۈرىشى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىز مول ماددىي تېخنىكا ئاساسى ۋە كۈچلۈك تەمىنلەش ئىقتىدارى، ماسلىشىش ئىقتىدارى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى. بوران - چاپقۇندا توسالغۇسىز ئىلگىرىلەشتە بىزنىڭ تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە غەيرىتىمىز بار.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ساقلاش، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، بىز جەزمەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشىمىز، پۇختا تۇتۇشىمىز، ئىنچىكە تۇتۇشىمىز كېرەك. ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەم ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنى زۆرۈر مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەشكە پائال يېتەكلەپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇشى كېرەك، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك، ھەرقايسى جايلار ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى دەل جايىدا ياخشى تۇتۇپ، ئاجىز ھالقىلارنى مۇستەھكەملەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يوچۇقلارنى ئېتىشى كېرەك. سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، قاراتمىلىق ۋە ئۈنۈملۈكلۈكنى ئۆستۈرۈپ، چېگرا سىرتىدىكى دۆلىتىمىز پۇقرالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، پورت شەھەرلەرنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي ياخشى قوغداپ ۋە ساقلاپ، مەركەزلىك ئايرىۋېتىلگەنلەرگە بولغان بىخەتەر مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە ئالاقىدار دۆلەتلەرنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق خەلقئارا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

ھازىر ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بىز جەزمەن ھەقىقىي تۈردە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇشىمىز كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەشكە جۈرئەت قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇشى، ئىنچىكە تۇتۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشى كېرەك.

ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك ئىچىدە دۇنياغا كېلىپ، جاپا - مۇشەققەت ۋە ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا قۇدرەت تاپقاچقا، پارتىيەمىز كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك سىياسىي ئەۋزەللىككە ئىگە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ مەيدان چوڭ سىناقتا بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جاسارىتىنى چېنىقتۇرىدىغانلا بولساق، چوقۇم كەڭ خەلق ئاممىسىنى يېتەكلەپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)