1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى سىڭدۈرۈش - يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، مۇھىملىقى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشتا

日期:2020年04月16日
来源:天山网
【字体:

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى 5 - قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى، بۇ يىللىق پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش». ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئورتاق تونۇشى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ - خەتەرنى ئويلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى بىر مۇھىم، زور پىرىنسىپى. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، چوقۇم دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، سىياسىي بىخەتەرلىكنى نېگىز قىلىپ، تاشقى خەۋپسىزلىك ۋە ئىچكى خەۋپسىزلىك، دۆلەت زېمىن خەۋپسىزلىكى ۋە خەلق بىخەتەرلىكى، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئورتاق بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

«تاسادىپىي ئىشلاردىن ئالدىن مۇداپىئەلىنىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەقەللىي ساۋات». ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە تاشقى ئامىللىرى تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن مول، زامان - ماكان ساھەسى تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن كەڭ، ئىچكى - تاشقى ئامىللار تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن مۇرەككەپ. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، مۈشكۈل، ئېغىر دۆلەت ئىچى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، تۈرلۈك مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش قىيىن بولغان خەۋپسىزلىك خەۋپ - خەتىرى خىرىسلىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن. ھەرقانداق بىر ساھەدە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى كۆرۈلسە، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشى، ھەتتا دۆلەت مەنپەئىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇشتا، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى، يېڭى يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەم تاشقى خەۋپسىزلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم ئىچكى خەۋپسىزلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم دۆلەت زېمىن خەۋپسىزلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم خەلق بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم تەرەققىيات مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم خەۋپسىزلىك مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم ئورتاق بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

دۆلەتنىڭ ئاسايىشلىقى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكىدە ھەممە ئىش خەلق ئۈچۈن، ھەممە ئىشتا خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئورتاق تىرىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى پۇختىلاپ، تۈرلۈك خەۋپسىزلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۈگىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ھەممە كىشى قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى سىڭدۈرۈش - يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، مۇھىملىقى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشتا. ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەشۋىقات تەلىم - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. پەقەت ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى تەشۋىقات - تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز سىڭدۈرۈپ، يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى ھەقىقىي پۇختىلىغىلى بولىدۇ؛ پەقەت ھەممە ئادەم دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، كاللىسىدىكى «خەۋپسىزلىك كىلاپانى»نى چىڭىتقاندىلا، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بىر نىيەتتە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ پولات سېپىلىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش، دۆلەتنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرساق، بىز چوقۇم دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشالايمىز!

(4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)