1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش جېڭىدە مەسئۇلىيەتنى چىڭىتايلى

日期:2020年03月13日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

− ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئېغىر نامرات رايونلاردىكى ئاممىنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى ھەربىر كىشىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، قاتلاممۇ قاتلام مەسئۇل بولىدىغان، ھەممە ئادەم ھەرىكەتكە كېلىدىغان، ئەسكىرىي كۈچ مەركەزلىشىدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىدىغان ئومۇمىي ھۇجۇم ھالىتى ۋە قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قانچە ئەڭ ئاخىرىغا بارغانسېرى پارتىيە رەھبەرلىكىنى شۇنچە كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتكەن ۋە ياخشىلىغاندىلا، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈچلىرىنى زىچ ئۇيۇشتۇرغىلى بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «قوش گۇرۇپپا باشلىقى تۈزۈمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ئېغىر نامرات رايونلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، بۇرچىغا يۈز كېلەلەيدىغان بولۇشى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى باش بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇشى، ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىشى، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇشى؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلار نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ جەڭ قىلىشنى شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئاساسىي كارتىنىسىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

قىيىنىغا تېگىش قىلىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون بۇ يىل قالپىقى تاشلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيە، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلمىگەن 559 نامرات كەنتكە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئالدىنقى باسقۇچلۇق جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايوندىكى ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر باشلامچى بولۇپ، ھەرقايسى ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىدىغان ناھىيەلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ناھىيەلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، سۈرئەتكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مۇستەھكەملەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سۈپەتكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەسىلىلەرنى بايقىشى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بەردى. قاتتىق نازارەت قىلىش، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ جەڭنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش - تاماملىيالماسلىقتا، ئاچقۇچ ئادەمدە، ئاچقۇچ كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىستىلىدا. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا پىشقان تەجرىبە ۋە بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە تاۋلانغان ئىقتىدارنى ياخشى ئىشلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ جەڭ مەيدانىدا ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى سىناش ۋە ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كادىرلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئېنىق ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى تۇرغۇزۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كادىرلارنى چېنىقتۇرۇش، يېتىشتۈرۈش، كادىرلارنى تەكشۈرۈش، پەرقلەندۈرۈش، كادىرلارنى باھالاش، ئىشلىتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىجىل تۈردە ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئاكتىپلىقىنى كەڭ قوزغاپ، نامراتلارنى مەخسۇس تۈر بويىچە يۆلەش، ساھەلەر بويىچە يۆلەش، جەمئىيەت يۆلەش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق يۆلەشتىن ئىبارەت «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن» نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىش بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ ھەمكارلىقى، ئەمگەك مۇلازىمىتى ھەمكارلىقى، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ياردەم بېرىش - يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، خادىملار ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش، تېخنىكىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، قاراشنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئىستىلدا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى نۇقتا بەلگىلەپ يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەنتلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ نامراتلارنى نۇقتا بەلگىلەپ يۆلەش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامرات كەنتلەرنىڭ «بەش بىر» ھۆددىگە ئېلىش، ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش ۋە نامرات ئائىلىلەردە تۇرۇشتىن ئىبارەت «ئىككىنىڭ تولۇق قاپلىشى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايون ئىچىدە ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىش، شىمالىي شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، بىڭتۇەن يەرلىككە ياردەم بېرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش، كەسىپ ھەمكارلىقى، ئەمگەك مۇلازىمىتى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپلا قالماي، يەنە ياخشى سۆزلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتىكى يېڭى تەدبىر، يېڭى چارىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ تىپىك ئىش ئىزلىرى ۋە نامرات رايونلاردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممە ئادەم مەدەت بېرىدىغان، ھەممە ئادەم قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

«كۆپنىڭ كۈچىدىن پايدىلانغاندىلا، جاھاندا تەڭداشسىز بولغىلى بولىدۇ.» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ھەممە ئادەم خالايدۇ، ھەممە ئادەم قىلالايدۇ. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ، ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىش بىلەن بىللە، يۇقۇم پەيدا قىلغان زىياننى قەتئىي تولۇقلاپ، يۇقۇم دەخلى يەتكۈزگەن ۋاقىتنى قايتۇرۇۋېلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا تەۋرەنمەي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشتا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا قەتئىي غەلىبە قىلىشتا تەۋرەنمەي، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەي، بىر نىيەتتە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ سەرخىل سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى.