1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا چارە - تەدبىرلىك بولۇش كېرەك

日期:2020年03月16日
来源:天山网
【字体:

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

مەرد مەيداندا سىنىلار، سادىق ئادەم بوران - چاپقۇندا بىلىنەر. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا نىسبەتەن مۇھىم، زور سىناق، ئۇ كادىرلارنىڭ ھەم كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان جاسارىتىنى سىنايدۇ، ھەم كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇش ئىقتىدارىنى سىنايدۇ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە بېرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روشەن سىياسىي پەزىلىتى، شۇنداقلا بىزنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىمىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، بۇ مەيدان چوڭ سىناقتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جاسارىتى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەقىل - پاراسىتى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا چارە - تەدبىرلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشتە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى. ھەرقايسىسى ئۆز ئىش ئورنىدا تۇردى، ئۇلار تېببىي خىزمەتچىلەر، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، پىدائىيلار قاتارلىقلاردۇر. ئۇلار ئاچقۇچلۇق پەيتتە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ، خەتەرلىك پەيتتە جان پىدالىق كۆرسىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى نامايان قىلدى، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈردى. ھازىر، خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر، چېگرا ئىچى - سىرتىدا خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە توپلىشىشىنىڭ كۆپىيىشى ئېلىپ كېلىدىغان يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ - خەتىرى زورايماقتا. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قاتتىق ئىستىل، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس كۈچەيدى، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى قوشقاندا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ ئاشتى. خەۋپ - خەتەر يۇقىرى رايونلار زېھنىنى داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشتا، خەۋپ - خەتەر ئوتتۇراھال رايونلار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، خەۋپ - خەتەر تۆۋەن رايونلار ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، ھەممىسىلا مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىققا، قىلىدىغاننى قىلماسلىققا، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى خالىماسلىققا، قورقۇنچاقلىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، ھۇرۇنلۇق قىلىشقا، سۆرەلمىلىك قىلىشقا، ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرالماسلىققا، خىزمەتتە پىكىر يولى بولماسلىققا ھەرگىز بولمايدۇ، ئەپلەپ - سەپلەپ ئىش قىلىشقا، ئىستىلدا لەيلىمىچىلىك قىلىشقا، خىزمەتنى ئىنچىكە تۇتماسلىققا، پۇختا تۇتماسلىققا ھەرگىز بولمايدۇ. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان» چىدامچانلىق، «دۈشمەن قورغىنىنى ئالمىغۇچە يۇرتىغا قايتمايدىغان» جان تىكىپ ئېلىشىش غەيرىتى ئارقىلىق، كۆڭۈلنى توختىتىپ، كەمتەر بولۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئويلاۋاتقان، ھەل قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇشى، ئىنچىكە تۇتۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئۇسۇلىنى قەتئىي تۈزىتىپ، كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشقا سەرپ قىلدۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇلىيەت ئالدىدا چارە - تەدبىرلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاجىز مۈرىدە ئېغىر يۈكنى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك: «مەيلى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش بولسۇن ياكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش بولسۇن، كەڭ مۈرىگە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تۆمۈردەك مۈرىگە ئېھتىياجلىق؛ سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ماھارەتنىڭ يۇقىرى، كۈچلۈك بولۇشىغىمۇ ئېھتىياجلىق.» بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە، بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە كەسپىي ئىقتىدارى روشەن يېتىشەلمىدى، جەزمەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۆزى مەسئۇل ساھەدىكى كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، تىرىشىپ ئۆزىنى كەسىپ ئەھلى رەھبەرگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق چوڭ سىناق. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەر ۋە ئاجىز تۈرلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈم مۇداپىئە لىنىيەسى قۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان شەھەر ئىدارە قىلىش ۋە شەھەر - يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىشى كېرەك.

تارىخقا نەزەر سالساق، پارتىيەمىز ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك ئىچىدە دۇنياغا كەلگەن، جاپا - مۇشەققەت ۋە ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا زورايغان. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى بولغاچقا، كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارى ۋە مول ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى بولغاچقا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى بولغاچقا، بىز چوقۇم بۇ مەيدان يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايمىز، يەنە چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)