1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

قازا قىلغانلارنى ياد ئېتەيلى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى

日期:2020年04月05日
来源:天山网
【字体:

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

چىڭمىڭ مەزگىلىدىكى چوڭقۇر ياد ئېتىش. 2020 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، پۈتۈن مەملىكەتتە ۋە چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلاردا بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ تەزىيە بىلدۈرۈلدى، پۈتۈن مەملىكەتتە ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى توختىتىلدى.

بۇ، قازا قىلغانلارنى چوڭقۇر ياد ئەتكەنلىك. بۇ مەيدان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، بىز نۇرغۇن جان - جىگەر قېرىنداشلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، كېسەللىك ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشقان، بەختكە قارشى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ ھاياتىنى تەقدىم قىلغان تېببىي خادىملار بار، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ خىزمەت قىلغان، تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ بەختكە قارشى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى بار، ئاتاكىغا ئۆتۈپ شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلىغان، بەختكە قارشى ئەڭ ئالدىنقى سەپتە يىقىلغان پارتىيەلىك كادىرلار بار، ۋىرۇسقا قارشى قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغان، بەختكە قارشى كېسەل بولۇپ قازا قىلغان ئادەتتىكى ئامما بار... ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ جان - جىگەر قان قېرىنداشلىرىمىز، ھايات - ماماتتا بىللە بولغان تۇغقانلىرىمىز. قېرىنداشلىق مېھرى، قېرىنداشلارچە دوستلۇق، ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ چوڭقۇر ھېسسىيات. بىز بېشىمىزنى تۆۋەن سېلىپ، قەلبىمىزدىكى ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزغا قىيالماسلىقتەك سەمىمىي مېھىر - مۇھەببىتىمىزنى سۈكۈت ئىچىدە ئىزھار قىلايلى؛ بىز ياد ئېتەيلى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ سۆيگۈسى ۋە سېغىنىشىنى ئېلىپ خاتىرجەم يېتىشىنى تىلەيلى.

بۇ، ھاياتلىق قىممىتىگە بولغان ئىززەت - ھۆرمەت. «دۆلەت قانچە گۈللەنسە، پۇقرالارغا شۇنچە غەمخورلۇق قىلالايدۇ.» بۇ مەيدان يامان ئەلپازدا كەلگەن يۇقۇم ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دەسلەپتىلا خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قوللانغان بارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقنىڭ ھاياتىنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش ئالدى بىلەن ئويلىشىلدى، نامايان قىلىنغىنى خەلق مەركەز قىلىنغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى بولدى. «ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك، يۇقۇمنىڭ ئۆزى بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيەت»دەپ تەكىتلەشتىن خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچى بىلەن ياردەم بېرىشكىچە، يەنە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشكىچە، خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان قىممەت ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلدى. يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولغانلار غەلىبە قىلالايدۇ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلغانلار يېڭەلەيدۇ. بىز تەزىيە بىلدۈرۈش داۋامىدا ھاياتلىقنىڭ قىممەتلىكلىكى، ھاياتلىقنى ئىززەتلەش - ھۆرمەتلەشنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش ئىشەنچىمىز ۋە جاسارىتىمىزنى تېخىمۇ ئۇرغۇتايلى.

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە باسقۇچلۇق مۇھىم نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپى تېز ئەسلىگە كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى نامايان قىلىندى. بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك قەھرىمانلىق خىسلىتى نامايان قىلىندى، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى نامايان قىلىندى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب پەزىلەت نامايان قىلىندى، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىشتەك ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيە نامايان قىلىندى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، تەقدىرداش بولۇشتەك كەڭ قورساقلىق نامايان قىلىندى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم مەنىۋى كۈچكە ئايلانغۇسى. جۇڭخۇا مىللىتى تارىختا نۇرغۇن ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، لېكىن ئەزەلدىن باش ئەگمەي، بەلكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە قەيسەر بولۇپ، ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە غەيرەتكە كەلگەن. ئاپەتتە تەجرىبە ۋە ساۋاقلارنى يەكۈنلەش، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولغان مىللەت جەزمەن تېخىمۇ قەيسەر، تېخىمۇ يېڭىلمەس بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاپەتتە يوقىتىپ قويغانلىرى جەزمەن ئۆزىنىڭ ئىلگىرىلىشى داۋامىدا تولۇقلىنىدۇ.

بوران - چاپقۇن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، تۇرمۇش يەنە داۋاملىشىدۇ؛ قازا قىلغانلار خاتىرجەم يېتىڭلار، ھايات قالغانلار قەيسەر بولايلى. ئۇلۇغ مىللىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بارلىق قىيىنچىلىق، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ مېڭىش ھەم قازا قىلغانلارغا بولغان ئەڭ ياخشى تەسەللى ھەم ھايات قالغانلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى. بىز قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، داۋاملىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېخىمۇ باتۇرلۇق، قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرىلەيلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)