1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرەيلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

日期:2020年03月12日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئومۇمىي تەلىپىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ئەسكىرىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېغىر نامراتلىقنى يوقىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. بۇ تەلەپ بىزنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىمىز ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مۇھىم نۇقتىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، جەزمەن چىشىمىزنى چىڭ چىشلەپ، «ئوت كۈچى»نى مەركەزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست پۈتۈن مەملىكەتتىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يەنە ئون ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىمىغان، 559 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقمىغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىمىغان 52 ناھىيە، نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقمىغان 2707 كەنتنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۇجۇم قىلىش ئەڭ قىيىن بولغان «قورغان» بولۇپ، قىيىن ئۆتكەلنىڭ قىيىنى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېسىمى بىرقەدەر زور، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تەسىر كۆرسەتتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە يەنە ئاجىز ھالقىلار بار. بۇ دەل شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئومۇمىي ھۇجۇم جېڭىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى. ئەسكىرىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېغىر نامراتلىقنى يوقىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا دەل دىققەتنى بۇ مۇھىم نۇقتىغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ «قورغان»لارنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىش كېرەك.

ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش، دەل ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇشتۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمى دەل «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ، نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلغان - قۇتۇلمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان قاتتىق ئۆلچەم، يادرولۇق كۆرسەتكۈچ، دەپ تەكىتلىدى. ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، بىز «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئۆلچىمىنى شۇنچە چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، ھەم ئۆستۈرۈۋەتمەي ھەم تۆۋەنلىتىۋەتمەي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرىنى كەم - كوتسىز، يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقىنى تاشلاش، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. يەنە گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق خىزمەتلەرگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ۋەزىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يېڭىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەڭ قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپى، ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەر، ئەڭ ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، قاراڭغۇ رايون قالدۇرماسلىق، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

نىشان ۋە ئۆلچەم ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ئەسكىرىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ جەڭ قىلىش كېرەك. «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلىك راۋاجلاندۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، كەشتە تىكىش ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ۋە يېزا - كەنت ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆچۈرگەندىن كېيىنكى داۋاملاشما يۆلەشنى كۈچەيتىپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ۋە يوللار ئارقىلىق 165 مىڭ 800 نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.

نامراتلىقتىن چېكىنگەن نامرات ناھىيە، نامرات كەنت، نامرات نوپۇسقا قارىتا، يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەربىر مەسىلىنى ئاخىرغىچە تۇتۇشقا، جايىدا تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تېز ئورنىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە يېڭىدىن نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈرئىتى ۋە سۈپىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، قالپاقنى تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماي، قالپاقنى تاشلىسىمۇ سىياسەتنى تاشلىماي، قالپاقنى تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماي، قالپاقنى تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماي، نامراتلارنى يۆلەش كۈچىنى ساقلاپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتمەي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

قىيىننىڭ قىيىنىنى چىڭ كۆزلەپ، قىيىن ئۆتكەلنىڭ قىيىنىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىز ئەسكىرىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، «قورغان»غا قاراپ ئاتاكىغا ئۆتەيلى!