1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

日期:2020年02月05日
来源:新疆日报
【字体:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، كېيىنكى قەدەمدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

«ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەللىك ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يىغىندا چىقىرىلغان تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتىمىز.

ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك، مەسئۇلىيەت زىممىمىزدە. ھازىر، نۇرغۇن تېببىي خىزمەتچى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرماقتا.

خۇبېي جيايۈ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئوپېراتسىيە بۆلۈمىنىڭ سېستراسى دۇ چيۇڭ يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمىگە ياردەم بېرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى ھەم ئۇدا نەچچە كۈن ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى. ئۇنىڭ ئېرى توك بىلەن تەمىنلەش ئىشچىسى بولۇپ، دوختۇرخانا ئەتراپىدىكى لىنىيەلەرنى ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدى. ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ھەرقايسىسى ئۆز ئۇسۇلى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشتى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، دەپ تەكىتلىدى. بىز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇۋاتىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ زور كۈچىنى چىقىرىمىز.» دۇ چيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، داۋاملىق بىرىنچى سەپتە ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەللىك ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىمەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە «ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇش» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، بېيجىڭ شەھىرى شىجىڭشەن رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى ۋېنخۇادا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېيجىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشى - تىزگىنلىشى چاغاندىن كېيىنكى كىشىلەرنىڭ بېيجىڭغا قايتىش خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە. شىجىڭشەن رايونى تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كۈچنى بىرىنچى سەپكە قارىتىپ، 330 كادىرنى مەھەللە ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا جىددىي يۆتكەپ، يۇقۇمنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى تىرىشىپ تۈگىتىدۇ.

شىنياڭ خېنەننىڭ جەنۇبىي چوڭ دەرۋازىسى، ۋۇخەن بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 كىلومېتىرلا كېلىدۇ. شىنياڭ شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ جيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، ھازىر شىنياڭ شەھىرىدىكى سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇدى. مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇش مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، تارقىلىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، قوبۇل قىلىپ داۋالاش نىسبىتى ۋە ساقايتىش نىسبىتىنى تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر بىلەن ئۆستۈرۈپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىمىز.

جېجياڭ داشۆ تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا جېجياڭدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان نۇقتىلىق دوختۇرخانا، دوختۇرخانا يۇقۇم بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چۈ تىڭتىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇملۇق كېسەل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش پەن - تېخنىكا تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، تارقالغان رايونلارنى توغرا ھۆكۈم قىلىپ، ئالدىن مۆلچەرلەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئايرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىنچكىلەشتۈرۈپ ئىشلەيمىز.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پەقەت تېببىي دورا، سەھىيە مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ھەر تەرەپلىمە خىزمەت، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى مەدەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سائەت 16دىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە، 23 سائەت سەرپ قىلىپ، گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، خۇبېيدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىنى كېسىپ ئۆتۈپ، 1166 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، گۇاڭدۇڭنىڭ 40 توننا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىئانە ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان 41168 - قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ۋۇخەنگە بىۋاسىتە يېتىپ باردى.

بۇ قېتىمقى مال توشۇشقا مەسئۇل بولغان گۇاڭتيې گۇرۇھى گۇاڭجوۋ يۈك تىرانسپورت مەركىزى سەنشۈي غەربىي يۈك مەيدانىنىڭ خىزمەتچى خادىمى فۇ تىڭ مۇنداق دېدى: ماددىي ئەشيالارنى ئىمكانقەدەر تېز يەتكۈزۈش ئۈچۈن، گۇاڭجوۋ يۈك تىرانسپورت مەركىزى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يېشىل يول ئېچىپ، «ئالدىن توشۇشنى ھۆددىگە ئالدى، ئالدىن ۋاگونغا قاچىلىدى، ئالدىن چېتىپ توشۇدى».

«مەركەز نورمال ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداشنى تەلەپ قىلدى، بىزنىڭ ھازىر قىلالايدىغىنىمىز، دەل ئەڭ تېز سۈرئەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ھەمدە كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق ئاھالىلەرنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى توشۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا تۆھپە قوشۇش» دېدى فۇ تىڭ.

مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى شەندۇڭ نۇقتىلىق داۋالاش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلماقتا.

خۇايې توقۇلمىسىز رەخت چەكلىك شىركىتى شەندۇڭ زىبودىكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان توقۇلمىسىز رەخت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇپ، مەھسۇلاتى ئاساسلىقى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا، مۇداپىئە كىيىمىنىڭ خام ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كارخانا چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى، يەتتە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ھەممىسى پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىپ، 24 سائەت تولۇق نورمىلىق ئىشلەپچىقاردى. شۇ جايدىكى بانكا يەنە ئۇلارنى جىددىي قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىدى.

«مەركەز داۋالاش، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى، بىز كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشىدا، چوقۇم پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىمىز» دېدى شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ جىڭ.

جياڭسۇ ئۆلكىلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى جوۋ يىبياۋ مۇنداق بىلدۈردى: جياڭسۇ ئۆلكىسى مەركەزنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بىرىپ، چوڭ ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت چۈشۈرگەن تەقسىملەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

«نۆۋەتتە، جياڭسۇدىكى 74 ئالاقىدار نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن ئىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرگىنى ۋە ئىشنى قىسمەن ئەسلىگە كەلتۈرگىنى 69 بولۇپ، كۈندىلىك ماسكا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2 مىليون 500 مىڭدىن ئاشتى، باشقا داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان ماددىي ئەشيالارنىڭ زور قىسمى نورمال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىگە يەتتى» دېدى ئۇ.

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەتتە «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىش. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، يەنە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىنى تىرىشىپ ساقلاش كېرەك.

قايتىدىغان يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ تەدرىجىي ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو تۆمۈريولى نەنچاڭ ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى كەسىپتە پىشقان 20 نەپەر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز شوپۇرى، يېتەكچى شوپۇرنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى، ئۇلار نەنچاڭنىڭ غەربىدىن يولغا چىقىپ، ۋۇخەندىن ئۆتۈپ جېڭجوۋنىڭ شەرقىگە بارىدىغان ئالتە جۈپ ئوق پويىزغا چىقىپ نۆۋەتچىلىك قىلدى.

«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى گەرچە كەسكىن بولسىمۇ، لېكىن نورمال ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنىمۇ ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك، بىز مەركەزنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر بىلەن تۆمۈريول چوڭ تومۇرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.» يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز شوپۇرى يىن شىتاۋ مۇنداق دېدى: «كىشىلەرنىڭ راۋان يول يۈرۈشى، يۈكلەرنىڭ راۋان توشۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىز!»

1 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن ھازىرغىچە، شاڭخەي پۇتو رايونى شىچۈەن يولى كوچا باشقارمىسى شىئېر ئاھالىلەر رايونى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۇ يافاڭ بىر كۈنمۇ ئارام ئالمىدى. «2003 - يىلى سارس مەزگىلىدە، مەن تېخى پارتىيە ئەزاسى ئەمەس ئىدىم، پىدائىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەر كۈنى ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەيتتىم، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە تەجرىبەم بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر مەن پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى» دېدى ئۇ.

تەجرىبىلىك مەھەللە «باشلامچىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۇ يافاڭ بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەتراپلىق ياخشى قىلدى. مەھەللىدىكى ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ئاھالىلەرگە قارىتا، سۇ يافاڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى دائىم كۆڭۈل بۆلۈپ تېلېفون قىلىپ، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېھتىياجىغا قاراپ ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بەردى، ھەر كۈنى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بەردى.

«مەھەللە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئاساسىي قاتلام <مۇھاپىزەتچى>لىرىدىن بولۇپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن پۇقرالارغا بىر ئۈلۈش بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىمىز» دېدى سۇ يافاڭ قەتئىيلىك بىلەن.