1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلايلى

日期:2020年01月29日
来源:新疆日报
【字体:

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تېز يامراۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەت ئالدىدا، بارلىق جۇڭگولۇقنىڭ ھەممىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش زەنجىرىدىكى بىر ھالقا، بىز ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، «ئىس - تۈتەكسىز، لېكىن ھايات - ماماتلىق» بۇ مەيدان جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

دەھشەتلىك يۇقۇم ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كەڭ تېببىي خادىملار خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى؛ ئالاقىدار ساھەلەردىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، سەپ تارتىپ تەييار تۇردى. بۇ مەيدان جەڭدە، نۇرغۇن كىشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئائىلىدىكىلىرى بىلەن جەم بولۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، چوڭ ئائىلە ئۈچۈن كىچىك ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ ئامانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە قارىماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇلار يېڭى دەۋردىكى «ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر»، دەل ئۇلارنىڭ چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشى بولغاچقا، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. بىز ھاياتلىقنى قوغداۋاتقان ھەربىر قەھرىمانغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، تېخىمۇ قول تۇتۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈشىمىز كېرەك.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، جەزمەن ئىدىيە جەھەتتىن ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەربىر كىشىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، قەتئىي بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، قەتئىي چەتتە قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايون ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا تاسادىپىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەنى يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك جىددىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللاندى. بىز ھەربىر كىشىدىمۇ سەگەك تونۇش بولۇشى، يۇقۇم ئالدىدا «مۇناسىۋەتسىز كىشى يوق» دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، «نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان يۇقۇپ قالسۇن» دەيدىغان تەلەي سىناش روھىي ھالىتىنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، جەزمەن ھەرىكەتتە ئاڭلىق بولۇش كېرەك. چۈشىنىش ۋە ماسلىشىش ئەڭ كۈچلۈك قوللاشتۇر، كۆيۈنۈش ۋە ئىتتىپاقلىق ئەڭ ئىللىق تەسەللىدۇر. يۇقۇم ئالدىدا، ھەممە ئادەم ئۆز ساغلاملىقىنىڭ بىرىنچى جاۋابكارى بولۇپ، ئىلمىي تەربىيەلىنىش ۋە تېببىي مۇداپىئە كۆرۈش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ماسكا تاقاش، قولنى يۇيۇپ تۇرۇش، ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرمەسلىك قاتارلىق ياخشى ئادەتنى ئاڭلىق يېتىلدۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە مۇھىم قائىدىنى تونۇپ، چوڭ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، گەرچە چاغان مەزگىلى بولسىمۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەرنى يوقلاش، جەم بولۇپ تاماق يېيىش قاتارلىق بىر قىسىم پائالىيەتلەردىن ۋاز كېچىپ، ئامال بار كىشىلەر زىچ توپلاشقان سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئۇچۇرلارغا قارىتا، ئەگەر نوپۇزلۇق تارماقلار دەلىللىمىگەن بولسا، ئىشەنمەسلىك، تارقاتماسلىق، يوللىماسلىقنى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ۋە سەپەرگە چىقىشىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ساغلام تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئىدراكى ئاممىۋى پىكىر ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلغاندىلا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە كۈچلۈك تىرەك شەكىللەندۈرەلەيدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشالايدۇ.

ھەممە بىر نىيەتتە بولسا، ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان تاغ يوق؛ كۆڭۈللەر، قوللار تۇتاشسا، ھەل بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق. 1998 - يىلىدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇشتىن 2003 - يىلىدىكى سارسقا تاقابىل تۇرۇشقىچە، يەنە 2008 - يىلىدىكى سىچۇەن ۋېنچۇەندىكى قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشقىچە، ھەرقانداق قىيىنچىلىق قەھرىمان جۇڭگو خەلقىنى يىقىتالمىدى. بىز ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساقلا، چوقۇم بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتەلەيمىز. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى بولغاچقا، شىنجاڭ خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئۆزئارا ھەمدەم بولغاچقا، بىز چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.