1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىمىز

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

日期:2020年01月26日
来源:新疆日报
【字体:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مەخسۇس ئاڭلىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بولۇپمۇ ئاغرىقلارنى داۋالاش خىزمىتىنى قايتا تەتقىق قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قايتا سەپەرۋەر قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

«ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ تۇتۇشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يىغىندا چىقىرىلغان تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە چوقۇم قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت

1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يېرىم كېچىدە، ۋۇخەن دۇڭخۇ مەنزىرە رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى دۇڭخۇي يەنىلا ئاغرىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يۆتكەش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

«باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، مۇشۇ چاغدا خۇددى <كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچ>تەك ھېس قىلدۇق، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى.» لى دۇڭخۇي مۇنداق دېدى: پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، بارلىق قىزىغان ئاغرىقلارنى يىغىپ داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى يۈزدەيۈز يىغىپ داۋالاپ، قالدۇرۇپ كۆزىتىشكە تېگىشلىكلىرىنى يۈزدەيۈز قالدۇرۇپ كۆزىتىپ، يۆتكەپ دىياگنوز قويۇشقا تېگىشلىكلىرىنى يۈزدەيۈز يۆتكەپ دىياگنوز قويۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خۇبېيغا يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدىغانلىقىدەك مۇھىم، زور قارارىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ھىمايە قىلىمىز، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى 1 - دەرىجىلىك مۇھىم ئىش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، پارتىيەلىك مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار شەھەر، ئوبلاستلارنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇش قارارىنى چىقاردى، بۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بىرتۇتاش ھەرىكەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«بۇ يۇقۇم خەتەرلىك پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى مەخسۇس رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، بىزنىڭ دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتتى» دېدى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسى داۋالاش ئەترىتىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى ماۋ چىڭ.

بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر، تېخىمۇ كەسكىن ھەرىكەت ئارقىلىق، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

يۇقۇم ئالدىدا، تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار چوقۇم ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجە، ئەڭ قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايمىز.

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىغىندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ۋە خەلقچىل مېھىر - مۇھەببىتى تولۇق نامايان قىلىندى، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىزنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

سودا مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار گۇرۇپپا باشلىقى بولغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىمىز، بولۇپمۇ تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارماقلارنىڭ بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىمىز.

ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، يۇقۇملانغان ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىمىز

جىددىي داۋالاش ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جېجياڭ تەيجۇ شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا نەپەس ۋە خەتەرلىك - ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ياڭ شى ۋۇخەنگە ياردەم بېرىش پويىزىدا بۇ قېتىمقى مۇھىم يىغىننىڭ روھىنى ئىگىلىدى.

«باش شۇجىنىڭ <پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ، ھەممىسى سىلەرنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىڭلار> دېگەن بۇ سۆزىنى كۆرۈپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىزنىڭ ئىشەنچىمىز بار، ھەققانىيەت يولىدىن قايتمايمىز!»

ئۇدا ئون نەچچە كۈن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان ئەنخۇي ئۆلكىسى فۇنەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس كېسەللىرى بۆلۈمى 2 - كېسەل رايونىنىڭ مۇدىرى چۈ كەيشىن تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» قۇتقۇزۇش - داۋالاش پىرىنسىپى ئارقىلىق ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرىنى تېخىمۇ ئىلمىي ئۈنۈملۈك داۋالىنىشقا ئىگە قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇۋالغىلى، يەنە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

ۋۇخەندىكى يۇقۇملانغان ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش «ئاساسىي جەڭ مەيدانى» − جىنيىنتەن دوختۇرخانىسىدا ياردەمگە كەلگەن شاڭخەي شەھەرلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس ۋە ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمى ۋىراچلار گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى جوۋ شىن 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يېرىم كېچىدە 136 نەپەر ئەترەت ئەزاسىنىڭ مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇردى.

«يىغىن خەۋىرىنى مەن نەچچە قېتىم كۆردۈم، مەركەز كەڭ داۋالاش - سەھىيە خادىملىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ياخشى قوغداش، مۇداپىئەلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەشنى ياخشى ئىشلەش، مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدىن مەن چوڭقۇر ئىلھاملاندىم. بىز چوقۇم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزىمىز - داۋالايمىز.» دېدى جوۋ شىن.

ئىلگىرى سارسقا تاقابىل تۇرۇش جېڭىگە قاتناشقان جۇڭگو جۇڭيى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى، ئاكادېمىك تۇڭ شياۋلىن يەنە ۋۇخەن يۇقۇم مۇداپىئەسى بىرىنچى سېپىگە كەلدى. «يىغىندا جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش تەكىتلەندى، بۇ، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك داۋالاش لايىھەسى ۋە دورىسىنى تېزدىن تېپىپ چىقىپ، يۇقۇم مۇداپىئەسى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.» دېدى تۇڭ شياۋلىن.

دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى مۇنداق بىلدۈردى: ھەر دەرىجىلىك داۋالاش كاپالەت تارماقلىرى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاغرىقلارنى داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىراجىتى كاپالىتىنى ھازىرقى 1 - دەرىجىلىك مۇھىم ئىش سۈپىتىدە ئەمەلىي تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ھەر بىر ئاغرىقنى خىراجەت مەسىلىسى سەۋەبلىك قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەكتەپلەر كىشىلەر توپلاشقان جاي بولۇپ، قىشلىق تەتىلدە يۆتكىلىشچانلىق چوڭ بولغاچقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنداق بىلدۈردى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل بولىمىز، جەمئىيەتكە مەسئۇل بولىمىز.

قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قاتناش - تىرانسپورتقا چېتىلىدىغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قەتئىي، كەسكىن، پۇختا، ئۈنۈملۈك ياخشى تۇتىمىز. كېيىنكى قەدەمدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە چېتىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە قارىتا چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، مەنبەنى توغرا تېپىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىمىز

كەڭ كادىرلار مۇنداق بىلدۈردى: يىغىن روھىنى ئۆز ھەرىكىتىمىزدە كۆرسىتىپ پۇختا ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

«يىغىندا يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كۆرسىتىلدى، بىز يۇقۇم رايونىدىن يۇرتىغا قايتقان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىقلايمىز.» جېجياڭ ئۆلكىسى جياشەن ناھىيەسى ياۋجۇاڭ بازارلىق سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پەن خۇڭفېڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يەرلىكتىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ دەم ئېلىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

شاڭخەي شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ جىڭلېي مۇنداق بىلدۈردى: جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش قاتارلىق تارماقلارغا ماسلىشىپ يول ئېغىزلىرىدا كۆزىتىپ ئۆلچەشنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق رايوندىن شاڭخەيگە كەلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلان، نۆۋەتچى پويىز، پاراخوت ھەم ئۆتكەن - كەچكەن جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرىغا ئولتۇرغان كىشىلەرگە قارىتا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ھەم مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تىزىملاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىمىز.

«پەن - تېخنىكا ساھەسى باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، بۇ مەيدان قاتتىق جەڭنى ياخشى قىلىپ، ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نەتىجە يارىتىشى كېرەك.» پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەۋزەل كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋىرۇس تارقىلىش، تېز تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، كېسەلگە ماس دورا، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەشنى پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسى جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى جىددىي قوزغىتىپ، كۆپلىگەن ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، ۋىرۇس مەنبەسىنى ئىزدەش، كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇش - داۋالاش لايىھەسى قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن ئىلمىي تەتقىق قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرى، كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش - داۋالاش قاتارلىق كۆپ ماددىلىق مۇھىم تەكلىپنى ئايرىپ شەكىللەندۈردى، كېيىنكى قەدەمدە يەنە ئاكادېمىك ياكى ئاكادېمىكلار ئۆمىكى خادىملىرىنى بىرىنچى سەپتىكى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىشقا تەشكىللەيدۇ.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە يىغىن ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا كۈچەپ، تەدبىر يۈرگۈزۈپ، مۇداپىئەلىنىش كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يېتەرسىز بولۇش، ئۆلچەمنى جىپسىلاشتۇرۇش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ھەل قىلىپ، ۋۇخەن قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇردى.