1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيلى

日期:2020年01月20日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. بۇ قېتىمقى يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى خۇلاسىلەندى، 2020 - يىللىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، بىزنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشىمىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا بىر قاتار مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى، تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. بىز شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

2019 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكى، يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى بىر روشەن ئالاھىدىلىك، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تارىخىي دەۋرىيلىكتىن چىقىپ كېتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولىدۇر. بۇ يول، بۇ تۈزۈمدە جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

2020 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تاماملايدىغان يىل، مىڭ يىللاردىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيناپ كېلىۋاتقان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىگە پات ئارىدا تارىخىي خاراكتېرلىك خاتىمە بېرىلىدۇ. بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور، بۇرچى شەرەپلىك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنى ئومۇميۇزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشى كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى قوغداش»تىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك؛ سىياسىي نازارەتچىلىكنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك؛ ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش ۋە ئۇنى قوغداش كېرەك؛ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم ئورنىتىپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ تۈزۈمنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيەنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سادىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈشى كېرەك.