1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى بىر روشەن ئالاھىدىلىك

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

日期:2020年01月15日
来源:新疆日报
【字体:

ئۇلۇغ ئىشلارغا جەزمەن قۇدرەتلىك پارتىيە رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىشى، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىشى، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا جەزمەن قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولى، ئۈنۈملۈك تۈزۈمىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتا جەزمەن «نېمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە نېمىنى مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە نېمىنى راۋاجلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىگەن، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلىگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىر پەيدا قىلدى. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق؛ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى قوراللاندۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتۇق؛ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇردۇق؛ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاپ - تۈزەپ، ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، خەلققە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇردۇق. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى بىر روشەن ئالاھىدىلىك بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان، تارىخىي دەۋرىيلىكتىن چىقىپ كېتەلەيدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك يولنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقىپ، يولغا قويۇشقا بولىدىغان بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك ھوقۇق نازارەتچىلىكى تۈزۈمى ۋە ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، بۇ يول، بۇ بىر يۈرۈش تۈزۈمدە جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى بىر روشەن ئالاھىدىلىككە ئايلىنىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، پارتىيەمىز ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇردى؛ ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى يېتەكلەش غايە - ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش غايە - ئېتىقادىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتتى؛ «ئىككىنى قوغداش» ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي چاقىرىق ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى؛ ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇردى.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ۋەزىيەت، مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ تېزلىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقى، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ كۆپلۈكى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى دۇچ كەلگەن سىناقنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولماقتا. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولغاندىلا، پارتىيەمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى پۈتۈپ چىقالايدۇ. 2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىزچىل، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتىكى چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

پارتىيەمىز 90 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسى، 4 مىليون 600 مىڭدىن كۆپرەك ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىغا ئىگە پارتىيە، 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتتە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرغاندىلا، پارتىيەمىز چوقۇم پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، توسالغۇلارنى يېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.