1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئاساسىي قاتلامنى باغلاقتىن بوشىتىپ يۈكىنى يېنىكلىتىش كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

日期:2020年01月15日
来源:新疆日报
【字体:

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا بىر مۇھىم دوكلات − «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

«ئىشنى رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلاردىن باشلاپ، شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندى» «ھۆججەتلەرنى ئىخچاملاپ يىغىنلارنى قىسقارتىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاشنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق قاتتىق تەدبىرلەر بىر قەدەر ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى» «ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىلىپ، كادىرلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى، كادىرلار قوشۇنىنىڭ روھىي ھالىتىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى» «يۈكنى يېنىكلىتىش رەھبەرلىك شەكلى، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە ۋە خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى»...

بىر قاتار پۇختا، كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بىر يىلدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى نامايان قىلدى.

2019 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلى، شۇنداقلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى».

بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر مەيدان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىلىش قەتئىي ئىرادىسى بىلەن، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تۇتۇشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى باغلاقتىن بوشىتىپ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

چوڭ پارتىيە ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى، چوڭ دۆلەتتە ئومۇميۈزلۈك ياخشى كەيپىيات يارىتىلدى.

2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاندا، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي يېڭىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى، تەشەببۇسكارلىقىنى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىشى تېخىمۇ زۆرۈر.

كىشىلەر شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، سالماقنى ئازايتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ كېڭەيتكەندە، چوقۇم يۈكنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ زور غەلىبە قىلىش ۋەزىيىتى قىلىپ مۇستەھكەملەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئېسىل ئىستىل بىلەن ئۇلۇغ ئىشلارغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.