1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەش خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇش

− ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئۇنىۋېرسال بايان

日期:2020年01月15日
来源:新疆日报
【字体:

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش بىلەن تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، مەسىلىنى چىڭ كۆزلەپ، دەل جايىدا تۈزىتىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق، پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، «2+8» مەخسۇس تۈزەش ۋە «3+3+1» خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىپ، ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەش داۋامىدا ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش داۋامىدا خەلقنى كۆزلەش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ جاۋاب قەغىزىنى يازدى.

گەۋدىلىك مەسىلىلەر تۈزەلدى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئالغا سىلجىتىلدى

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلاش جاسارىتى بىلەن، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن بىر تۈركۈم ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، ھەل قىلىپ، مائارىپ - سەھىيە، يېمەكلىك - دورا، قاتناش - تىرانسپورت قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلىدى.

مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى، تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتا «قايتا قاراپ چىقىش» ئېلىپ بېرىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىپ چىقتى... باش تېما تەربىيەسىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار «تۆتكە توغرىلىنىش» «تۆتنى تېپىش» «ئۈچنى تەتبىقلاش» تەلىپى بويىچە، مەسىلىنى تۈزەش ۋە مەخسۇس تۈزىتىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى تېپىپ، مەسىلە پەيدا بولىدىغان مەنبەنى يوقاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى تۈزەش جەھەتتە بىرلىشىپ كۈچەپ، «ساختا شەكىل»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «ھېسابات شەكلى»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «كۆرسەتكۈچ شەكلى»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالدى؛ شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى ئەتراپىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش تىپىك دېلو مىساللىرىدىن پايدىلىنىپ، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە تۆۋەن چەك، قىزىل سىزىقنى ياخشى ساقلاش توغرىسىدا تەربىيە بەردى؛ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش سۇپىسى قۇرۇپ، ئوتتۇرىدىكى ھالقىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەنپەئەت يەتكۈزۈش زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى...

ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىگە قارىتا مەركەزلىك تۈزەش ئېلىپ بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق چىرىكلىك ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا بىلەن شۇغۇللىنىشى، كارخانا قۇرۇشىغا قارىتا قېلىپلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى... باش تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار «2+8» مەخسۇس تۈزەشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، قاتتىق تەدبىرلەرنى چىقىرىپ مەسىلىنى تۈزىتىش ۋە مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، نىشان مەركىزىنى توغرىلاپ، تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تۈرمۇتۈر تۈزىتىپ، بىرمۇبىر تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، تۈزىتىش نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى تۈزەشكە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئۈچىنچى تەرەپ ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىپ، 35 نامرات ناھىيەنىڭ مالىيەسىدىكى نامراتلارنى يۆلەش مەبلەغ تۈرىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ، بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ھادىسىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگەتتى؛

ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى «كىنىشكا بېجىرىش ئاستا بولۇش» «قاتراش كۆپ بولۇش» «ئۇزاققىچە سوزۇش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، رايونلار كۆچمەس مۈلۈكنى ئادەتتىكىچە تىزىملاش، رەنىگە قويۇش كەسپىنى بېجىرىش ۋاقتىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئون خىزمەت كۈنىگە، بەش خىزمەت كۈنىگە قىسقارتتى؛

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەكلىك كىچىك ھۈنەرخانىلىرى، مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئەخلەت يېمەكلىكلەر قاتارلىقلارنى مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارنى كۆيدۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بىر تۈركۈم سۇبيېكتلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»نى تىرىشىپ قوغدىدى؛

ئالتاي ۋىلايىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلگىرى تۆۋەن كاپالەتكە ئىلتىماس قىلغان، ھازىر تۆۋەن كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھەمدە تۆۋەن كاپالەتتىن چېكىنىپ چىققان خادىملارنى ئومۇميۈزلۈك قايتا تەكشۈردى، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئابلىمىت ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ئىگىلەپ، سىياسەت - بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ۋاقتىدا ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىنى تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزدى. «قەھرىتان قىش بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ قەلبىمىز ئىللىدى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت» دېدى ئابلىمىت خۇشال ھالدا.

خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلدى قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەت ئىلگىرى سۈرۈلدى

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئامما ئەڭ ئالدىرىغان، ئەڭ غەم قىلغان، ئەڭ ئارزۇ قىلغان بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىپ، كۆرگىلى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ يېڭى ئۈمىدى، يېڭى تەلىپىگە جاۋاب قايتۇردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى، ئالاقىسى تېخىمۇ كۆپەيدى، كۆڭلى تېخىمۇ يېقىنلاشتى.

قومۇل شەھىرى شەھەر، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك «ھەممىباب كارتا» قوللىنىش سىستېمىسى قۇرۇپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشتە «كۆپ كارتا بولۇش، ئۆزئارا باغلاپ ئىشلىتىلمەسلىك» توسۇقىنى راۋانلاشتۇردى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى نوپۇس رەسمىيىتىنى توردا بېجىرىشتە «پۈتۈن جەريان توردا بولۇش»نى يولغا قويۇپ، سانلىق مەلۇماتتىن كۆپ پايدىلىنىپ، ئاممىنى ئاز قاتراتتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە خادىم، ئىش ئورنى، خىراجەتتىن ئىبارەت «ئۈچ ئومۇمىي مىقدار»نى باشقۇرۇشنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىللىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تۈرگە ئايرىپ ھەل قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى 68 تۈرلۈك تۈزەش تەدبىرىنى بېكىتىپ، يېزا تاشيولىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مال تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇپ، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشىغا قارىتىلغان قانۇن ئىجراسىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق يەتتە چوڭ مەخسۇس تۈردىكى ھەرىكەتنى يولغا قويدى...

باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز «3+3+1» خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش خىزمىتىنى چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تۇبېركۇليۇز ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرى ئامبۇلاتورىيەدە كۆرۈنسە %100، دوختۇرخانىدا ياتسا %90 ئاتچوت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ «شىنجاڭ ئەندىزىسى»نى باشلىدى. مەكىت ناھىيەسى شىيتدۆڭ يېزىسى ئېگىز ئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەت تۇردى بوۋاي ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە، تۇبېركۇليۇز كېسىلى بارلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئۈچ ئاي مەركەزلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، بىر پۇڭ خەجلىمەي كېسىلىنى داۋالىتىپ ساقايدى، بوۋاي مىننەتدار بولۇپ مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماڭا ساغلام تەن ئاتا قىلدى».

تاتلىق سۇ قەلبلەرنى سۇغاردى، تۇرىدىغان ئۆي بولۇش خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. ئاپتونوم رايونىمىز نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، 346 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، 9355 نامرات ئائىلىنىڭ بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي تاماملىنىپ، ئاھالىلەر كۆچۈپ كىرىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيدە ئولتۇرۇش تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بەردى. «بىز بەخت سۈيىنى ئىچتۇق.» ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى گۈلباغ كەنتىدە ھەممە ئائىلىگە تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتئېلى توختى تەسىرلەنگەن ھالدا شۇنداق دېدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مۇقىم بەختكە تىرەك بولدى. ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، 2019 - يىلى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 2 مىليون 860 مىڭ ئادەم قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىگە تايىنىپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ماڭلاي يېزىسى ئاقتام كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئەكبەر باقى خوتۇنى بىلەن شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىغا كېلىپ ئىشلىدى. «بىز ياخشى ئىشلەپ، كەلگۈسىدە ئۈرۈمچىدە ئۆي تۇتۇپ، كۈنلىرىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز» دېدى ئۇ خۇشال ھالدا.

بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، ئامما ئەڭ ئالدىراۋاتقان، ئەڭ غەم قىلىۋاتقان، ئەڭ قىيىن بولۇۋاتقان، ئەڭ ئارزۇ قىلىۋاتقان زور بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئامما ئومۇميۈزلۈك ھالدا: ئىلگىرى قىيىنچىلىقىمىز بولسا بېرىپ كادىرلارنى ئىزدەيتتۇق، ھازىر كۆپ ۋاقىتلاردا قىيىنچىلىقىمىز بولسا كادىرلار بىزنى ئىزدەپ كېلىدىغان بولدى، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ھېسسىياتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، دەپ ئىنكاس قىلدى.

قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۇرغۇتۇلدى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇندى

يېرىم يىل داۋاملاشقان باش تېما تەربىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى چەكسىز ئۇرغۇتتى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىسى تېخىمۇ كۈچەيدى، غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى، ئۇلار تېخىمۇ جۇشقۇن كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئاڭلىق ئاتلىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

باش تېما تەربىيەسىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى −

دىققەت باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ بىرىكمە مۇشت ياخشى ئېتىلىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى ساقلاندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، تۈرلۈك دېلولارنىڭ يۈز بېرىشى سىجىل ئازايدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بولغان ئىشەنچىسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى، مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن بىر يىلدا رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئەتراپىدا، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئايرىم - ئايرىم ھالدا %5.5 ئەتراپىدا، %9 ئەتراپىدا ئاشقان بولۇپ، باش تېما تەربىيەسى بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قوش مول ھوسۇل ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

مۇقىملىقنىڭ پايدىسى تولۇق قويۇپ بېرىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، بولۇپمۇ ساياھەتچىلىكتە تېز ئېشىش ھالىتى ساقلاپ قېلىندى. 2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، ساياھەت كىرىمى 345 مىليارد 265 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا %41.6 ۋە %40.4 ئاشتى. ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش سانى، ساياھەت كىرىمى جەھەتتە تارىختا يېڭى قوش يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» قاتارلىق ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي»نى بىرلىكتە ياڭراتتى. بۇرچىن ناھىيەسى چۇڭقۇر بازىرى قىزىلقايىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئېربولات شامشىخان خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «كەنتتە ساياھەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇپ، ساياھەت ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆپەيدى، بىزنىڭ كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ».

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئاندىن پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا، ئاندىن كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»نى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ۋە پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى بوشاشماي يەنىمۇ كۈچەيتىش، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش، تۈپ ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تىرىشىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشى كېرەك.