1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش

− شىنجاڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

日期:2020年01月11日
来源:新疆日报
【字体:

ئوت - چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن باش يازدىن شاخلار مېۋە - چېۋىگە تولغان كۈز پەسلىگىچە، يەنە كۈمۈش تونغا ئورالغان زىمىستان قىشقىچە بولغان سەككىز ئاي، 200 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىتتا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مەركەزنىڭ 6 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى، مەركەزنىڭ 6 - سەييارە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەلبىگە نەقىش قىلىپ ئويۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە نەتىجىگە ئېرىشىش، ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتە چېنىقىش، ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇشتا ئۈلگە بولۇش كونكرېت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتىدە، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە چوڭقۇر خەلقچىللىق رىشتى بىلەن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

بۇ، بىر مەيدان روھقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىدىيە جەھەتتىن تاۋلىنىش −

2019 - يىلى 6 - ئايدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 1 مىليون 612 مىڭ پارتىيە ئەزاسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەپسىلىي چۈشىنىپ، مەزمۇن ۋە داۋلىنى تەتقىق ۋە ئانالىز قىلىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

بۇ، بىر مەيدان پىچاق بىسى ئۆزىگە قارىتىلغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش −

ھازىرغا قەدەر، ئىككى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىققان مەخسۇس تۈزەشكە چېتىلىدىغان 13 مىڭ 900 كونكرېت مەسىلىنىڭ 13 مىڭ 300ىنى تۈزىتىش تاماملىنىپ، تاماملىنىش نىسبىتى %95.68كە يەتكۈزۈلۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇندى.

بۇ، بىر مەيدان ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش بويىچە قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەش −

ئۈنۈملۈك ۋاسىتە ۋە مېخانىزم كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش قىزغىنلىقى ۋە ئىلگىرىلەش روھىنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ غېمىنى يەيدىغان، دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىدۇ.

ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش نەزەرىيە ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇش

ئېتىقاد ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، يىلتىزىنى ئىزدەش، مەنبەسىنى سوراشتا ئەسلىي مەقسەتنى ئەسلەش، ئەسلىي مەقسەتنى ھېس قىلىش، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك.

مەنىۋى كالتسىينى تولۇق تولۇقلاپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈشتە بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش كېرەك.

2019 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ 70 - يىلى، مۇشۇنداق پەيتتە بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى».

باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تەلىمى، سەمىمىي ئۈمىدى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا جەزمەن ئاڭلىق ئۆگىنىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش، سىجىل ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش، ساپانى ئۆستۈرۈش، بۇرچنى ئادا قىلىش كېرەكلىكىنى يەنىمۇ تونۇتتى.

پامىر ئېگىزلىكىدىن تارىم دەرياسى بويىغىچە، تۇرپان ئويمانلىقىدىن ئىلى دەرياسى ۋادىسىغىچە، ئورگان، ئورۇنلاردىن مەھەللە، يېزىلارغىچە، مەكتەپ، ھەربىي گازارمىلاردىن زاۋۇت، كان، كارخانىلارغىچە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشكە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن يەتتە كۈنلۈك كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، بىر قەدەم ئالدىن ئۆگەندى، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگەندى. ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قائىدىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىش بىلەن شەخسلەر ئۆزى ئۆگىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، نەزەرىيە ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، مەخسۇس تېمىدا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلغار تىپلار تەربىيەسى ۋە ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى ۋە ۋەزىيەت، سىياسەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىپ، تەسىراتىنى سۆزلەپ، چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تونۇشىنى ئۆستۈردى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلار ۋە پايدىلىنىپ يولغا قويغان ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ھەممىسى يەتتە كۈندىن كەم بولمىغان كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئېلىپ باردى. مۇشۇ ئاساستا، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم كوللېكتىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزلىرى، مۇھىم ماقالىلىرىنى ئاق قالدۇرماي يېتىشىپ ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى «نەزەرىيە مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەركەزلىك ئۆگىنىش+گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىپ ئۆگىنىش+شەخسلەر مۇستەقىل ئۆگىنىش+يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆگىنىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆگىنىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى بۆلۈم ئورگىنىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى 12 ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىغا بۆلۈپ، بەلگىلەنگەن كىتابلارنى تولۇق ئوقۇدى، تەتقىق قىلىپ ئوقۇدى ...

2 - تۈركۈمدىكى ئورۇنلار رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى بىلەن ياچېيكا شۇجىلىرىنى تەربىيەلەشنى ۋاقتىغا توغرىلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوخشاش بەنزىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى بۆلەكلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى قاتلام بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، باش تېما تەربىيەسى بىلەن كۈندىلىك خىزمەتلەرنىڭ ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايونىمىز ھەربىر پارتىيە ئەزاسىغا زۆرۈر ئوقۇش ماتېرىيالىنى يانداشتۇرۇپ تارقىتىپ بەردى، ئۈچ پارچە ئاق تاشلىق كىتاب تارقاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدا ئوقۇش - يېزىش ئىقتىدارى كەمچىل ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرىغا ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدا ئۆگىنىش ماتېرىيالىنى يانداشتۇرۇپ تارقىتىپ بەردى، يېزا، مەھەللە قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرىغا بىلىشكە تېگىشلىك ئۈچ پارچە «يانچۇق كىتاب» تۈزۈپ بەردى.

ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇشتا، پارتىيە ياچېيكىسىنى بىرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە يېرىم كۈن پارتىيە ئەزالىرىنى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى «جاڭ فۇچىڭ، خۇاڭ ۋېنشيۇلاردىن نېمىنى ئۆگىنىمىز، جاڭ فۇچىڭ، خۇاڭ ۋېنشيۇلاردىن ئۆگىنىپ نېمە ئىش قىلىمىز» نى چۆرىدەپ ياچېيكا باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي - قانۇن سېپىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ ئىلغار ئىش - ئىزلىرىدىن «ئۈلگىنىڭ كۈچى» ناملىق كىتابنى تۈزۈپ، سىياسىي - قانۇن كادىرلىرىنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن يانداشتۇرۇپ تارقىتىپ بەردى...

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. ئالتاي ۋىلايىتى 100 «دومبىرا ئەترىتى»، 525 «كۇرسانتلارغا ياردەم بېرىش» قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنى «ئەڭ يىراق بىر ئائىلە كىشىلىرى»گىچە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ھەرىكىتى قولايسىز پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆيلىرىگىچە بېرىپ ئۆگىنىشنى يەتكۈزدى، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىغا بارغان جايدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاساس، چىققان جايدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قوشۇمچە قىلىپ، ئۆگىنىشنى يەتكۈزۈش، ئوقۇشقا ئەۋەتىشنى قانات يايدۇردى. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ھەربىر كۈنگىچە كونكرېتلاشتۇرۇلغان ئۆگىنىش پىلانى جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىقىپ، ياچېيكا شۇجىسى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، مۇتەخەسسىس، پىروفېسسورلار ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، پەن تايانچلىرى لېكسىيە سۆزلەش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار قوشماقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ئۆگىنىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئۆگەنگەنسېرى ئىشەنچكە، ئۆگەنگەنسېرى كۈچ - قۇۋۋەتكە تولۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئادەم بولۇش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ ئىدىيە ماياكى، مەنىۋى تۈۋرۈكى، ئىلمىي يېتەكچىسى ۋە كۈچ مەنبەسى قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش تۈزىتىشتە خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش

ھەقىقىي تۈردە ئامما غەم قىلىدىغان ئىشلار، باش قاتۇرىدىغان ئىشلار ھەل قىلىندى، ئىشىكنى ئېچىپ پىكىر ئاڭلاپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىپ تۈزىتىپ، «مەسىلە تىزىملىكى»نى «مۇلازىمەت تىزىملىكى»گە ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇندى.

چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش −

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرى، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، تەتقىق قىلىپ، تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ، <ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار> ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق <مۇتلەق كۆپ سانلىقلار>نى يېتەكلىشى كېرەك.» جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق 12 جەھەتتىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقتى، كونكرېت لايىھە تۈزۈپ چىقتى، مەسىلىگە تەتبىقلاپ ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، بىرىنچى سەپكە بېرىپ، قىيىنچىلىق زور، زىددىيەت كۆپ جايلارغا بېرىپ، ئۇلى ئاجىز، تەرەققىياتى ئاستا بولغان جايلارغا بېرىپ، ئېگىلگەن «ئوقۇرى» ئارقىلىق كەمتۈكلۈكلەرنى ھېس قىلىپ، ئاممىغا يېقىنلاشقان «تاپىنى» ئارقىلىق كەمتۈكلۈكلەرنى ئۆلچەپ، «مىخ قېقىش» روھى ئارقىلىق كەمتۈكلۈكلەرنى توغرا تاپتى....

ھەربىر مەيدان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەگىشىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ھەربىر مەسىلە ھەل قىلىنىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسەتكەن ھەربىر قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش تەدبىرى تېپىپ چىقىلدى. شەھەر - بازارلاردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قارىتا، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئانالىز قىلىپ، « بىر ئائىلە بايقالسا بىر ئائىلىنى بېكىتىش، بىر ئائىلىگە ياردەم بېرىش - يۆلەش، بىر ئائىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ياردەم بېرىپ، يېڭىدىن 1680 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. شايار ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا «كىنىشكا بېجىرىش تەس بولۇش» مەسىلىسىگە قارىتا، «بىر نومۇر بىلەن بىر كۆزنەكتە بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ تۈگىتىش» ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، «بىرلا ئىشىكتىن كىرىش، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش −

نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، پىكىر ساندۇقى تەسىس قىلىش، پىكىر ئېلىش جەدۋىلى تارقىتىش، توردا ھەمتۈرتكە بولۇش، ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش ... ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار كەڭ دائىرىدە «ئىككى ۋەكىل، بىر ئەزا»، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئامما، پېشقەدەم كادىرلار، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار قاتارلىقلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، ئىگىلىگەن «بىرىنچى قول ماتېرىيال» ئارقىلىق ساقلانغان مەسىلىلەرنى رەتلەپ چىقتى.

«باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ چىقىلغان مەسىلىلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك بولۇپ، بىر قېتىم سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بىر قېتىم ئەسكەرتىلدى، بىر قېتىم يەڭ تۈرۈلدى، خۇددى ئەينەككە قارىغاندەك ئۆزىدىكى پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ھەقىقىي كۆرگىلى بولدى.» ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ ئۆزئارا تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، پىكىر يولىنى كەڭ ئېچىپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش - كۆزىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق، مەسىلىلەرنى دەل تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىي تېپىپ چىقىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى دەل نىشان بىلەن تەمىنلىدى.

دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىپ خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش −

«تۈزىتىش» باش تېما تەربىيەسىدە باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈلدى.

ئاپتونوم رايونىمىز 1 - تۈركۈمدىكى ئورۇنلارغا ئون سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى. 16 سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە دائىم تۇرۇشقا، ناھىيە - يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈشكە ئەۋەتتى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ئالىي مەكتەپلەردە سەييارە يېتەكچىلىك قىلدى، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى قاتتىق ياخشى ئىگىلەپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى تۇتتى. 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى بويىچە تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىن بەشنى قۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، مەخسۇس تۈزەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىنى دەرھال تۈزىتىپ، ۋاقتىنچە ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىرىنى چىڭ كۆزلەپ تۈزىتىپ، مۇددەت بەلگىلەپ تۈزىتىپ، تۈزىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى.

− مەخسۇس تۈزەلدى، چوڭقۇر تۈزىتىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار مەركەز ئورۇنلاشتۇرما قىلغان سەككىز جەھەتتىكى مەخسۇس تۈزەشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەنە ئىككى تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەت مەخسۇس بەنزىسى قۇرۇپ، مەخسۇس لايىھە تۈزۈپ، تۈرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇپ، تىزىملىك دەپتىرى شەكلىدە باشقۇرۇپ، تۈزەشنىڭ تەلتۆكۈس بولۇشىغا، ياخشىلاشنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە چېتىلىدىغان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئون نۇقتىلىق تۈزەش مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، 23 تۈرلۈك ۋەزىپە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، دەل جايىدا تۈزەشنى چىڭ كۆزلەپ قويۇپ بەرمىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «يېتەرسىزلىكلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىش، ئەستايىدىل دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىش» مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىنى ئېچىپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئىنچىكىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسى يەر ئېلىش تولۇقلىمىسى، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مۇلازىمىتىدىكى «كىنىشكا بېجىرىش ئاستا بولۇش» «كۆپ قېتىم قاتراش» «ئۇزاققىچە سوزۇش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزى ئۇنىۋېرسال قوبۇل قىلىش كۆزنىكىنى 17دىن 29غا كۆپەيتىپ، كەسىپ بېجىرىش ۋاقتىنى 30 مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتقا قىسقارتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىنى بېكىتىش دەل جايىدا بولماسلىق مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، خەلق ئىشلىرى چوڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، شەرتكە ئەمدى ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تۆۋەن كاپالىتى ئوبيېكتلىرىنى ھەرىكەتچان تەڭشەپ چېكىندۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى باشلاش، پۈتتۈرۈش نىسبىتىنىڭ ھەممىسىنى %100كە يەتكۈزۈپ، شىنجاڭدىكى نامرات ئاھالىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇش تارىخىغا خاتىمە بەردى.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئۈچۈن باغلاقنى بوشىتىپ، يۈكىنى يېنىكلەتتى، ئوبلاست، ناھىيەلەردە ھۆججەت تارقىتىش، يىغىن ئېچىشنى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %56.62، %64.45 تۆۋەنلەتتى.

تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى كوناشەھەر يولى كوچا باشقارمىسى مەيدانى مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى يېڭىدىن 150 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، ئىككى مەھەللىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن تۇرۇبا تورىنى رېمونت قىلدى... مەھەللىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش، تۇرۇبا تورىنى رېمونت قىلىش، مۇھىتنى تۈزەش، مۈلۈك باشقۇرۇش، ئۆي كىنىشكىسى بېجىرىشتىن ئىبارەت «بەش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلدى.

تۈرمۇتۈر كۆزلەپ تۈزىتىلدى، بىرمۇبىر دەل جايىدا تۈزىتىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كونكرېت، ئەمەلىي تۈزىتىش چوڭ ھەرىكىتى، مىكرو ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئالقىشىغا، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

− «1+3+3» ئەمەلىي ئىشى پۇختا، ياخشى ئىشلەندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە داۋاملىق تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاشنى كۆزلەپ، باش تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە «3+3+1» خەلقنى كۆزلەش ئەمەلىي ئىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەشكە ئاشكارا ۋەدە بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى قەتئىي، كەسكىن قوغداپ، چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئالتە ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلدى.

− تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش مەسىلىسى كۈچەپ ھەل قىلىندى. تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش ھەققىنى %100، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى %90 ئاتچوت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنى مەركەزلىك ئايرىپ داۋالاش ۋە ئۆيدە داۋالاشتىن ئىبارەت ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. قەشقەر ۋىلايىتى 15 ياشتىن ئاشقانلار ئارىسىدا ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىرنى بايقىسا بىرنى داۋالاش، بىرنى ساقايتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. خوتەن شەھىرىدىكى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنى ئايرىپ داۋالاش نۇقتىسىدا، مىنەۋەر روزىتوختى مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بۇ كېسەلنى زۇكام ئورنىدا داۋالىتىپتىكەنمەن، بۇ يەردە، كېسەل داۋالاشتا دوختۇرلار بار، ئوزۇقلۇقى مول تاماقلارنى يەيمىز، ھازىر مېنىڭ سالامەتلىكىم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، نېمىلا ئىش قىلسام ماغدۇرۇم بار».

− نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەر كۈچەپ تولۇقلىنىپ، كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، قېپقالغان ئېغىر نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. ھازىرغا قەدەر، 346 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش تولۇق تاماملاندى، ئەمىن ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى پۈتتى. ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى 20 يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولۇپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ نامرات رايونلار (شىنجاڭ)دىكى كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش فوندىنى ماسلىشىپ تەسىس قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا 7500دىن ئارتۇق يېڭى ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى.

− يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۈچەپ ياخشى تۇتۇلدى. بىر تۈركۈمنى شەھەر - بازار، كارخانا، كەسىپلەر باغچىسى ئارقىلىق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۈركۈمنى شىنجاڭ ئىچىدە رايون ھالقىش ئارقىلىق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۈركۈمنى ئىچكىرى رايونلاردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى كارخانىلار ئارقىلىق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىلىپ، 2 مىليون 868 مىڭ ئادەم قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى. قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراقاش بازىرى چۇرۇقلا كەنتىدىكى دېھقان رەيھانگۈل مەمەتنىياز مۇنداق دېدى: «ناھىيەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، ناھىيەدىكى يەسلى بىلەن توختام ئىمزالىدىم، مەن بۇ خىزمەتنى بەك ياخشى كۆرىمەن».

− قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا قارىتا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، ئوقۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش، ئىچىدىغان سۇ، توك ئىشلىتىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر ئۆيمۇ ئۆي، ئادەممۇ ئادەم ياردەم بېرىش ئارقىلىق ياخشى ھەل قىلىندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار 2 مىليون 930 نەچچە مىڭ قېتىم ئائىلىلەردە تۇرۇپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق دەۋا تەلەپلىرىنى ھەل قىلىپ، 1 مىليون 480 مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلدى.

− مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى پۇختا، ياخشى ئىشلەندى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك رايون قۇرۇش ئالغا سىلجىتىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى 2 مىليون 750 مىڭ مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق قانات يايدۇرۇلدى. قەشقەر شەھىرى 40 مەھەللىدە «ئائىلىلەرنىڭ ياخشى قوشنىسى بولۇش» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەھەللە مۇلازىمەت تۈرىنى قانات يايدۇردى، بۇ شەھەرنىڭ دۇڭخۇ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مېھرىنىسا مەمەترېھىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەھەللە ئاشپەزلىك مۇسابىقىسى، قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق».

− ساياھەت كەسپى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتى سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانىدا 200 مىليون ئادەم قېتىملىق تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم 345 مىليارد 265 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.65، %40.38 ئاشتى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ساياھەت ماركىسى بارغانسېرى تارقىلىپ، كىشىلەر قەلبىدىن بارغانسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. شىنجاڭ داشۆ جۇڭشەن داشۆ بىلەن شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە ساياھەتچىلىكىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق تەجرىبىخانىنى ئورتاق قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشتى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلىدە ياتاقتا يېتىش قىيىن بولۇش، كاسات پەسلىدە ساياھەتچىلەر ئاز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، تۈزىتىش لايىھەسى تۈزۈپ، پۈتۈن پەسىللىك ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

«باش تېما تەربىيەسى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى بىز بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، ئالاقىمىزنى تېخىمۇ كۆپەيتتى، ئۇلار بىز كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلدى، كادىرلار تەربىيە ئالدى، پۇقرالار ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، بۇنداق تەربىيەنى كۆپرەك ئېلىپ بېرىش كېرەك...» ئاممىنىڭ ئاددىي سۆزلىرى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇيۇل تاشتەك چىڭىتىلغانلىقى، بۇرچنىڭ زىممىگە ئېلىنغانلىقى، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىنغانلىقى، ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇلغانلىقىنى دەلىللەپ بەردى.

قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش

تۈزۈم دۆلەتنىڭ ئۇلى، جەمئىيەتنىڭ قائىدىسى، ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئىچكى تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش كېرەك».

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «ھازىر تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاققىچە تۇرغۇزۇش»نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزىتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش خىزمىتىنى ئەمەلىي ئىشلەپ، باش تېما تەربىيەسىدىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللاردىن تۈزۈم شەكلى ئارقىلىق ياخشى پايدىلىنىپ، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى.

سانجى ئوبلاستى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشنى چۆرىدەپ، «مۇلازىمەت ئاممىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان» تۈزۈلمە - مېخانىزم ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «كوچا باشقارمىسى تالون يوللاش، تارماقلار تالون قوبۇل قىلىش» «كەنت ئاھالىلىرى ئەھۋال ئىنكاس قىلىش كۈنى» قاتارلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزملارنى يولغا قويۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش ئۈچۈن ئاقىلانە تەدبىر قوللاندى.

قومۇل شەھىرى «بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش، بىر يوچۇقنى ئېتىش، بىر تۈرلۈك تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلىدىكى ئالتە تۈرلۈك خىزمەت مېخانىزمى توغرىسىدا» «قومۇل شەھىرىنىڭ ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتىكى بەش قەدەملىك يېپىق ھالقىلىق خىزمەت ئۇسۇلى» قاتارلىق تۈزۈملەرنى چىقىرىپ، تۈزىتىش نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ دەل ۋاقتىدا تۈزۈم نەتىجىسىگە ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەسىلىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى (ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسى) ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى كۆزلەپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» «ئاساسىي قاتلامدا بىر جەدۋەل بولۇش»، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش، كوچا - يېزا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات تۈرىنى تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

تارباغاتاي ۋىلايىتى رەھبىرىي كادىرلارنى «مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش سىستېمىسى» ئورنىتىپ، كادىرلارنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى يولغا قويدى؛ تەمىناتنى ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش ئۈنۈم مۇكاپات مەبلىغى تەسىس قىلىپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىپ، نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار تەجرىبە - ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ، تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»نىڭ دائىملىق ھالەتكە ئايلىنىشىغا، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پۈتۈن پارتىيە بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشى كېرەك.» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار جەزمەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، سىجىل كۈچەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مەڭگۈلۈك تېما ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يۇقىرى - تۆۋەن ھەممەيلەننىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.