1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى −

باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم بولۇش، بۇرچ زىممىدە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز

日期:2020年01月11日
来源:新疆日报
【字体:

1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتىن دائىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئەسلىي مەقسەتنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنىڭ ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇشى، بۇرچنىڭ زىممىدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتىكى جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچكە، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتىكى ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەيمىز.

ئىدىيەۋى، سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىشىمىز ۋە چېنىقىشىمىز كېرەك

«باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: <كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتە تاۋلاندى ۋە چېنىقتى>، مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللەت - دىن ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئالىمجان ئىگەمبەردى مۇنداق دېدى: ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئامما ئارىسىغا بېرىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك.

«بىز ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت ئورۇن بېكىتىشىنى چىڭ ساقلاپ، نامراتلارنى يۆلەش، خەلق تۇرمۇشى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى <جاھىل، سۆرەلمە كېسەل>لەرنى كۈچەپ تۈزەپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ ۋېنگۇاڭ.

شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى مەكتەپ ئورگان مىكرو بىلوگى، مەكتەپ LED چوڭ ئېكرانى ئارقىلىق بىرىنچى ۋاقىتتا سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى ھەم خەۋەرنى ئۇلاپ تارقاتتى. شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى گې گو مۇنداق دېدى: «مەكتەپ پارتكومى داۋاملىق دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئۇرغۇتۇلغان قىزغىنلىقنى مەكتەپنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇن قۇرۇلۇشى، ماھىيەتلىك مەزمۇن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولىمىز».

ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىشتا كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگان پارتكومىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى، 4 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى چېن خەيۋېن مۇنداق دېدى: «بىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، جۈرئەتلىك بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىم بىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق ئالدىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، زىددىيەت ئالدىدا قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەشكە جۈرئەت قىلىپ، خەۋپ ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلىپ، سەۋەنلىك ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىيات ئالدىدا قەتئىي كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىمەن».

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ جىيەك بازىرى ئورتاجىيەك شىمالىي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى شىنرۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى خەلققە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى پائال ھەل قىلدۇق. 2019 - يىلى، بىزنىڭ كەنت سىرتقا قارىتا سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ كىرگۈزۈپ، قۇش چۈجىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، پارنىك - لاپاس، قۇرۇق كۆكتات پىششىقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرى قاتارلىق بەش كەسىپ تۈرىگە ئىشلەتتى ھەم ھەممىسىنى سىرتقا ھۆددىگە بەردى، ھەر يىلى كەنت كوللېكتىپ كىرىمىنى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراق ئاشۇرغىلى بولىدۇ».

«باش تېما تەربىيەسىدە، ئىلى سىفەن داشۆسى <ئۆگىنىشتە كونسۇلتاتسىيە قىلىشقا ياردەم بېرىش، ئىدىيەدە تۈگۈنلەرنى يېشىشكە ياردەم بېرىش، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش، قانۇن - تۈزۈمنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش، پىسخىك جەھەتتە يېتەكلەشكە ياردەم بېرىش، كەسىپ جەھەتتە پىلان تۈزۈشكە ياردەم بېرىش> قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى ۋە ئارزۇسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاب قايتۇردى.» ئىلى سىفەن داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ما چۇنچۇن مۇنداق دېدى: «بۇلتۇردىن بۇيان، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا 325 ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، 57 زىددىيەت، ماجىرانى ھەل قىلىپ پەسەيتتى».

تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك

«باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئىچكى تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش كېرەك.> بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ماكسىرجاۋ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ تۈر - دەرىجىسىنى بېكىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە تۆلەم تولۇقلىمىسى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز».

خېجىڭ ناھىيەسى كىرغۇت يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى سۇڭ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىنىدىغان ھەم «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، ۋەزىپە شەرەپلىك ھەم مۈشكۈل. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە، باشتىن - ئاخىر مەسىلىگە يۈزلىنىپ، باشتىن - ئاخىر مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

خوتەن سىفەن ئالىي تېخنىكومى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لى گولياڭ مۇنداق دېدى: «مەن باشلامچىلىق بىلەن تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈمگە ئاڭلىق ھۆرمەت قىلىپ، تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈزۈمنى قەتئىي قوغداپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى تۈزۈمنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تاللاپ قىلىش، ئۆزگەرتىپ قىلىش، يېرىم - يارتا قىلىش ھادىسىلىرىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بىلەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنىڭ ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمەن».