1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى −

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىمىز

日期:2020年01月11日
来源:新疆日报
【字体:

1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «پۈتۈن پارتىيە بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشى كېرەك.» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى بىرلىكى، سىياسىي جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقى، ھەرىكەت جەھەتتىكى بىردەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. چوقۇم ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەش كېرەك.

مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىمىز

«باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن مەسىلىگە توغرا قارايدىغان جاسارەت ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ما يىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش جەھەتتە كۈچ مەركەزلەشتۈرۈلۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىندى. مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن رەتلەپ چىقىلغان تۆت چوڭ تۈردىكى 65 تۈرلۈك كونكرېت مەسىلە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن رەتلەپ چىقىلغان يەتتە چوڭ تۈردىكى 44 تۈرلۈك كونكرېت مەسىلىنىڭ ھەممىسىدە تۈزىتىش تاماملاندى. «بۇ يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، بىز باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي تۈردە ئېغىر نامراتلىق قورغىنىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، 2020 - يىلى ھازىر يولغا قويۇلغان ئۆلچەمدە يېزا ئاھالىسىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى ما يىڭ.

باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتتە ساقلانغان ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش جايىدا بولماسلىق، ئۇچۇرنى ۋاقتىدا ئاشكارىلىماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»نى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مەڭگۈلۈك تېما ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى سۈپىتىدە دائىم بوشاشماي تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ خەلق ئىشلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، تۈزۈمنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولىمىز

«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنىڭ ئۇيۇل تاشتەك بولۇشى، بۇرچنىڭ زىممىدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۆدۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز قاتناش - تىرانسپورت كەسپىنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈلگىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى <باشلامچى>لىق رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز».

«باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسى مەسئۇلىيەتنى جايىدا ئايدىڭلاشتۇرۇش، تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەسىلىلەرنى جايىدا ھەل قىلىشتا چىڭ تۇردى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ جۈنچاڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىرنى پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىمىز.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيلىرىنى باشقۇرۇشتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تەقسىم قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ بەھرىمەن بولۇش، ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئىجارە بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئارىيەت بېرىش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىنى تۈزەپ، ھەر مىللەت كاپالەتلەندۈرۈلۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئۆيلىرىنى ئىجارە ئېلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈردى. «بىز يۇقىرى قاتلام لايىھەسى ۋە تۈزۈم لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ <ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر>ىنى تۇتاشتۇرۇپ، تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تۇرىدىغان جايى بولۇش، خۇشال - خۇرام تۇرالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى تۇرالغۇ كاپالىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چېن گاڭ.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ تىرىشىپ ئۈلگە بولىمىز

«باش تېما تەربىيەسىدە، بىز <يۇغۇرۇلۇپ بىر نىيەتتە بولۇش، كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىي قىلىش>تا چىڭ تۇرۇپ، ئىش بىرلىكى، ئادەم بىرلىكى، كۈچ بىرلىكى، قەلب بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇجەسسەملىدۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ شياۋنىڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ تەكشى، مۇقىم بولۇشى، ياخشىلىنىشى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىشى، رىقابەت تەرتىپىنىڭ سىجىل قېلىپلىشىشى، سۈپەت ئۆسۈشنىڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىلىشى، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنىڭ تېخىمۇ تاكامۇللىشىشىدىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك».

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ليۇ جيەنگو مۇنداق دېدى: «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> بىزنىڭ بوشاشماي دائىم تۇتىدىغان ئۆمۈرلۈك تېمىمىز بولۇپ، چوقۇم باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ياخشىلاش داۋامىدا نەزەرىيەۋى تونۇشنى، ئىستىلنى ياخشىلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش داۋامىدا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك».

«بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە <13 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، بىز رەھبەرلىك ئورگىنى ۋە رەھبىرىي كادىر بولۇشتەك باشلامچىلىق رولىمىزنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئەسلىي مەقسەتنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشقا زەربە بېرىش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قۇدرەتلىك ياردەمچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى شىنجاڭ يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ كۇيرەن.