1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئېسىل ئىستىل بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش

− 2019 - يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خاتىرىسى

日期:2020年01月06日
来源:新疆日报
【字体:

«پارتىيەمىزنىڭ باسقان ھەربىر قەدىمىدە مۇۋەپپەقىيەتلەر ئالەمشۇمۇل بولدى، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى چىڭ ساقلىغانلىقىدا، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا كەلگۈسىگە يول ئاچقىلى بولىدۇ».

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئۇدا ئىككى كۈن ئېچىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىرمۇبىر سۆز قىلىپ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش، ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنە بىر قېتىم پۈتۈن پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشى، ياخشى ئىستىلنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىگە ئۈلگە بولدى.

2019 - يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ 70 - يىلى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۆزى ئۈستىدە ئۈزۈل - كېسىل ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت خاھىش»نى توختىماي تۈزىتىشكە قەتئىي بوشاشماي تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بارلىق پاسسىپ ئامىللارنى داۋاملىق قەتئىي تازىلاپ، ئېسىل ئىستىل، ياخشى ئوبراز ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنى يېتەكلەپ «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

رەقەم كۈچلۈك دەلىل. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئۇدا تۆۋەنلەش ئاساسىدا، 2019 - يىلىدىكى «ھۆكۈمەت ئۈچ خىراجىتى»(ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش خىراجىتى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەل (چېگرا سىرتى)گە چىقىش خىراجىتى، ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش خىراجىتى) داۋاملىق تۆۋەنلىدى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %5.93، %1.34، %1.35 تۆۋەنلىدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا %18.51، %2.66، %11.51 تۆۋەنلىدى.

خەلق رايى ئەڭ ياخشى ئۆلچەم. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2019 - يىلى 11 - ئايدا ئېلىپ بارغان خەلق ئەھۋالى، خەلق رايىنى تېلېفون ئارقىلىق تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، %98.3 تەكشۈرۈلگەن ئوبيېكت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، %96.5ى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنىڭ ئومۇمىي نەتىجە - ئۈنۈمىدىن رازى بولغان، %95.9ى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى روھىنىڭ ئۇزاققىچە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، %97.3ى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، %86.1ى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلى ئەھۋالىدىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان چىدامچانلىق روھى بولغاندىلا، ئالەمنى خۇش پۇراققا تولدۇرغىلى بولىدۇ.

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ ئېلان قىلىنغىنىغا يەتتە يىلدىن ئاشتى، بۇ بىر تۈرلۈك ئۇزاق ئۈنۈملۈك «پولات قائىدە»، ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشتا «يەتتە يىلدىكى زېرىكىش»نىڭ سادىر بولۇشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. جەزمەن ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بىخۇدلۇق، بوشاڭلىقتىن ھوشيار تۇرۇش كېرەك؛ جەزمەن شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى داۋاملىق تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈكنىڭ يېنىكلىتىلگەنلىكىنى تېخىمۇ «ھېس قىلدۇرۇش» كېرەك؛ جەزمەن «تۆت خاھىش»نىڭ يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى ئىپادىسىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى قاراڭغۇ رايوننى تازىلاش كېرەك؛ جەزمەن تۈزۈمنىڭ ئىلمىيلىكى، دەللىكىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك ...

ئىستىل دۇرۇس بولسا كەيپىيات توغرا بولىدۇ، كەيپىيات توغرا بولسا نىيەت بىر بولىدۇ، نىيەت بىر بولسا ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

2020 - يىلىغا قەدەم قويدۇق، بۇ ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل.

بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى توختىماي چوڭقۇرلاشتۇرسا، چوقۇم ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق 1 مىليارد 400 مىليون خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.