1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى −

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي يېڭى مۇساپىنى باشلاش بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ قايتا ئاتلىنىش

日期:2020年01月10日
来源:新疆日报
【字体:

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «پۈتۈن پارتىيە بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسلىق نەتىجە - ئۈنۈمنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۇنتۇماسلىقىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا، كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، بۇرچقا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ قالتىس تارىخىدىن ئەسلىي مەقسەتنى ئىزدەپ، بۇرچنى رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەتنى تاۋلاپ، بۇرچنى چۈشىنىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنىڭ ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

سىجىل كۈچەپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت.

شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى داۋاملاشما مائارىپ (تېخنىك تەربىيەلەش) شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن يۈەنجاڭى ئەركىن ئەخەت مۇنداق دېدى: باش تېما تەربىيەسىدە، بارلىق ئوقۇتقۇچىلار نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، ئىدىيە جەھەتتە «كالتسىي تولۇقلاپ»، سىياسىي جەھەتتە «ماي قاچىلاپ»، ئىقتىدار جەھەتتە «توك قاچىلاپ»، ھەرىكەت جەھەتتە «بېسىمنى ئاشۇرۇپ»، غايە - ئېتىقادنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز باش تېما تەربىيەسىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز».

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشتىن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكىچە، يەنە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشكىچە... باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى تۈرمۈتۈر مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ نازارەت قىلىش ئارقىلىق، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى توختىماستىن بوشاشماي تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساقلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسى 2 - باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جياڭ بىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجرا قىلىش رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئورگان كادىرلىرىنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلىغانلىقىنى، كەمتەر بولغانلىقىنى، خەلق رايىنى ئاڭلىغانلىقىنى كۆرۈپ، جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ بازىرى گۇچېڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاۋ جيەنبىڭ باش تېما تەربىيەسىنى ئالقىشلاپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش تېما تەربىيەسىدىكى تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھازىر كەنت ئاھالىلىرى يان تېلېفون ئۈندىداردىكى «دەۋا تەلەپ بىۋاسىتە ئاپتوموبىلى»دىن پايدىلىنىپ دەۋا تەلىپىنى بىۋاسىتە ئىنكاس قىلالايدىغان بولدى، بازارلىق ھۆكۈمەت بىرىنچى ۋاقىتتا ئادەم ئەۋەتىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى.

مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، چوقۇم كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىش كېرەك.

«باش تېما تەربىيەسىدە، بىز دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان، دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەش ۋە دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ كەسىپكار دورىگەرلىرىنىڭ <كىنىشكا ئېسىش> قىلمىشىنى تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ يۈشياڭ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرىمىز».

«بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى يۈ ئەيپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: دوختۇرخانىمىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ دائىملاشقان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشتىكى قىيىن نۇقتا، ئاغرىش نۇقتىسى، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، قولايلىق داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى رىشات مۇساجان مۇنداق دېدى: 2020 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، خوتەن شەھىرى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، «1 - كەسىپنى سەرخىللاشتۇرۇش، 2 - كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇش، 3 - كەسىپنى كۈچەيتىش» تەلىپى بويىچە، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنىڭ ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، خوتەن شەھىرىدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى سودا ئەشيا ئوبوروت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ ھەم خوتەننىڭ قاشتاش شەھەرچىسى، قۇملۇق توغراق قاتارلىق ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەڭگۈلۈك تېمىنى دائىم بوشاشماي چىڭ تۇتۇش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى سۈپىتىدە دائىم بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى نىڭ شۆسۇڭ مۇنداق دېدى: بىز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»تىن ئىبارەت بۇ مەڭگۈلۈك تېمىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، ئىرادىسىدىن يانماي، داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىدە قوزغىتىلغان ئاكتىپچانلىقنى، تەشەببۇسكارلىقنى، ئىجادچانلىقنى پىكىر يولىنى كۆزلەش، تەدبىر بەلگىلەش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مېخانىزم ئورنىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىمىز.

تۈمەن چاقىرىملىق مۇساپىدە ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاش كېرەك. شىنجاڭ شۆفېڭ سېلىنما - پاي كونترول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر كاڭ جيەن مۇنداق بىلدۈردى: شىركىتىمىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى دائىم ئىدىيەۋى - سىياسىي سالامەتلىكنى تەكشۈرتۈشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، باشتىن - ئاخىر مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتەك روھىي ھالەتنى ساقلاپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ يېڭى نەتىجە ئۈنۈمى ئارقىلىق شىركەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى يەن يۈجياڭ مۇنداق دېدى: «باش تېما تەربىيەسىدە، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقىمىزنى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىزنى كۈچەيتتۇق، شۇنداقلا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش داۋامىدا ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك ھايات قىممىتىمىزنى ئىشقا ئاشۇردۇق. يېڭى بىر يىلدا، بىز چوقۇم مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ، داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز».