1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى −

دەۋر بۇرچىنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىمىز

日期:2020年01月07日
来源:新疆日报
【字体:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان 2020 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئىللىق ھەم چوڭقۇر، كۈچكە تولغان بولۇپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. چوقۇم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، ياشلىق باھارىمىزغا يۈز كېلەلەيدىغان بولۇپ، يېڭى بىر يىلدا داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، دەۋر بۇرچىنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىمىز.

قەلبلەرنى ئىللىتىپ روھنى ئۇرغۇتۇش، تولۇق غەيرەتكە كېلىش

«شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى ئېلىش چېكى ئۆستۈرۈلدى، پۇقرالار دائىم ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن دورىنىڭ باھاسى تۆۋەنلىتىلدى...» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى بىر يىلدىن بۇيانقى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىياتنى نايامان قىلدى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تولۇپ تاشقان ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى.

ئەتراپىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، كۈنەس ناھىيەسى كەڭسۇ بازىرى كەڭسۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بۇبىسارە ئابدۇكېرىم پىششىق سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. 2019 - يىلى كەڭسۇ كەنتىنىڭ كەنت قىياپىتىدە ناھايىتى زور ياخشىلىنىش بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ ئاشتى. «بۇ يىللاردا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلىققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، تۇرمۇشىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى بۇبىسارە.

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئولتۇرۇشلۇق خۇرشىدە تۇرغۇن بىر يۆتكەش - توشۇش ماشىنىسى شوپۇرى بولۇپ، ھەر ئايدا 5000 يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئالىدۇ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تاپقان پۇلىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزىنىڭ يانچۇقىغا كىرىدىغان بولدى. «بۇ يىل مەن غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، كۆپرەك يېڭى تېخنىكا ئىگىلەپ، تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمەن».

بەخت يەنە گۈزەل يۇرت - ماكاننى ھەقىقىي ھېسسىيات بىلەن قوغداشتىن كېلىدۇ. ئۈرۈمچىدە، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش تەدرىجىي بىر خىل مودىغا ئايلاندى. «ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىشنى ياخشى ئىشلىسەك مۇھىتنى تېخىمۇ رەتلىك، پاكىز قىلىپلا قالماي، يەنە مەھەللىدىن مۇكاپات بۇيۇمى ئالالايمىز، كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى» دېدى ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) شىمالىي ۋوگزال غەربىي يول كوچا باشقارمىسى شىمالىي ۋوگزال يولى شىمالىي مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سۈن يۈمېي.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش

«رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: <ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى مېڭىشىمىزنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى>. بۇ يىل بىز ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، دىققەتنى <ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى>دىن ئىبارەت بۇ گەۋدىلىك مەسىلىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت كاپالەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىمىز» دەپ بىلدۈردى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ليۇ جيەنگو.

«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سۆزى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتا چىڭ تۇرۇش، غايە - ئېتىقادنى چىڭ ساقلاشنى يەتكۈزۈپ، بىزگە يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى مېڭىشىمىزنىڭ مەنىۋى ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ رۇڭ مۇنداق دېدى: 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىدە مۇقىملىق ئاساسىدا ئېشىش كۆرۈلدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى. «بۇ يىل، بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە دائىر سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تۇرمۇشى ئۈمىدكە تولۇپ، ئەمگەك ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى جاڭ رۇڭ.

«ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى چېلىندى. بىز مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر پەرھات ھېزىم.

بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ كەلگۈسىنى يارىتىش

كۈرەش قىلغاندا تارىخنى ياراتقىلى، ئەمەلىي ئىشلىگەندە كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

«جۇڭگو زېمىنىنىڭ ھەممە يېرىدە يېڭى كەيپىيات يارىتىلدى، بىزنىڭ كەنتتىمۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى.» بىڭتۇەن 10 - شىسى 183 - تۇەنىنىڭ ئالتاي شەھىرى چىرىكچى يېزىسىنىڭ ئاقچا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى جاڭ شىن مۇنداق دېدى: «2019 - يىلى ئاقچا كەنتىدىكىلەرنىڭ كىشى بېشى كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ئاشتى، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى. بۇ يىل، بىز داۋاملىق غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمىز».

«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش بۇرغىسىنى چالدى. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىمىز» دەپ بىلدۈردى گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ما شۈدۇڭ.

«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ياشلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى كۈچكە تولدۇردى» دېدى لوپنۇر ناھىيەسىدىكى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن شى مىڭلېي. بۇ بىرنەچچە يىلدا، دۆلەت سىياسىتىنىڭ يۆلىشىدە، شى مىڭلېينىڭ كېرەكسىز سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. «مەن كەسپىي بىلىمىمنى جەمئىيەت ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ياشلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن» دېدى شى مىڭلېي.