1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 - نۆۋەتلىك 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

日期:2019年11月18日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 - نۆۋەتلىك 8 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىز قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ياخشى تۇتۇشىمىز، پۇختا تۇتۇشىمىز كېرەك.

ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى نۇقتىلىق مەزمۇن قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاۋۋال ئۆگىنىشى، كۆپرەك ئۆگىنىشى، يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرى، كادىرلار شۆيۈەنلىرى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشتىكى زۆرۈر دەرسلىك قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەر ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى؛ ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىشىنى ياخشى تەشكىللەپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشىنى تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئۈنۈم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىغا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق تونۇتۇپ، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. تاراتقۇلار تەشۋىق قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەتراپلىق، كۆپ قاتلاملىق تەشۋىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە كۆلەملىك داغدۇغا ۋە كەڭ تەسىر شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلەش ئۆمەكلىرى ئورگان، كارخانا، يېزا، مەكتەپ، مەھەللە، تۇەن - چاڭ، ليەندۈيلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئۆزى مەسئۇل ساھە، مەسئۇل تارماقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەشۋىق قىلىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار كىشىلەر ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا كەڭ تەشۋىق قىلىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى كېرەك؛ نەزەرىيە جەھەتتىن شەرھلەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چوڭقۇرلۇقى، سالمىقى بار تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تونۇشنى ئۆستۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىر ئۈلۈش ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، توققۇز ئۈلۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، ئۆزى تۇتۇشى، ھەرقايسى تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، «چىڭ تۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، رىئايە قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش»نى زىچ چۆرىدەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلىشى كېرەك. تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىجرا قىلىشتا. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تۈزۈمنى ئاڭلىق ھۆرمەتلەش، تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، تۈزۈمنى قەتئىي قوغداشقا تۈرتكە بولۇشى؛ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، تولۇق قاپلىغان تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تۈزۈمنىڭ ھەر ۋاقىت ھەيۋىسى بولۇشى، ھەممە يەردە ئۈنۈمى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جەزمەن ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما ۋە خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى پارتىيەمىز «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئاچقان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولۇپ، ئىجادچانلىققا، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.