1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

日期:2019年11月13日
来源:新疆日报
【字体:

يېقىندا، مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «2 - تۈركۈمدىكى <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىدە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشىدە ھاسىلات بولۇش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇشتا ئۈلگە بولۇش نىشانىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە خەلق ئاممىسىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە ئۇزاق كەلگۈسى چىقىش قىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە تىرەك بولىدىغان تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش نۇقتىلىق تەتقىق قىلىنىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا نۇقتىلىق مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر بولغان مۇھىم، زور تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىسلاھاتى ۋە ئالغا سىلجىتىش زۆرۈر بولغان نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «نېمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش» كېرەكلىكىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلدى. ئومۇمىي يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللىنىپ، جۇڭگوچە سوتسيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئومۇمىي تەلىپى، ئومۇمىي نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە تۈپ كاپالىتى چوڭقۇر شەرھلەندى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى سىياسىي خىتاب ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، دۆلەت ئىچكى - تاشقى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىش، تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھازىرقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشتا، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا چىقىرىلغان قارار ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى زۆرۈر ئۆگىنىش مەزمۇنى قىلىپ، مەخسۇس ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىشقا ۋاقتىدا تەشكىللەش كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى «شى جىنپىڭنىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن تاللانما»، «شى جىنپىڭنىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» قاتارلىقلارنى تولۇق ئوقۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق چۈشىنىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ۋە مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ۋە روشەن ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ نىشان - ۋەزىپىسى، مۇھىم، زور تەدبىرى ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈش، توغرا ئىگىلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ياكى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىدا ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ رەھبەرلىك بەنزىسى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدا ئەستايىدىل رەتلەپ، سەۋەبىنى، بولۇپمۇ ئىدىيەۋى مەنبەسى، تۈزۈم كەمچىللىكى، ئىقتىدار يېتەرسىزلىكىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىشى؛ تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى ۋە لايىھەسىنى تۈزۈشتە ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان بولۇشقا تىرىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ھەل قىلىشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا ئاساسەن، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلايدىغان تۈزۈملەرنى ئورنىتىشنى چۆرىدىگەن ھالدا، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ھازىر تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاققىچە تۇرغۇزۇش»نى بىرلەشتۈرۈپ، ھەم ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىش، ھەم ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈزۈم تۈزۈش بىلەن تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تۈزۈم نوپۇزىنى قوغداش، تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ھەم ئۇنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى، ھەر دەرىجىلىك باش تېما تەربىيەسى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى، سەييارە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى، سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەش كېرەك. كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى، مەركەز سەييارە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ساھە، سىستېمىلارغا ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلارنىڭ پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)لىرى ئەۋەتكەن سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى، ئۆزلىرى ئالاقىلىشىدىغان سىستېما، ئورۇنلارنىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىغا بولغان يېتەكچىلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.