1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ۋە ئاساسىنى توغرا ئىگىلەيلى

− پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

日期:2019年11月04日
来源:新疆日报
【字体:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى.

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»دا، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە قانۇنىيىتى توغرا ئىگىلىنىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ۋە ئاساسى چىڭ تۇتۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. ئەگەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، بىزنىڭ دۆلىتىمىز، بىزنىڭ مىللىتىمىز بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولاتتى، شۇنداقلا بۈگۈنكىدەك خەلقئارا ئورۇنغا ئىگە بولالىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، دەل باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە كۈچ مەركەزلەشتۈرۈلۈپ چوڭ ئىشلار قىلىنغاچقىلا، دۆلەت بىرتۇتاش، ئۈنۈملۈك ھالدا تۈرلۈك ئىشلارنى تەشكىللەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغاچقا، بىر قاتار ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇلۇپ، سانسىزلىغان جاپا - مۇشەققەت، توسالغۇلار يېڭىلىپ، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش مۆجىزىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇش مۆجىزىسى يارىتىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتى، بەختى. بىز ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا، جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان تۈپ تەلەپنى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ رەھبەرلىك تۈزۈمى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى بىر پۇختا، مۇكەممەل بولغان ئىلمىي تۈزۈم سىستېمىسى بولۇپ، ئاساسىي قۇرۇلمىلىق رول ئوينايدىغان تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈم، بۇنىڭ ئىچىدە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش ئورنىغا ئىگە بولغىنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى. ئومۇمىي يىغىندا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش باش ئورۇنغا قويۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش تەلىپى ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىپادىلەندى، گەۋدىلىك بولغىنى دەل پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى بىر تۇتاش رەھبەرلىك ئورنى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈچلۈك رەھبەرلىك ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى نامايان قىلدى.

دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ۋە ئاساسىنى توغرا ئىگىلەشتە، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى كۆپ جەھەتتە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە، ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنى پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ باشتىن - ئاخىر سوتسىيالىزم يۆنىلىشىنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ بىر گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىدۇر، ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتقاندا، «يۇلتۇزلار ئاينى چۆرىدەش» بولۇپ، بۇ «ئاي» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى. دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ شاھمات تاختىسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي بارگاھتىكى «باش قوماندان»، جەڭ ھارۋىسى، ئات ۋە توپلار بولسا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ، بۇلاردىن بۇ تاختا شاھماتنىڭ ۋەزىيىتىنى بىلگىلى بولىدۇ. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، ئالدى بىلەن پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن - مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەر تەرەپ، ھەر ساھەلەردە، پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ۋە ئاساسىنى توغرا ئىگىلەشتە، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى−نى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇھىم، زور ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ياخشى ئېلىش كېرەك.» بىز «قارار»دىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلەر بويىچە، پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايدىغان تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، خەلققە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تۈرلۈك تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىغان تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

پارتىيە رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى « مۇقىملاشتۇرغۇچ». بۈگۈنكى دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرۇۋاتقاندا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكنى تېخىمۇ تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرساق، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش غايەت زور پاراخوتىنى باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىش بويىچە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىتىپ، شانلىق قىرغاققا غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىيەلەيمىز.