1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولايلى

− پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

日期:2019年11月04日
来源:新疆日报
【字体:

دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى تەرتىپچان قىلىشتا، تۈزۈمنى توغرىلاش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەردە تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، تېخىمۇ تۇراقلاشقان بىر يۈرۈش تۈزۈملەرنى شەكىللەندۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم نىشانى.

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»دا، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا «نېمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش» كېرەكلىكىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلىگە ئومۇميۈزلۈك جاۋاب بېرىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، بىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز ئۈچۈن ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

تۈزۈم مەسىلىسى تېخىمۇ تۈپ خاراكتېرلىككە، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىككە، مۇقىم خاراكتېرلىككە ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكلىككە ئىگە. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ پەيدىنپەي چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، پارتىيەمىزنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا بولغان تونۇشى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. پارتىيە 14- قۇرۇلتىيى، پارتىيە 15- قۇرۇلتىيى، پارتىيە 16- قۇرۇلتىيى، پارتىيە 17- قۇرۇلتىيىنىڭ ھەممىسىدە تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى كۈندىن - كۈنگە پىشىپ يېتىلدۈرۈپ، تۇراقلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياساشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم، زور رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنى باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۈزۈم قۇرۇلۇشى بىلەن ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانى: 2035- يىلىغا بارغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش مەسىلىسىنىڭ مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىنىشىدا، دەل بۇنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم، زور ۋەزىپە ئىكەنلىكى ئويلىشىلغان، بۇنىڭغا قارىتا سىستېمىلىق خۇلاسىلەش ئېلىپ بېرىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللىشىدىغان ۋە راۋاجلىنىدىغان ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش زۆرۈر.

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نۇرغۇن يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى تېخىمۇ ئېغىرلىدى. ئىسلاھاتنىڭ تېخىمۇ كۆپ دۇچ كېلىدىغىنى چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم مەسىلىسى، ئىسلاھاتنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە قويۇلغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، پۈتۈن گەۋدىلىكلىكى، ماسلىشىشچانلىقىغا قويۇلىدىغان تەلەپ تېخىمۇ كۈچلۈك، مۇناسىپ قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش، سىستېما بەرپا قىلىش ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېغىر. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش مەسىلىسىنىڭ مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىنىشىدا دەل بۇنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا ئىلگىرىلىتىشتىكى تۈپ تەلەپ ئىكەنلىكى ئويلىشىلغان. يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پىلانلاشتا جەزمەن بۇنى ئاساسىي ئوق قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات تەلىپى ۋە دەۋر ئېقىمىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش زۆرۈر.

«دۆلەت ۋەزىيىتى گۈللەنمىسە خارابلىشىدۇ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئىلگىرىلەش بولمىسا چېكىنىدۇ.» بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان، پارتىيەمىز يۈزلىنىۋاتقان ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل، مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان، دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار جىددىي، مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. بىز ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا جەزمەن تۈزۈم كۈچ - قۇدرىتىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەر، خىرىسنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. بىز دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك.

«جۇڭگونىڭ تۈنۈگۈنى ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلدى، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قولىدا يارىتىلماقتا، جۇڭگونىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.» پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئومۇمىي نىشانىغا قاراپ تىرىشىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق ياراتساقلا، بىز چوقۇم تۈزۈملەرنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرەلەيمىز، تېخىمۇ تۇراقلاشتۇرالايمىز، تەرەققىياتنى تېخىمۇ سۈپەتلىك قىلالايمىز، ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ سەۋىيەلىك قىلالايمىز، خەلقنى تېخىمۇ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلالايمىز.