1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى

日期:2019年09月29日
来源:新疆日报
【字体:

«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا موھتاج».

باش شۇجى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 27- كۈنى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىدە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، يېڭى دەۋردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز.

ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش

باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتى شۆبە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كومىتېتتا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن مۇدىر ياڭ شياۋبو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىلگىرىكى مىللىي زۇلۇم، جېدەل - ماجىراغا تولغان ئازابلىق تارىخنى ئۈزۈل - كېسىل ئاخىرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى تېپىپ چىقتى، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، بىرىنچىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردى. «بىز قولغا كەلتۈرۈلگەن قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئىنتايىن قەدىرلەپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ماڭىمىز».

يۈننەن دىچىڭ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مىللەت، دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما گوجۇڭ مۇنداق دېدى: دىچىڭ ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مىللەتلەر خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى باشلامچىلىقىدىكى خىزمەت رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىگە يۇقىرى ئورۇندىن تۈرتكە بولدى. «كېيىنكى قەدەمدە، بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز».

جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۈي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن جۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: جىڭنىڭ «قىزىل كېمە روھى» ۋە «غەربىي جەنۇبىي جېجياڭ ئىنقىلاب روھى»نى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش كەيپىياتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى ئارقىلىق پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى خۇاڭيۈەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ما جيەنلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ناھىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. «ناھىيەلىك پارتكومىمىز نۆۋەتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدىكى باشلامچى ياۋا غازلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئەستە چىڭ ساقلاپ، ناھىيە تەۋەسىىدىكى ھەر مىللەتنىڭ بىرىكمە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىدۇ».

جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، ئالاھىدە دىققەت قىلدى، سۆزىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەكرار تەكىتلىدى.

نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 13- شىسى راكېتا دېھقانچىلىق مەيدانى دىڭشۇن سانائەت سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى فۇ جياڭلۇ ھەسسىلەپ ئىلھام ئالدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئەمەلىي خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، چىن ھېسسىياتىمىز بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، تىلىمىز بىلەن پىكىرلىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاكا - ئىنى، ئاچا - سىڭىللار بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئورتاق جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ روھى، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى. سىچۇەن ئۆلكىسى چېڭدۇ ئابا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشما باشلىقى، تاڭگۇلا شامىلى سەنئەت ئۆمىكى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى جىن بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە: «بىز داۋاملىق مەدەنىيەت ئويۇنى قويۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى بەرپا قىلىمىز».

«مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىپ، ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.» بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خەيديەن شۆبە ئىدارىسى شىشەن ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى خۇاڭ ۋېنجۇغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى چوڭقۇر تەسىر قىلغانىدى، «مەھەللە خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، قانۇننى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ شەھەر تۇرمۇشىغا، جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىرىشىنىڭ كاپالىتىگە ئايلاندۇرىمەن».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت تۇرمۇشىدىكى زىچ ئالاقىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولدى. شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرى يەلكەنلىك كېمە ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئولىمپىك يەلكەنلىك كېمە شەھىرى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى زاھىدە خېلىل شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، بېيجىڭدا ئوقۇپ، چىڭداۋدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئايال كادىر. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق شەھەر مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىش

«جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى كۈن كەچۈرۈشى كېرەك. مىللىي رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ۋە زامانىۋىلىشىشى بولمىسا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ۋە زامانىۋىلىشىشى بولمايدۇ».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى تۈر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋېن چۈنخۇادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالاھىدە مۇھىم ئىش ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە تۇتتى، نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئاممىۋى مۇلازىمىتى، كەنت قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلالايمىز».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ»نى «بايلىق»قا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. ئىچكى موڭغۇل ئارۇخۇرچىن خوشۇنلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى يۈ ۋېيدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «پۈتۈن خوشۇن باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن ئېكولوگىيەنى ئاسراشنى ئۆزئارا تولۇقلىما قىلىپ، ئۆزئارا ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئېكولوگىيە كەسپىگە تايىنىپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ».

چىڭخەيگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئۇنى ئەمدىلا تاماملىغان جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى چېن ياۋخۇا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش» دېگەن سۆزىگە قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. 2016 - يىلى يازدا، چېن ياۋخۇا جياڭسۇدىن چىڭخەي خەينەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گۇيدې ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، چىڭخەيگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ 910 دىن ئارتۇق ئادەم قېتىم كۆز ئوپېراتسىيەسى قىلدى، كۆزگە ئاق چۈشۈش ئوپېراتسىيەسىدىن 752نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

«ئومۇمىي خەلق ساغلام بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بولمايدۇ. بىز تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمىز» دېدى چېن ياۋخۇا.