1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى قەتئىي ساقلاش كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار»نى باھالاش - تەقدىرلەش ۋە ئۆگىنىش - تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

日期:2019年09月27日
来源:新疆日报
【字体:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار»نى باھالاش - تەقدىرلەش ۋە ئۆگىنىش - تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار»دىن ئۆگىنىپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىمىزنى قەتئىي ساقلاپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەيمىز.

«ھەربىر <ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى>نىڭ ئارقىسىدا بىر بۆلەك قالتىس، جانلىق، مول قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ھېكايە بار بولۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، كۈرەش قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئۇلۇغ روھ كىچىكتىن چوڭنى كۆرۈش ئارقىلىق ئىزاھلىنىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئىنتايىن مۈشكۈل كۈرەش قىلىش مۇساپىسى ئېچىپ بېرىلگەن.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ چۇەن مۇنداق بىلدۈردى: «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتى پارتىيەنىڭ سادىق ياردەمچىسى ۋە ئىشەنچلىك زاپاس قوشۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىشقا، <ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار>دىن ئۆگىنىشكە، تىرىشىپ <ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار>دىن بولۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن جەڭگىۋار قوشۇن ۋە زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك».

«جاڭ فۇچىڭ بوۋاينىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى مېنى ئىنتايىن قايىل قىلدى، ئۇ بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى.» ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسى توغراق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشۋىق - تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بو شاۋبىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار»نى ئۈلگە قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىشتەك يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىمنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمەن.

«تەقدىرلەنگەن <ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار> ئىچىدە شىنجاڭدىن ئون كىشى بار، ئۇلار ھەرساھە، ھەركەسىپلەردىن كەلگەن، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا بوشاشماي كۈرەش قىلغۇچىلار، يول ئاچقۇچىلار، خەلقنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىنى بەرپا قىلغۇچىلار، قوغدىغۇچىلار بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشۋىق - تەربىيە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى شيې گوخۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىش ئىزلارنى خەۋەر قىلىش، تەشۋىق قىلىش - دوكلات بېرىش، سۆھبەتلىشىش - پىكىر ئالماشتۇرۇش، زىيارەت قىلىش - ھال سوراش قاتارلىق ئۆگىنىش، ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، <ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار>نىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېڭى جۇڭگونى، كۈرەشچان يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەيدىغان ياڭراق مېلودىيەنى ياڭرىتىشىمىز كېرەك».

مەتسەيدى ئەيسا قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسى، 9- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۇ بوۋىسىغا ۋاكالىتەن «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار»نى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى. مەتسەيدى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بوۋامغا ۋاكالىتەن تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ھەم چوڭقۇر ئىلھام ئالدىم. مەن چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتەننى سۆيۈش، كۈرەش قىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار»نىڭ ھېكايىلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن».

«ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» ۋۇ دېڭيۈننىڭ ھېكايىسى بورتالا شەھىرى ئۇتبۇلاق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مىشىربانا تۇرغۇنجاننى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى. «بۇ 80 ياشلىق بوۋاينىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ پامىر ئېگىزلىكىنى چىڭ ساقلاپ، ئۆزىنىڭ كېسەلنى داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇشتەك مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقى كىشىنى ئىنتايىن قايىل قىلىدۇ.» مىشىربانا مۇنداق بىلدۈردى: «مەن قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ قولىدىن ئېگىز كۆتۈرۈلگەن كۈرەش بايرىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۆز ھەرىكىتىم ۋە ساداقىتىم بىلەن ئاساسىي قاتلام مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇرچى، مەسئۇلىيىتىنى ئىزاھلاپ، ھەربىر بالىغا <چىن سەمىمىيىتىم، چىن ھېسسىياتىم، چىن قەلبىم، چىن نىيىتىم> بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ لاياقەتلىك ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرىمەن».