1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش

− ئاپتونوم رايوننىڭ 1- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

日期:2019年09月17日
来源:新疆日报
【字体:

بۇ، بىر مەيدان ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتىكى روھىي پاكلىنىش −

6- ئايدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسى ھەم ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق 94 تارماق، ئورۇندىكى 4800 نەپەر ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىر، 86 مىڭ نەپەر پارتىيە ئەزاسى 1- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى قەلبىگە مەھكەم پۈكۈپ، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزدى، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتتى، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى بىر قېتىملىق يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش −

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، باش تېما تەربىيەسى بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈردى، ئورتاق يۈكسەلدۈردى.

بۇ، قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى بىر قېتىملىق ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش −

6688 مەخسۇس تۈزەيدىغان مەسىلە، 4300 دىن ئارتۇق تۈزەش تەدبىرى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى تولۇق نامايان قىلىپ، تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق ئەل قەلبىنى ئۇتتى.

ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ھاسىلات بولۇش، ئىدىيەۋى سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇشتا ئۈلگە بولۇش كونكرېت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتىدە يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

ئېتىقاد ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، مەنىۋى كالتسىي تېخىمۇ تولۇقلاندى، ئىدىيە رولى تېخىمۇ مۇقىم بولدى

ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئېتىقادتىن كېلىدۇ، ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى ئىدىيەنى مەنبە قىلىدۇ.

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ، بىر قەدەم ئاۋۋال ئۆگىنىپ، يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يەتتە كۈن ۋاقىتقا مەركەزلەشتۈرۈپ بەلگىلەنگەن مۇندەرىجە بويىچە ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزلىرى ۋە مۇھىم ماقالىلىرىنى ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىشىگە، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولدى، بۇيرۇق بولمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئورۇنلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار دىققەتنى باش تېما ئاساسىي لىنىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش جەريانىنى ئىدىيەۋى تونۇشنى يۈكسەلدۈرۈش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش ئىدىيە ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1- تۈركۈمدىكى ئورۇنلار جەمئىي 12 مىڭ مەيدان قېتىم ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرغان، ناھىيە - باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار 73 مىڭ 300 ئادەم قېتىم تەسىرات ئالماشتۇرغان.

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش زىچ چۆرىدىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە بىرلەشتۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نەتىجىلەرنى ئالماشتۇرۇش چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى ياخشى سۆزلىنىپ، تىرىشىش يۆنىلىشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئايدىڭلاشتۇرۇلدى... 1- تۈركۈمدىكى ئورۇنلار جەمئىي 10 مىڭ قېتىمغا يېقىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق 10 مىڭ 900 مەسىلىنى بايقىدى، ئانالىز قىلدى، 7500 دىن ئارتۇق قىزىق نۇقتا - قىيىن نۇقتا مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، 3226 مەيدان قېتىم مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى سۆزلىدى.

پارتىيەۋىلىك ئېڭى تېخىمۇ كۈچەيدى، سىياسىيدا تېخىمۇ قەتئىي بولدى، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەخسۇس تېما تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشنى چوڭقۇر تۇتۇش، تەشكىلىي تۇرمۇشنى ئەمەلىي تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىدىيەدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ بىر قېتىملىق جانلىق سىياسىي تەربىيە ۋە كەسكىن سىياسىي تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىدىيە جەھەتتىكى چاڭ - توزانلارنى تۈگىتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى قەتئىيلىكىنى تاۋلاپ، ئىدىيەۋى مەنزىلنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈردى.

60 نەچچە يىلدىن بۇيان، نام - تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، ئۆمۈر بويى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، خىسلىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك... 8- ئاينىڭ 15- كۈنى، يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، پېشقەدەم قەھرىماننىڭ ئىش ئىزلىرى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئارقىلىق تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقالدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بىر قېتىملىق چوڭقۇر روھىي پاكلىنىش ۋە پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدى. غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى فېي مۇنداق دېدى: «پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش جاڭ فۇچىڭنى ئۆلچەم بايرىقى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مەيدانغا كەلگەن ئەتراپىمدىكى تىپلارنى ئۈلگە قىلىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، دادىل ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممەمگە ئالىمەن».

ئۈرۈمچى شەھىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى قاتارلىق قىزىل تەربىيە بازىلىرىغا كىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىش؛ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» بويىچە ئەتراپتىكى ئۈلگىلەرنى تاللاپ تۇرغۇزۇش، تەشۋىق قىلىش... ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى باشلامچى بولۇپ، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئەگىشىپ، مەخسۇس تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئىنقىلاب تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاشقا يېتەكلىدى. 1- تۈركۈمدىكى ئورۇنلار مەخسۇس تېما تەربىيەسىدىن جەمئىي 5830 مەيدان ئۇيۇشتۇردى، تەربىيەلەنگەن پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار 220 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولدى.

مەسىلىلەرگە توغرا قاراشقا جۈرئەت قىلىدىغان سىياسىي ئاڭلىقلىق، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆتكە سېلىشتۇرۇش» «تۆتنى تېپىش» تەلىپىگە قاتتىق توغرىلىنىپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرى ۋە تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى. 1- تۈركۈمدىكى ئورۇنلار جەمئىي 3736 پارچە مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، 23 مىڭدىن ئارتۇق مەسىلىنى بىر - بىرلەپ يېزىپ چىقتى.

«مېنىڭ ئامما بىلەن يۈزتۇرا، سىردىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشۇم كەمچىل» «خىزمەتنى قەدىر ئەھۋال ئىشلەپ قويۇش بىلەن بولدى قىلىسىز، ئالغا ئىنتىلىش روھىڭىز كەمچىل»... نۇرغۇنلىغان پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ «ئاچچىق تەم»گە تولغانلىقىنى ھېس قىلدى.

مەسىلىلەرنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدى، سەمىمىيلىك بىلەن پىكىر بەردى، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، يىغىندا تۈرلۈك مەسىلىلەردىن 12 مىڭنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، يۈزىنى قىزارتىپ تەرلىتىش، زەھەرنى ھەيدەپ كېسەل داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتتى.

«چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، تولۇق چۈشىنىلىپ كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈلدى، يېتەكچىلىك قىلىنىپ، ئۆگىنىلىپ، نەزەر دائىرىسى كېڭەيتىلدى، مۇھاكىمە قىلىنىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇلۇپ، ئۇسسۇزلۇق قاندۇرۇلدى، ئەسقاتىدىغان بولدى» «قەلبلەر لەرزىگە كەلدى، ئىدىيە پاكلاندى» «مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى كۆپەيدى» ... كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش تېما تەربىيەسىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن كاللىسىنى قوراللاندۇردى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

كۈرەش قىلىش روھى تېخىمۇ كۈچەيدى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى، ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەسئۇلىيەتچانلىقى تېخىمۇ پۇختا بولدى

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاساسىي ساپا.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىدە گەۋدىلەندۈردى.

باش تېما تەربىيەسىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا قارىتا قايتا ئۆگىنىش، قايتا ئۆزلەشتۈرۈش، قايتا ئۆلچەمگە توغرىلىنىش ئېلىپ بېرىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا قايتا تەپسىلىي قاراپ چىقىپ، قايتا تەكشۈرۈپ، قايتا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر مۇھىم يوليورۇققا بىر يۈرۈش خىزمەت تەدبىرى بولۇش، بىر باشلامچى تارماققا بىر نەپەر ئاساسلىق مەسئۇل كىشى بولۇشتىن ئىبارەت ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش نىشانى، ۋاقىت چېكى، تەلىپى، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىرمۇبىر ئۆگىنىش، بىرمۇبىر ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، بىرمۇبىر نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەركەز ئورۇنلاشتۇرما قىلغان سەككىز جەھەتتىكى مەخسۇس تۈزەشنى ئەستايىدىل، ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق مەسىلىسى، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى تۈزەپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ داڭلىق، قىممەت، ئالاھىدە مەھسۇلات تۈرىدىكى ئالاھىدە بايلىقتىن پايدىلىنىپ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەش مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ھېسابات دەپتىرى شەكلىدىكى باشقۇرۇش، تۈرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي تۈزىتىپ، ھازىرغىچە 3796 مەسىلىنى تۈزىدى، ھەل قىلدى.

باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىنىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى قوغدىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملىنىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى.

باش تېما تەربىيەسى ئارقىلىق كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدا سىجىل قويۇپ بېرىلدى، ئىسلاھات - تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ساياھەتچىلىك كەسپىدە تېز سۈرئەتتە ئېشىش ساقلاندى، بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە 149 مىليون ئادەم قېتىم شىنجاڭنى ساياھەت قىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.9 ئاشتى.

خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭى تېخىمۇ كۈچەيدى، ئاممىنىڭ «غەم قىلىدىغان ئىشى» ئازايدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ ئەمەلىي بولدى

خەلقنىڭ مەيدانى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. خەلقنى يېتەكلەپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەيدىغان كۈرەش نىشانى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلققە پايدىلىق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلار، ياخشى ئىشلارنى سىجىل، ياخشى قىلىپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، «3 + 1» خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلىدى، «1» يەنى: جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن بىخەتەر، ئاسايىشلىق مۇھىت ياراتتى. «3» يەنى: ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتى %50.35كە يەتتى؛ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قېپقالغان ئېغىر نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلىدى، بۇ يىل 300 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، 9355 ئائىلىلىكنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدۇ؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى پائال كېڭەيتىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ زورايتتى، 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 1 مىليون 200 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قېتىمنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 330 مىڭ ئادەم قېتىم كۆپىيىپ، بۇ يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى.

خەلقنىڭ ئارزۇسى، ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئەلرايىغا ئۇيغۇن بولغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى بېجىرىپ، بىر تۈركۈم ھەر مىللەت ئامما دائىم غەم قىلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

باشقا جايغا كۆچۈرۈلۈپ لوپ ناھىيەسى قىزىل كۆۋرۈك مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاھالە ئابدۇللا ئاتاۋۇللا باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا قارىتا باش بارمىقىنى چىقاردى: «بۇ قېتىم كادىرلار تۆۋەنگە چۈشۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىزگە ئەمەلىي ياردەم بېرىپ، دۇچ كەلگەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى، يەنە بىز ئۈچۈن تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈپ بەردى، كەلگۈسىدىكى كۈنلىرىمىز جەزمەن بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ».

ئامما بىلەن بولغان ھېسسىيات تېخىمۇ يېقىنلاشتى، ئىستىل تېخىمۇ پۇختا بولدى، ھېيىقىش ئېڭى تېخىمۇ كۈچەيدى

پۇت تىرەپ تۇرۇشتا ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش ۋىجدانىنى يوقاتماسلىق، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماسلىق، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، قىزىل سىزىقتىن ھالقىماسلىق، يۇقىرى بېسىملىق سىمغا تەگمەسلىك، بۇ، كومپارتىيە ئەزالىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك سىياسىي خىسلەت، شۇنداقلا ئەمەلدارلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە جەزمەن يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك سىياسىي پەزىلەت.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىر قىسىم جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەپ، دائىملىق نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، دېلو ئارقىلىق ئىبرەت بېرىش، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، دېلونى ئۆرنەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇردى. 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدىكى ئورۇنلار 9113 مەيدان قېتىم، 586 مىڭ ئادەم قېتىم ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قەتئىي تۈزىتىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆزىتىشى ۋە ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ تەكشۈرۈشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلۈپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى؛ تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىنلار كۈچەپ تۈزىلىپ، ھۆججەتلەرنى ئىخچاملاش، يىغىنلارنى ئازايتىش ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان، خىزمەتلەرنى يېرىم - يارتا ئىشلىگەن ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلارغا قارىتا كوللېكتىپ چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىش ئېلىپ بېرىلدى؛ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش - تەكشۈرۈش، باھالاش ۋە نازارەت قىلىش بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق» ئۈنۈملۈك تۈگىتىلدى.

ئىستىلنى ياخشىلاش ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىدە نامايان قىلىندى. پۇقرالار ئەتراپىدىكى «غەم قىلىدىغان ئىشلار»نىڭ ھەل قىلىنىپ، بېلەت زاكاز قىلىشتىن ئايروپىلانغا چىقىشقىچە بىر يان تېلېفون بىلەنلا بېجىرگىلى بولىدىغانلىقىنى، دورا ئېلىش، كېسەل كۆرسىتىشنىڭ تېخىمۇ قولايلاشقانلىقىنى؛ «كۆڭۈلنى بىئارام قىلىدىغان ئىشلار»نىڭ راۋانلىشىپ، تۆۋەن كاپالەتتە «خاتا تۆۋەن كاپالەت» «ئادەمگەرچىلىك تۆۋەن كاپالىتى» «مۇناسىۋەت تۆۋەن كاپالىتى»نىڭ قاتتىق تەكشۈرۈلگەنلىكىنى؛ قاتتىق نەپرەتلەندۈرىدىغان «بىئارام قىلىدىغان ئىشلار»نىڭ ياخشىلىنىپ، چەكتىن، نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىشنى تۈزەش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىنىپ، يول مەمۇرىيىتى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ بىرلەشمە قانۇن ئىجراسىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئالماشتۇرۇشتا يېزىدىن چىقمايدىغان بولغانلىقىنى، كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى كىنىشكىسى بېجىرىشتە ئالدىن كېلىشىپ مۇلازىمەت قىلىنىدىغانلىقىنى، ئاممىۋى ئىجارە ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئالغان شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىگەن ئائىلىلەرنىڭ تۈگىتىلگەنلىكى، چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ھېس قىلدى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىيات نامايان بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئەمەلىي يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆردى.

ئامما ئومۇميۈزلۈك شۇنى ئىنكاس قىلدىكى، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى، تېخىمۇ كۆپ ئالاقىلىشىدىغان بولدى، پۇقرالار ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى بېجىرىپ بەردى، نۇرغۇن زىددىيەت، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بەردى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى كۆپچىلىكنىڭ قەلبىگە يەتكۈزدى، بىز چىن قەلبىمىزدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، باش شۇجى شى جىنپىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز!

قەتئىي تەۋرەنمەي ئەسلىي مەقسەتتە ئۇيۇل تاشتەك چىڭ تۇرۇش، توختىماي ئالغا بېسىپ باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ تۇپرىقىدا كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ نەتىجىسىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە، جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە.