1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

شانلىق تارىخنى ياد ئېتىپ، گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ئورتاق يارىتايلى

日期:2019年09月14日
来源:新疆日报
【字体:

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ شياڭشەن ئىنقىلابىي خاتىرە ئورنىغا بېرىپ، شۇاڭچىڭ داچىسى، لەيچىڭشۈەن قاتارلىق ئىنقىلابىي كونا جايلارغا ھۆرمەت بىلەن نەزەر سېلىپ، شياڭشەن ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلغانلىقىدىن ئىبارەت شانلىق تارىخنى ئەسلىدى، يولداش ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ياد ئەتتى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش» چاقىرىقىنى چىقىرىپ، بىزنىڭ يېڭى جۇڭگونى داۋاملىق ياخشى مۇستەھكەملىشىمىز، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچ قوشتى.

«داغدام يولنى بىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تارىخنى بىلىش كېرەك». جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ شياڭشەندە يېرىم يىللا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەر پارتىيەمىزنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ پۈتۈن مەملىكەتنى غەلىبىگە يۈزلەندۈرگەن، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن باش قوماندانلىق ئىشتابى، جۇڭگو ئىنقىلابى ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ يېزىلاردىن شەھەرلەرگە يۆتكەلگەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ، پارتىيە تارىخى، جۇمھۇرىيەت تارىخىدا شانلىق ئىز قالدۇردى. تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، تارىخنى ئۇستاز تۇتۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى 170 نەچچە يىللىق كۈرەش تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 98 يىللىق كۈرەش تارىخى، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق تەرەققىيات تارىخىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلىساقلا، بىز تارىختىن مول ئوزۇق ۋە چوڭقۇر ئىلھام ئېلىپ، «قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەستە قۇرۇلغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەستە بەرپا قىلىنغانلىقى»نى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ئورتاق يارىتالايمىز.

شانلىق تارىخنى ياد ئېتىپ، گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ئورتاق يارىتىشتا، جەزمەن «ئىنقىلابنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش»تەك ئىنقىلابىي روھنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. «دۈشمەننى تەلتۆكۈس يوقىتىشتا داۋاملىق قوغلاپ زەربە بېرىپ، ھەرگىزمۇ يېرىم يولدا توختاپ قالماسلىق كېرەك.» ئىنقىلاب يىللىرىدىن قۇرۇلۇش مەزگىلىگىچە، ئاندىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكىچە، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنى يېتەكلەپ تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر، بىز «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، ئادەم تاغنىڭ بېلىگە بارغاندا يول تېخىمۇ تىكلىشىدىغان، پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىنغا بارغاندا دولقۇن تېخىمۇ كۈچىيىدىغان ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىمىز. ئىنقىلابنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىلا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز يېڭى زېمىن ئېچىپ، يېڭى مۆجىزە يارىتىپ، «جۇڭگو ناملىق» غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولالايمىز.

شانلىق تارىخنى ياد ئېتىپ، گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى يارىتىشتا جەزمەن ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتەك ئىنقىلابىي ھېسسىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە، كۈچى خەلقتە. باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش پارتىيەمىزنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەرنى يېڭىشىدىكى تۈپ ئاساسى. ئاممىنىڭ مەنپەئىتىدە كىچىك ئىش بولمايدۇ، ھەربىر شاخ، ھەربىر يوپۇرماققىمۇ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش كېرەك. خەلقنى قەلبنىڭ ئەڭ يۇقىرى تۆرىگە قويۇپ، كۈچلۈك بولغان خەلقنى سۆيۈش، خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھېسسىياتى بىلەن، ئاڭلىق ھالدا خەلق بىلەن ئوي - پىكىردە بىللە بولۇپ، بىللە ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

شانلىق تارىخنى ياد ئېتىپ، گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى يارىتىشتا، جەزمەن «ئىككى جەزمەن»نى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇشى كېرەك. قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل پارتىيەمىزنىڭ «تۆت خىل سىناق»قا بەرداشلىق بېرىش، «تۆت چوڭ خەۋپ - خەتەر»نى يېڭىشىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىستىل قۇرۇلۇشى مۇھىم تۇتقا قىلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېڭىلاندى، پارتىيە رايى، ئەل رايى مۇجەسسەملەندى. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتا، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، بوشاشماي كۈرەش قىلىشنى چىڭ تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلۇق قىلماسلىق، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتەك ئېسىل ئىستىلغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشتەك ئىلگىرىلەش روھىنى ساقلاپ، «ئىمتىھان بېرىش»تەك سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋرنىڭ ئەلا ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرۇش كېرەك.