1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى −

ئالىيجاناب پەزىلەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۈكسىلىش، ياخشىلىققا ئىنتىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز

日期:2019年09月09日
来源:新疆日报
【字体:

قەلبتە ئۈلگە بولسا، پۇتتا كۈچ بولىدۇ. ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش پائالىيىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئۈلگىنىڭ كۈچىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشى، ياخشىلىققا ئىنتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەيمىز.

نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىمىز، نەمۇنىچىلارغا توغرىلىنىمىز

ئۈلگە ئاۋازسىز دەرسلىك، تىپنىڭ كۈچى چەكسىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى پەلسەپە ئوقۇتۇش - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى چېن خۇڭ مۇنداق دېدى: ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى كۈرەشتە ئالدىدا ماڭغۇچىلار، تېخىمۇ مۇھىمى جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ يېتەكچىلىرى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە ئاڭلىق ھالدا نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىشى، نەمۇنىچىلارغا توغرىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەخلاق - پەزىلەتكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەخلاق تىرىكىگە ئىگە قىلىمىز.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى لى يۈەنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيەمىز ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سادىق ۋارىسى ۋە ئەۋج ئالدۇرغۇچىسى، پائال يېتەكچىسى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز، بىز ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەرنى يېتەكچى قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەخلاقىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئەخلاقىي شان - شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى يېڭى دەۋر ئەخلاق - مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئېگىزلىككە ئايلاندۇرىمىز.

«ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى پۈتكۈل جەمئىيەتكە يېقىملىق، قەدىرلىك، ئىشەنچلىك، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئەخلاق ئۆلچەم بايرىقى تىكلەپ بەردى. بىز ھەم ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش، تىپلاردىن بولۇشتەك ھەقىقىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئامما ئۈچۈن بايراق تىكلەيمىز، ھەم ئۆزىمىزنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىمىزنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تەسىرلەندۈرىمىز ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىمىز» دېدى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى جاۋبىسەن يېزىسى پىڭدىڭسەن كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جېڭ ۋېنجيې.

ئۈلگىنىڭ كۈچىنى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لياۋ يۈنجيەن مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تەزكىرە سىستېمىسى ۋە كەڭ تەزكىرە خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، يەرلىك تەزكىرىنىڭ ئادەم تەربىيەلەشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ شەرەپلىك ئىش ئىزلىرىنى سادىقلىق بىلەن خاتىرىلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىش، ئاقىللارنى، پەزىلەتلىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش، قەدىرلەشكە يېتەكلەيمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى ئوتتۇرا قاراجول كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى جاۋ يۈنخې مۇنداق دېدى: ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىمىزغا قويۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، جان - دىلىمىز بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز.

«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار، پىيونېرلار ئارىسىدا ھەممە كىشى ياخشى كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان، ھەممە كىشى ياخشى كىشىلەردىن بولىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى لى جياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى «مەن ۋەتەن بىلەن ئورتاق تىرىشىپ ئىلگىرىلەيمەن −دۆلەت بايرىقى ئاستىدا نۇتۇق سۆزلەش» ئالاھىدە باش تېمىلىق ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېقىملىق، ئىشەنچلىك، ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان ئۈلگىلەرنىڭ كۈچى ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى يۈكسىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان روشەن قىممەت يۆنىلىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەۋاتىدۇ.

ئەخلاق - پەزىلەتكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىشىلەرنى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئالىيجاناب ئەخلاقنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، مەدەنىي كەيپىياتنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن، گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ياراتقۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شىڭ شياۋلىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇچۇڭ ناھىيەسى «ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى» «ئەڭ گۈزەل شەخسلەر» «ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر»دىن ئۆگىنىش، ئۇلارنى باھالاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن ناھىيەدە ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلاردىن ئۆگىنىدىغان، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان، ئۇلاردەك بولۇشقا تىرىشىدىغان كەيپىياتنى بارغانسېرى قويۇقلاشتۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن گۇچۇڭ ناھىيەسى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆگىنىش، باھالاش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، مەدەنىي يېڭى كەيپىياتنى شەھەر - يېزىلارغا تارقىتىدۇ.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى شۈ جىفېن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى تۈرلۈك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، ئىلغار تىپلارنى پائال باھالاپ، تىكلەپ، خىزمەتتە قاتنىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. بۇنىڭدىن كېيىن، تارباغاتاي باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، ئىلغار تىپ، شەخسلەرنى باھالاپ تىكلەش ۋە تەشۋىق قىلىشنى دائىملىق ياخشى ئىشلەپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ تىپىك ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.