1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش  خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

− شىنجاڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئۇنىۋېرسال بايان

日期:2019年09月07日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايون «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان تارماقلار، ئورۇنلار خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى قاراش ۋە ئاممىۋى لۇشيەننى ئىدىيەدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەرىكىتىدە كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈردى. مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر ئويلاپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، ئامما ئەندىشە قىلىدىغان، باش قاتۇرىدىغان، غەم قىلىدىغان ئىشلارنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتەك ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈردى.

ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، مۇلازىمەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تەكشۈرۈپ تېپىش

باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «مەن كىم، كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىمەن»دىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى دەل تېپىپ، ئەمەلىي تېپىپ، مەسىلە تىزىملىكىنى بىر - بىرلەپ يېزىپ چىقىپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۆز تارمىقى، ئورنىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكى ۋە يېتەرسىزلىكىنى تەكشۈرۈپ ئىزدىدى.

«يېقىندا مەن ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش ئىمتىھانىغا تىزىملاتماقچى بولغاندا، بەزى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ كۇرسانتلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن باھا جېڭى قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» «شەھەرلەر ئارا بىرلەشمە تىرانسپورت ئىشقا ئاشۇرۇلغاچقا، مەن نۇرباغ يولۇچىلار بېكىتىدە ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مايتاغقا قايتىپ كېلەلەيدىغان بولدۇم، سىلەرگە ئالقىش ياڭرىتىمەن!». باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى تور بېكىتىدە تەسىس قىلىنغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە ئەلرايىنى توپلاش ئىستونىدا، تورداشلار ئۈزلۈكسىز ئۆزىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى قالدۇردى.

باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنى تەكلىپ قىلىش، يولۇچى توشۇش بېكىتى، شوپۇر تەربىيەلەش كارخانىلىرىنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، چوڭقۇر قېزىپ ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ئەمەلىي تېپىش، ئىنچىكە تېپىش ئارقىلىق ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلدى.

71 ئورۇنغا يازما پىكىر - تەكلىپ ئېلىش ئالاقىسى ئەۋەتتى؛ «12348» شىنجاڭ قانۇن تورىدا تور پىكىر سۇپىسى ئاچتى؛ 11 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە)لەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرۈش، دوكلات ئاڭلاش، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئايرىم سۆھبەتلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەدلىيە مەمۇرىي خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى... باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ئوچۇق - ئاشكارا تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تەكشۈرۈش - كۆزىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى دەل تېپىپ، ئەمەلىي تېپىپ، تولۇق تېپىپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى دۇمان سالىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ پىكىر ئېلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پىكىر بايان قىلىش يولىنى كەڭ ئېچىپ، مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان جاسارەت ۋە ئىرادە بولغاندىلا، ئاندىن مەسىلىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىي تېپىپ، تۈزىتىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ».

گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مەخسۇس تۈزەشتە يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق، كۈچنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇمشاق قوللۇق قىلماي، كۈچنى بوشاشتۇرۇپ قويماي، مەركەز ئايدىڭلاشتۇرغان سەككىز جەھەتتىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئايدىڭلاشتۇرغان ئىككى جەھەتتىكى مەخسۇس تۈزەشنى چىڭ كۆزلەپ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچقا سېلىشتۇرۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى «ھەقىقىي، ئەمەلىي» ھەل قىلدى.

«بۇ يىللىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ياردەم پۇل مەبلىغى قولىڭىزغا تەگدىمۇ؟ مەركەزنىڭ قانچىلىك ياردەم پۇل بەرگەنلىكىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ قانچىلىك ياردەم پۇل بەرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟» 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئارا ئۆستەڭ بازىرى بايتوقاي كەنتىگە كېلىپ، كەنت ئاھالىسى چىناربۇۋى ۋەلىدىن ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى، ھازىرغا قەدەر، ھەرقايسى جايلاردا يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ساھەسىدە جەمئىي بايقالغان مەسىلە 2301 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلىمەسلىك مەسىلىسى 2049، ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىغا ئېتىبار بېرىش، پايدا يەتكۈزۈش مەسىلىسى 52، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش مەسىلىسى 200. ھازىر ھەممىسى تۈزىتىلىپ بولدى.

« 2019 - يىلى، بىز پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 200 مىڭ 900 ئائىلىلىك يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى، بولۇپمۇ 9355 ئائىلىلىك يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇش تارىخىغا ئاساسىي جەھەتتىن خاتىمە بېرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى كەنت - بازار قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گاۋ فېڭ.

يېقىندا، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگۇ بازىرى مىيارگۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇقىيىت باقان ناھىيەدىكى تازىلىق شارائىتى «پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار»، قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان، پىششىقلايدىغان كىچىك كارخانىلارنىڭ كەينى - كەينىدىن تاقالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تازىلىقى ياخشى قۇرۇت ئىشلەپچىقىرىش كىچىك كارخانىسىنىڭ تىجارىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىگە ئائىت گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، يېمەكلىك كىچىك كارخانىلىرى، مەكتەپ ئەتراپىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، جۇڭگو تېبابىتى ئۇششاق توغرالغان دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سۈپەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ۋە دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرىدىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى دورىشۇناسنىڭ «گۇۋاھنامە ئېسىش» قىلمىشىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەتتى. 8- ئاينىڭ 20- كۈنىگە قەدەر، يېمەكلىك كىچىك كارخانىلىرى، گۇۋاھنامىسى، كىنىشكىسى بولمىغان تىجارەتچىلەر، مەكتەپ ئەتراپىدىكى كۆچمە يايمىلاردىن 523نى تازىلىدى، ئەمەلدىن قالدۇردى، يېمەكلىك كىچىك كارخانىلىرىدىن 58نى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشنى ياخشى بېجىرىپ، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىپ، بىر يۈرۈش ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھەربىر «ئامما ئەندىشە قىلىدىغان، باش قاتۇرىدىغان، غەم قىلىدىغان ئىشلار»نىڭ «مەسىلە تىزىملىكى»نى بىر - بىرلەپ «مۇلازىمەت تىزىملىكى»گە ئايلاندۇردى، ئەڭ ئاخىرىدا «رازى بولۇش تىزىملىكى»گە ئايلاندۇردى.

يېقىندا، قۇتۇبى ناھىيەسى ئاھالىسى جاڭ يىلەن بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ نوپۇسىنى قۇتۇبى ناھىيەسىدىن سانجى شەھىرىگە يۆتكىمەكچى بولدى. ئۇ ئىلگىرى نوپۇس يۆتكەش كەسپىنى بېجىرگەندە شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئېلىپ كۆزنەكتە ئۆچىرەتتە تۇرۇپ بېجىرىدىغانلىقى ھەم 20 خىزمەت كۈنى ئىچىدە تاماملىنىدىغانلىقى، كەسىپ بېجىرىشنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. «مەن ئەتىگەندىلا مۇلازىمەت كۆزنىكىگە بېرىپ ئۆچىرەتتە تۇردۇم، خىزمەتچى خادىم ماڭا توردا بېجىرسە تېخىمۇ تېز بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ يان تېلېفون ئارقىلىق ئىلتىماس سۇندۇم، يەتتە خىزمەت كۈنى بولمايلا، يېڭى نوپۇس دەپتىرى ئۆيۈمگە ئەۋەتىپ بېرىلدى» دېدى جاڭ يىلەن.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئېلان قىلغان 40 تۈرلۈك «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» مۇلازىمەت ئىش تۈرى نوپۇس، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە دىققەت قىلىۋاتقان كەسىپلەر ساھەسىنى قاپلىغان بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈم ئېففېكتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇردى، ئامما ئاز قاترايدىغان، قاترىمايمۇ ئىش بېجىرەلەيدىغان بولدى.

«دورا يازدۇرۇپ باقمىغان كىشىلەر بىزنىڭ ئازابىمىزنى چۈشەنمەيدۇ، بولۇپمۇ ھاۋا سوغۇق، يول تېيىلغاق ۋاقىتلاردا. كېيىنكى ئايدىن باشلاپ، مەن ئەمدى ھەر ھەپتىدە دوختۇرخانىغا قاترىمىساممۇ بولىدىغان بولدى، بىر قېتىمدا ئىككى ئايلىق دورا يازدۇرغىلى بولىدىكەن، بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىز سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا خۇش خەۋەر!» دېدى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دىلشات مەمەت خۇشال ھالدا.

ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە دورا يېزىپ بېرىش مۇددىتى قىسقا بولۇش، تېببىي تەكشۈرۈش - ئانالىز نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلماسلىق، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشتا چوڭ رېتسېپ يېزىش، قالايمىقان تەكشۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش - سەھىيە سىستېمىسى «داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئارا تېببىي ئانالىز نەتىجىسى ۋە تېببىي سۈرەت ئۇلترا ئاۋاز كېسەل تەكشۈرۈش ماتېرىيالى (ماتېرىيال)نى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» «ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە ئۇزاق مۇددەتلىك رېتسېپ يېزىشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» قاتارلىق يەتتە ھۆججەت تۈزۈپ، ئەمەلىي تەدبىر چىقىرىپ ئاممىنىڭ «كېسەل كۆرسىتىشى تەس» «كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت» بولۇشنى پەسەيتتى.

باش تېما تەربىيەسىنىڭ تاۋلىشىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش بېجىرىپ، خەلق ئاممىسىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.