1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلار كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

日期:2019年09月05日
来源:新疆日报
【字体:

«كەڭ كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلار قاتتىق بولغان ئىدىيەدە تاۋلىنىش، سىياسىيدا چېنىقىش، ئەمەلىيەتتە چېنىقىشقا بەرداشلىق بېرىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك».

2019- يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئېنىق كۆزىتىپ، ماركسىزمنىڭ مەيدانغا كېلىش ۋە تەرەققىي قىلىش، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ دۇنياغا كېلىش ۋە تەرەققىي قىلىش كۈرەش مۇساپىسىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش قىلىش داۋامىدا بارلىققا كېلىشى، كۈرەش قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىشى، كۈرەش قىلىش داۋامىدا زورىيىشىدەك شانلىق ئەمەلىيەتنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردىكى كادىرلارنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىش، كۈرەش قىلىش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەش، كۈرەش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، كۈرەش قىلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش، كۈرەش قىلىش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىن، يېڭى دەۋردىكى كادىرلارنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىشىدىكى مۇھىم، زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، نەزەر دائىرىسى چوڭ ۋە كەڭ، ئىچكى ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، ماركسىزمنىڭ پارتىيە قۇرۇش تەلىماتى بېيىتىلغان ۋە راۋاجلاندۇرۇلغان، بىزنى نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلەيدىغان مۇھىم مىزان، يېڭى دەۋردىكى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ياش كادىرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم يېتەكچى.

جەمئىيەت زىددىيەت ھەرىكىتى داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، زىددىيەت بولىدىكەن، كۈرەش بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، زور خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، زور خەۋپ - خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇش، زور توسالغۇلارنى يېڭىش، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا، جەزمەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. «پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىنغا بارغاندا دولقۇن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، ئادەم تاغنىڭ بېلىگە بارغاندا يول تېخىمۇ تىكلىشىدۇ». ئىلگىرىلەش يولىدا بىز دۇچ كېلىدىغان خەۋپ - خەتەر، سىناقلار بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ، ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كېلىمىز. بىز دۇچ كەلگەن تۈرلۈك كۈرەش قىسقا مۇددەتلىك بولماستىن، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك، ھېچبولمىغاندا بىزنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنىڭ بارلىق جەريانىغا ھەمراھ بولىدۇ. ماركس مۇنداق دېگەن: «ئەگەر كۈرەشنى پەقەت ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولغان مۇۋەپپەقىيەت پۇرسىتى شارائىتىدىلا قول سېلىپ ئېلىپ بارغاندا، ئۇنداقتا دۇنيا تارىخىنى يارىتىش تولىمۇ ئاسان بولۇپ قالمامدۇ.» بىز خەۋپ - خەتەردىن قورقمايمىز، قورقۇش توغرا كەلسە، خاتىرجەم كۈنلەرنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىدىن، كۈرەش قىلىش ئىرادىمىزنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن، دۈشمەن ئەھۋالىنى بىلەلمەسلىك، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىيالماسلىق، يۆنىلىشنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلمەسلىكتىن قورقىمىز. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۈرەش قىلىش روھى يېتەرسىز بولسا، كۈرەش قىلىش ماھارىتى كۈچلۈك بولمىسا، پارتىيەمىز بېكىتكەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرالمايمىز.

دەل شۇنداق بولغاچقا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق كۆرۈپ، بۇ مەيدان ئۇلۇغ كۈرەشلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلۇغ كۈرەشلەرنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، دادىللىق بىلەن «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ قايتا قۇرۇش خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان كۈچ بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. بۇ خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە كۈرەش قىلىش روھى بولۇشى كېرەك، دەل كۈرەش قىلىش روھى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدۇرۇلغاچقىلا، يېڭى دەۋردىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ھازىر، كادىرلار قوشۇنىمىز ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، لېكىن شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، «تۆت چوڭ سىناق» «تۆت خىل خەۋپ» ئالدىدا، بەزى كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلاردا كۈرەش قىلىش روھى يېتەرلىك بولماسلىق، كۈرەش قىلىش ماھارىتى كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت. بەزىلىرىدە سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسىلى بولۇپ، كۈرەش قىلىشنى خالىمايدۇ؛ بەزىلىرىدە قورقۇش كېسىلى بولۇپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؛ بەزىلىرىدە ئىقتىدارسىزلىق كېسىلى بولۇپ، كۈرەش قىلىشنى بىلمەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز چوقۇم مەركەزلىك ياخشى ھەل قىلىدىغان مەسىلىلەر. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالدى بىلەن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىش كېرەك. تارىخىي تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، بىر پارتىيە، بىر دۆلەت، بىر قوشۇن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى يوقاتسا، بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇپ، ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان بولىدۇ. كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىش ئۇرۇشخۇمار بولۇش ئەمەس، بەلكى كەسكىن ۋەزىيەت ۋە كۈرەش قىلىش ۋەزىپىسى ئالدىمىزغا قويۇلغاندا، سۆڭىكىمىز قاتتىق بولۇشى، قورقۇنچاق بولماسلىقىمىز، قاچقۇن ئەسكەر بولماسلىقىمىز، ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىشىمىز، جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ غەلىبە قىلىشىمىز، زور ھەق - زور ناھەق ئالدىدا دادىللىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز، زىددىيەت - توقۇنۇش ئالدىدا دادىللىق بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز، كىرىزىس، قىيىنچىلىق ئالدىدا دادىللىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىمىز، ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىيات ئالدىدا دادىللىق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

«چوڭ ئىش، قىيىن ئىشلاردا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا قاراش، ئوڭۇشسىز - ئوڭۇشلۇق شارائىتتا كۆڭلى - كۆكسىگە قاراش كېرەك.» قەيسەر كۈرەش قىلىش روھى، مۇستەھكەم كۈرەش قىلىش ئىرادىسى، ئۈستۈن كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ساقلاپ، مۇھىم، زور كۈرەشلەردە بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆرمىگەننى كۆرۈپ، بوران - چاپقۇنلاردا قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈپ، بەلنى رۇسلىغاندىلا، بىز ئاندىن يېڭى ئۇلۇغ كۈرەشلەردە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىپ، بۈگۈنكى كۈرەش ئارقىلىق ئەتىكى شان - شەرەپنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز!

( شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى)