1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر جەڭچى بولىمىز

− كۇرسانتلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دىكى ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

日期:2019年09月05日
来源:新疆日报
【字体:

«كەڭ كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلار قاتتىق بولغان ئىدىيەدە تاۋلىنىش، سىياسىيدا چېنىقىش، ئەمەلىيەتتە چېنىقىشقا بەرداشلىق بېرىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2019- يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كەڭ كۇرسانتلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى يېتەكچى قىلىپ، كۈرەش ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ، مۇرەككەپ، كەسكىن كۈرەشتە بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆرمىگەننى كۆرۈپ، بېلىمىزنى رۇسلاپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر جەڭچى بولىمىز، «پەي - قانات»نى ئاسرايدىغان ئېسىلزادىلەردىن بولمايمىز.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈرەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن. بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە مەخسۇس تەكىتلىدى، مەخسۇس تېمىدا بايان قىلدى، بۇ ھەم كەڭ ياش كادىرلارغا بېرىلگەن سەمىمىي تەلىم - تەربىيە، ھەم بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى قايتا سەپەرۋەر قىلغانلىق، قايتا چاقىرىق قىلغانلىق.» شەرقىي شىمالدىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنداق دېدى: ھازىر بەزى ياش كادىرلار ئوڭۇشلۇق شارائىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن، بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرمىگەن بولۇپ، چوقۇم باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆرمىگەننى كۆرۈپ، ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، چېنىقىشتا ھەقىقىي تاۋلىنىپ، ھەقىقىي خىسلىتىنى ساقلىيالايدىغان بولۇشى كېرەك.

بىز دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش كېرەك. ئىلگىرىلەش يولىدا بىز دۇچ كېلىدىغان خەۋپ - خەتەر، سىناقلار بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ، ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كېلىمىز.

«كەسكىن ۋەزىيەت ۋە كۈرەش قىلىش ۋەزىپىسى ئالدىمىزغا قويۇلغاندا، جاسارەتلىك بولۇشىمىز، دادىللىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈشىمىز، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشىمىز كېرەك.» ئالىي مەكتەپتىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنداق دېدى: «قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىدە بىز قىلچە بىپەرۋالىق قىلساق ۋە يول قويساق بولمايدۇ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا تۈرلۈك خاتا ئىدىيەلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ياش كادىرلار كۈرەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىشتە، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىدىيەۋى ئاساسقا ئىگە بولۇشى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بارلىق ھەرىكەتنىڭ تۈپ كۆرسەتمىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرىدىن، سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك».

كۈرەش قىلىش روھى بىلەن كۈرەش قىلىش ماھارىتى ھەرگىزمۇ پارتىيە ئىستاژىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تەبىئىي ئۆسۈپ قالمايدۇ.

بېيجىڭدىن كەلگەن بىر كۇرسانت چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىرقى ياش كادىرلار تىنچ دەۋردە ئۆسۈپ يېتىلگەن، بىلىم دائىرىسى كەڭ، ئۇنىۋېرسال ساپاسى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، لېكىن چېنىقىشى يېتەرلىك بولماسلىق، ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق كەمتۈكلۈكلىرىمۇ بار، نۇرغۇن دەرسنى تولۇقلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بىز يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ كۈرەشتە ئۆزىمىزنىڭ خىسلىتىنى ئۈزلۈكسىز چېنىقتۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، تەۋرەنمەيدىغان، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈپ، دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى جاسارەت بىلەن زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

«مەن نېفىتلىكتىن كەلگەن كادىر، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بىز دەل <مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى بىر دۇنيا يارىتىش>تەك كۈرەش قىلىش روھىغا تايىنىپ دۆلىتىمىزنىڭ <نېفىت كەمچىل دۆلەت>لىك قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدۇق.» نېفىت ساھەسىدىكى بۇ كۇرسانت مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتكە كەلدى، يېڭى مەزگىلدە كۈرەش قىلىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

قانداق قىلغاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟

مەركەز دۆلەت ئورگىنىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنداق دېدى: مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى ئالدى بىلەن سىياسىي ئورگان. مەركەز دۆلەت ئورگىنىدىكى بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، غايە - ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلققە بولغان مۇھەببىتىمنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغان بولىمەن. مەسىلىگە يولۇققاندا ئەگىپ ئۆتمەي، باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويماي، قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلماي، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، چاكار بولۇشقا رازى بولۇشتەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە بولىمەن.

دېڭىز بويىدىكى رايوندىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلامدىكى ئەمەلىي خىزمەتتە دائىم ھەر خىل قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا دۇچ كېلىمىز. قىيىن مەسىلىگە يولۇققاندا ئۆزىنى قاچۇرۇپ مېڭىش كېرەكمۇ ياكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش كېرەكمۇ؟ كىچىك مەسىلىنى سۆرەپ چوڭايتىۋەتسەك، چوڭ مەسىلىنى سۆرەپ تىزگىنلىگۈسىز قىلىۋەتسەك بولمايدۇ، قول تۇتىدىغان مەسىلىلەرگە كۆپرەك تۇتۇش قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈرلۈك كۈرەشلەرگە ئاتلىنىپ، زور ھەق - زور ناھەق ئالدىدا دادىللىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، زىددىيەت، توقۇنۇش ئالدىدا دادىللىق بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، كىرىزىس، قىيىنچىلىق ئالدىدا دادىللىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىقىپ، ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىيات ئالدىدا دادىللىق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي كۈرەشلەر ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.