1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئىدىيەدە تاۋلىنىش باشتىن كەچۈرۈلدى سىياسىيدا قەتئىي بولۇش چېنىقتۇرۇلدى

− شىنجاڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئۇنىۋېرسال بايان

日期:2019年09月03日
来源:新疆日报
【字体:

ئېتىقاد ئۇلى مۇستەھكەم قۇرۇلۇپ، مەنىۋى كالتسىي يېتەرلىك تولۇقلىنىپ، ئىدىيە رولى چىڭ تۇتۇلدى. باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى 1- تۈركۈمدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئېتىقاد، ئەقىدىنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇشقا، خەلققە سادىق بولۇشقا، ماركسىزمغا سادىق بولۇشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

سىياسىي يۈكسەكلىك ئۆستۈرۈلدى

«تۆت ئاڭ» كۈچەيتىلدى

باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسىنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل تەربىيە بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەنىۋى كۈچنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتتى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگان پارتگۇرۇپپىسى باشتىن - ئاخىر سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئورگان پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»ىنى قاتتىق، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، 25 قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ بىڭچىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش تېما تەربىيەسى ئارقىلىق، ئۆزۈم بىر قېتىملىق چوڭقۇر، پۇختا پارتىيەۋىلىك چېنىقىشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، ئىدىيەدىكى چاڭ - توزانلارنى يەنىمۇ تازىلاپ، سىياسىي جەھەتتىكى قەتئىيلىكنى چېنىقتۇردۇم. بۇنىڭدىن كېيىن دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىمەن.

ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئالدىدا، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى بىرلىكتە تەكرارلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شانلىق ئىزىغا ئەگىشىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ھېس قىلدى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى «تارىخنى ئەسلەش، ئەسلىي مەقسەتكە قايتىش»، «قىزىل بازىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش» قاتارلىق مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا ئىنقىلابنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئەسلەتتى، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتكۈزدى، كۆپچىلىكنىڭ «تۆت ئىشەنچ»ى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان تارماقلار، ئورۇنلار جەمئىي 5830 مەيدان قېتىم مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرغان، تەربىيەلەنگەن پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار 220 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

ئېتىقاد ئاساسى پۇختىلاندى

غايە - ئېتىقاد چىڭىتىلدى

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىر مەيدان يازلىق تەتىللىك كىتاب ئوقۇش يىغىنى تەشكىللەپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى مۇھىم، زۆرۈر ئۆگىنىش مۇندەرىجىسىنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇشقا تەشكىللەپ، شەخسلەرنىڭ ئىدىيەۋى، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تونۇش - تەسىراتىنى كەڭ - كۇشادە سۆزلەپ، تەسىرات ئالماشتۇرۇپ، پەرقلەرنى، يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ، تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جانار زاكىن پىكىر ئالماشتۇرغاندا مۇنداق دېدى: «ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈش - كۆزىتىش ئارقىلىق، بىز <ئەينى ۋاقىتتا پارتىيەگە نېمە ئۈچۈن كىردىم، بۈگۈنكى كۈندە پارتىيە ئىچىدە نېمە ئىش قىلدىم، بۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىمەن>، دېگەنلەر ئۈستىدە قايتا ئويلاندۇق، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە چوڭقۇر تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈش مېنىڭ ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادىمنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچىمنى تېخىمۇ چىڭىتتى».

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى 18 پارتىيە ياچېيكىسى «ئەسلىي تېكىستنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇش + مەخسۇس تېمىدا يېتەكچىلىك قىلىش + پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش + ئىبرەت تەربىيەسى + نەق مەيداننى ئېكسكۇرسىيە قىلىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەسىلىگە يۈزلىنىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پەن تەتقىقات خىزمىتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى قاتارلىق تۆت جەھەتتە ئالتە مەيدان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. باش تېما تەربىيەسىدە ئاساسىي لىنىيەدىن چەتنەپ كەتمەسلىكنى چىڭ ئىگىلەپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي خىسلىتىنى كۈچەپ تاۋلاپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلىدى.

سىياسىي ئىنتىزام چىڭىتىلدى

قائىدە ئېڭى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشتە مەسىلىلەرنى قايتا ئويلىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا مەسىلىلەرنى بايقاپ، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ كۆزىتىشتە مەسىلىنى توغرا تېپىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ سىياسىي ئېڭى، ئىنتىزام قارىشىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

8- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئېچىپ، باش تېما تەربىيەسىدە تېپىپ چىقىلغان ھەر خىل مەسىلىلەرگە تېگى - تەكتىدىن تەكشۈرۈش، چوڭ ئېدىتلاش ئېلىپ باردى. پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئەستايىدىل ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئاساسىدا، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ، 280 ماددىلىق تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشتە ئادەمنى كۆرۈش، ئىشنى بىلىش، ئىدىيەنى تونۇشنى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ھەقىقىي، ئەمەلىي، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ليۇ گوخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئەمەلىي خىزمەت بىلەن باغلاش، ئۆزىگە تەتبىقلاش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلاش، خىزمەتكە تەتبىقلاش، ماددىمۇماددا تەكشۈرۈپ كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش، پەرقلەرنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىش، ئۆزئارا سەمىمىي ئەسكەرتىش سىياسىي ئىنتىزام تۆۋەن چېكىنى، سىياسىي قائىدە قىزىل سىزىقىنى ئېنىق ئايرىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ھەقىقىي بىر قېتىملىق ئىدىيەۋى - سىياسىي چاڭ - توزاننى تازىلايدىغان ئىسسىق سۇدا يۇيۇندۇردى».

«باش تېما تەربىيەسى بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك روھىي تاۋلىنىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش.» ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىغا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش ۋە ئىگىلەشكە ئىگە بولۇپ، غايە - ئېتىقادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، «ئەسلىي مەقسەت» ۋە «بۇرچ»نى خىزمەتنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى.