1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە تەكشۈرۈش، ھەقىقىي تۇتۇش، پۇختا تۈزىتىش

− ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك زىيارەت

日期:2019年07月27日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 1- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي تەلەپنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، پۇختا ئۆزگەرتىپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش

ئۆگىنىش - تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، ئاڭلىق ھالدا مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش... «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، «ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇش»تا چىڭ تۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىرنى تۇتاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. نۆۋەتتە، پارتكوم بەنگۇڭتىڭى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، نازىر دەرىجىلىك رەھبەرلەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش، يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىش، سىردىشىش - سۆزلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى يېزىپ تاپشۇردى. پارتكوم بەنگۇڭتىڭى يەنە پىكىر ساندۇقى تەسىس قىلىش، يازما پىكىر ئېلىش، ئوخشاش بولمىغان قاتلام سۆھبەت يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بەنگۇڭتىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەرگە قارىتا كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپ ئېلىپ، ئەينەن رەتلەپ ۋە جەملەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسىلىنى توغرا، ئەينەن تېپىپ چىقىپ، مەنبەنى تولۇق تەھلىل قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن نىزام چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، ۋەكىللەر مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش قاتارلىق ۋەزىپە ئادا قىلىش خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بەنگۇڭتىڭ پارتگۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ دائىمىي كومىتېت ئورگىنى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەت نۇقتىسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئالاقىلىشىش نۇقتىسى، قوشماقلاشقان ئاممىنىڭ ئۆيى قاتارلىقلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردى. دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار سۆھبەت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بەش دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىش، ۋەكىللەرنى تەربىيەلەش، سۆھبەتلىشىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، ئامما قاتارلىقلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان پىكىر - تەكلىپلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاڭلاپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزدى ھەم بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى سىياسىي يۈكسەكلىك، نەزەرىيە ئۆگىنىش، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى، ئىقتىدار سەۋىيەسى، خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئون مەسىلە تىزىملىكىنى تېپىپ چىقىپ تۇرغۇزدى. ھۆججەت تارقىتىش زىيادە كۆپ بولۇش، زىيادە تەكرار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ ئۆتكەلنى ئىگىلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل قىلدى. نۆۋەتتە، ئورگاندىكى ھەرقايسى باشقارما، ئىشخانا(ئورۇن)لار بىردەك يىغىن ھۆججەتلىرىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرنى ئورناتتى ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايون بېكىتكەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ ئىگىلىدى، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش ئالاقە نۇقتىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەت نۇقتىسى ۋە قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سىردىشىپ، سۆزلىشىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلدى. بىر قاتار سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئېچىش، پىكىر ساندۇقى تەسىس قىلىش، پىكىر ئېلىش خەت ئالاقىسى ئەۋەتىش ئارقىلىق پىكىر - تەكلىپلەرنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىدى ھەم تۈزىتىش لايىھەسى شەكىللەندۈرۈپ، پىكىر - تەكلىپلەرگە بىرمۇبىر ئىنكاس قايتۇرۇش، بىرمۇبىر ئىز - دېرىكىنى قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسىلىنى تۇتۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى چوڭقۇر قېزىش

باش تېما تەربىيەسىدە، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار كەمچىلىكىنى كۆرسەتسە خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان، خاتالىقىنى بىلسىلا تۈزىتىدىغان خىزمەت پوزىتسىيەسى بىلەن، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، مەنبەنى چوڭقۇر قېزىپ، تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە ياخشىلاش تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كۆڭۈلدە سان بولۇش، كۆڭۈلدە تەدبىر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئايرىم - ئايرىم «پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە قىزىل ساياھەت بايلىقىنى قېزىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش» «دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخى، ھۆججەت خىزمىتىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تېپىش ۋە تۈزىتىش» «كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىش»تىن ئىبارەت ئۈچ باش تېمىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ھەرقايسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىلىرى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، نەق مەيدانغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كوللېكتىپ سۆھبەتلىشىش، ئايرىم سۆزلىشىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىل، ئۇسۇللاردىن ياخشى پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، تۈگۈننى تولۇق تەھلىل قىلدى. مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاشنىڭ چارە - تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى شەكىللەندۈردى.

6- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىشتات ئىشخانىسى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەت نۇقتىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بەنزە ئەزالىرى بىۋاسىتە كەنتتە تۇرۇپ، يېزا - بازار كادىرلىرى، كەنت كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ پاراڭلىشىپ، ئەمگەكتە بىللە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، بەنزە ئەزالىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ھەمدە نۆۋەتتىكى ئاپپارات ئىسلاھاتى، ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى مەسىلە، كەمتۈكلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىق ھالدا تۈزىتىپ، خىزمەتلەرگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي تۇتۇپ مەسىلىنى ھەل قىلىش

باش تېما تەربىيەسىدە، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىپ، ھەقىقىي، راست تۇتۇپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلدى.

بېسىپ تارقىتىلىدىغان سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلاندىن باشقىلىرى ئون بەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ 2019- يىلى ئېچىلىدىغان سىستېما خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك يىغىن توققۇز قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ رەھبىرىي يولداشلارنىڭ سۆز قىلىش ياكى يىللىق ئۇنىۋېرسال يىغىندا دوكلات بېرىش ۋاقتى 60 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك... بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەلىي تۈزىتىش تەدبىرى. بۇ ئىدارىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: «تۈزىتىش»نى باش تېما تەربىيەسىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزەيدىغان مەسىلە ئېنىقلانمىغانلىرىنى قويۇۋەتمەسلىك، تۈزەش تەدبىرى ئەمەلىيلەشمىگەنلىرىنى قويۇۋەتمەسلىك، تۈزەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىغانلىرىنى قويۇۋەتمەسلىك، كادىرلار، ئامما باھا بېرىپ رازى بولمىغانلىرىنى قويۇۋەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى ئۆزگىرىشنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسىگە قارىتا، «ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى قانداق تۇتۇش» توغرىسىدا چوڭ مۇھاكىمىنى كەڭ قانات يايدۇردى؛ پارتىيەلىك كادىرلارنى تەشكىللەپ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى قايتا تەكرارلاپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشىنى، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، قەلبكە سىڭىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.