1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۆگىنىش تېزىسى ①

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە ۋە دۆلەت جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە

日期:2019年07月26日
来源:新疆日报
【字体:

(1) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پارتىيە جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ بېكىتىپ ھەم تەنتەنىلىك ھالدا پارتىيە نىزامنامىسىگە يېزىپ كىرگۈزۈپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، بىر تارىخىي خاراكتېرلىك تەدبىر ۋە تارىخىي خاراكتېرلىك تۆھپە بولۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ۋە نەزەرىيە جەھەتتە يۈكسەك دەرىجىدە پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى، يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىدا ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەنتەنىلىك ھالدا ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنى ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدىيە بايرىقى، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى تۈپ كۆرسەتكۈچ، ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، 21- ئەسىردىكى ماركسىزم.

(2) دەۋر ئىدىيەنىڭ ئانىسى، ئەمەلىيەت نەزەرىيەنىڭ مەنبەسى. ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگو دۆلىتىمىز تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھەم ئالاھىدە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن شۇغۇللانماقتا. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى ، بۇ نەزەرىيەگە، يەنە كېلىپ چوقۇم نەزەرىيە ھاسىل قىلىشقا موھتاج بىر دەۋر، ئىدىيەگە، يەنە كېلىپ ئىدىيە ھاسىل قىلىشقا موھتاج بىر دەۋر.

بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۆزگىرىشى تېز ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تېز قەد كۆتۈرۈۋاتىدۇ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى تېخىمۇ تەڭپۇڭلىشىۋاتىدۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەقدىرى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق زىچ باغلانغان ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا دۇچ كەلگەن مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ھالسىراۋاتىدۇ، سودا قورۇقچىلىقى، يەككىچىلىك، نارودنىكلىق قاتارلىق ئىدىيە ئېقىمى داۋاملىق باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ، باي - نامراتلىققا بۆلۈنۈش كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى بىر پەسىيىپ، بىر كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ، تېررورىزم، تور بىخەتەرلىكى، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق غەيرىي ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك تەھدىتى سىجىل يامراۋاتىدۇ. دۇنياغا نېمە بولدى؟ قانداق قىلىش كېرەك؟ مۇشۇنداق چوڭ تەرەققىيات، چوڭ ئۆزگىرىش، چوڭ تەڭشەش بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۇنيا ئىقتىسادى، خەلقئارا بىخەتەرلىك، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يېڭى يۆنىلىش، يېڭى لايىھە، يېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى، تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ تەسىر كۈچى، جەلپ قىلىش كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، جۇڭگو دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارى تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسىلىق مۇھىم رولىنى كۈنسېرى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يېقىنلىشىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى دەل دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەش، يەر شارىۋى ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش جەريانىدا يارىتىلدى ھەم ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.

ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگو يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرماقتا. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاساسىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇردى. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك ئۆستى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. بىز ئىلگىرى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدىغان ياخشى تەرەققىيات شارائىتىنى ھازىرلىدۇق، لېكىن يەنە مىسلىسىز نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، بىرقاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور فاڭجېن - سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى يۈرگۈزۈپ، بىر قاتار مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولغان بولساقمۇ ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى بېجىرمەكچى بولغان بولساقمۇ بېجىرىلمىگەن نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى بېجىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈزبېرىشىگە تۈرتكە بولدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى دەل جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىش جەريانىدا يارىتىلدى ھەم ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنقىلابىي خاراكتېرلىك تاۋلىنىش جەريانىدا قەتئىي ھالدا دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭدى. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پارتىيەنىڭ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشى ئاسان ئەمەس، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشى تېخىمۇ ئاسان ئەمەس، يەنە كېلىپ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب ئېلىپ بارمىسا مۇقەررەر ھالدا تارىخ تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدۇ. بۇ جەرياندا، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە، ئۈزلۈكسىز ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب ئېلىپ باردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنىڭ ئاچقۇچى. بىر مەزگىلدىن بۇيان، بەزى جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇشى كۈچلۈك بولماي، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشى قاتتىق بولماي، پارتىيە ئىچىدىكى مەسىلىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى چىرىتتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە دۇچ كەلگەن زور خەۋپ - خەتەر، سىناقلارغا ۋە پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، قەيسەر ئىرادىسى ۋە خىسلىتى ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ رەزىللىكنى جازالاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلانغان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگەتتى، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا كەڭ، يۇمشاق، بوش بولۇشتىن كەسكىن، چىڭ، قاتتىق بولۇشقىچە بولغان چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ كەيپىياتى يېڭىلاندى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيە روشەن ياخشىلاندى، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى روشەن كۈچەيدى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، بۇلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى دەل پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا يارىتىلدى ھەم ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.

ئىلمىي سوتسىيالىزم 21- ئەسىردىكى جۇڭگودا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. سوتسىيالىزم جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىدە راۋاجلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن 90- يىللىرىنىڭ باشلىرىغىچە، دۇنيادا سوتسىيالىزم ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. بەزىلەر «20- ئەسىر سوتسىيالىزمنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە كاپىتالىزمنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ» دەپ جار سالدى، يەنە بەزىلەر سوتسىيالىستىك جۇڭگومۇ «دومىنو قارتىسى ئېففېكتى»گە ئەگىشىپ گۇمران بولىدۇ، دەپ تەلۋىلەرچە بىلجىرلىدى. لېكىن بىز قەددىمىزنى رۇسلاپ، زەربىلەرگە بەرداشلىق بەردۇق، سىناقلارنى باشتىن كەچۈردۇق، ئىلمىي سوتسىيالىزم ئوڭۇشسىزلىقلار ئىچىدە غەيرەتكە كەلدى. يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، رەددىيە بەرگىلى بولمايدىغان پاكىتلار ئارقىلىق ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ جانلىق ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى، دۇنيادا ماركسىزم ۋە سوتسىيالىزمغا توغرا قارايدىغان ۋە ئىشىنىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، دۇنيا مىقياسىدا ئىككى خىل ئىدېئولوگىيە، ئىككى خىل ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى ھەم ئۇلارنىڭ كۈچ سىنىشىشىدا ماركسىزم، سوتسىيالىزمغا پايدىلىق چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈزبەردى. بۇ پەقەت سوتسىيالىزمنىڭ جۇڭگودا راۋاجلىنىشىغىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادا سوتسىيالىزمنىڭ راۋاجلىنىشىغا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەنمۇ چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ يۈزلىنىش ھېسابلىنىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى دەل ئىلمىي سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش، ئۇنى چوڭقۇر خۇلاسىلەش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈستىدە بوشاشماي ئىزدىنىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش جەريانىدا يارىتىلدى ھەم ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.

يېڭى دەۋر يېڭى ئىدىيەنى بارلىققا كەلتۈردى، يېڭى ئىدىيە يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي خاراكتېرلىك تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ خاراكتېرلىك تارىخىي ئۆزگىرىش يۈزبېرىشىدىكى تۈپ سەۋەب يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ بولغانلىقىدا، تۈپ سەۋەب شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدا.

(3) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نەزەرىيە يېتەكچىلىكى ۋە نەزەرىيەدە باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ماركسىزملىق پارتىيە، جۇڭگو ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش ئۇزاق ئەمەلىيىتىدە، باشتىن - ئاخىر ماركسىزمنىڭ تۈپ قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىبابلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتتى، ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى داۋاملىق ئاچتى.

يولداش ماۋ زېدۇڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى ياراتتى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىسپاتلانغان جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى توغرا نەزەرىيەۋى پىرىنسىپ ۋە تەجرىبىلەرنىڭ خۇلاسىسى، ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەتبىقلىنىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇشى.

يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەزگىلىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگودا سوتسىيالىزمنى قۇرۇش، مۇستەھكەملەش ۋە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي مەسىلىلەرنى شەرھلەپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى ياراتتى.

يولداش جياڭ زېمىن ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، نېمىنىڭ سوتسىيالىزم، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش ۋە قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇشتىكى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

يولداش خۇ جىنتاۋ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قانداق تەرەققىي قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئادەم ئاساس قىلىنغان، ئومۇميۈزلۈك ماس بولغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى شەكىللەندۈردى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دەۋر تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتىن يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور دەۋر تېمىسىغا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ياراتتى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇلغان ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇش شەرت.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق بەرپا قىلغۇچىسى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزملىق سىياسىيون، مۇتەپپەككۇر، ئىستراتېگىيەچىگە خاس ئاجايىپ نەزەرىيە جاسارىتى، قالتىس سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى، كۈچلۈك بۇرچ - مەسئۇلىيەتچانلىقى، «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دەيدىغان ئاجايىپ ساپ ھېسسىياتى بىلەن، دەۋر ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، دەۋر ئېقىمىدا مەزمۇت تۇرۇپ، دەۋر ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى، ھەل قىلغۇچ تۆھپە قوشتى.

(4) شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى ئىلمىي يەكۈنلەپ، دەۋر ۋە ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، يېپيېڭى ئىدىيەۋى مەزمۇن ئارقىلىق ماركسىزمنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، سىستېمىسى ئىلمىي بولغان نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئىنتايىن مول، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش نىشانى، باش ۋەزىپىسى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات شەكلى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىستراتېگىيەلىك قەدەم - باسقۇچلىرى، تاشقى شارائىت، سىياسىي كاپالەت قاتارلىق ئاساسىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەم يېڭى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن ئىقتىساد، سىياسىي، قانۇن ئىدارە قىلىش، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى، مىللەت، دىن، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش » ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكى، بىرلىك سەپ، دىپلوماتىيە، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرگە قارىتا يېڭى نەزەرىيە يەكۈنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمە چىقاردى.

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى «سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ۋە «14تە چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت.

«سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» − جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى، باش ۋەزىپىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا، ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئارىسىدىكى زىددىيەت ئىكەنلىكىنى، جەزمەن خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش»، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىكەنلىكىنى، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشنى تەكىتلەش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى باش نىشاننىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش باش نىشانىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى تىپتىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ئىكەنلىكىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ئىكەنلىكىنى، پارتىيەنىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچ ئىكەنلىكىنى، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.

«14تە چىڭ تۇرۇش» − پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش، تەرەققىيات جەريانىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇش، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تا ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش.

«سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش»، «14تە چىڭ تۇرۇش»نى ئورگانىك يۇغۇرۇش، ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى توپلىدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى، كېڭەيگەنلىكى، يۈكسەلگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش، بىلىش نەزەرىيەسى بىلەن مېتودولوگىيەنىڭ بىرلىكىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈردى.

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ سىستېمىسى رەتلىك، مەنتىقىسى ئەتراپلىق، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ. بۇ ئىدىيە ماركسىزملىق پەلسەپە، سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق، ئىلمىي سوتسىيالىزمغا تۇتاشقان، تارىخ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسىگە تۇتاشقان، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە تۇتاشقان، ئۇنىڭدا ھەم ئەجدادلارغا ۋارىسلىق قىلىنغان، ھەم نۇرغۇن يېڭى تېمىلار سۆزلەنگەن بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتى، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكۈزۈلۈپ ، ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەسلىي ئىجادىي تۆھپە قوشتى.

(5) شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمغا بولغان قەتئىي ئېتىقادقا تولغان، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان قەتئىي ئېتىقادقا تولغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھازىرقى زامان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ سىياسىي خىسلىتى، قىممەت ئىنتىلىشى، مەنىۋى سالاپىتى نامايان قىلىندى.

خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش − شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەشتىكى ئالتۇن ئاچقۇچ. بۇ ئىدىيە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرغان، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرغان، ھەممە خەلق ئۈچۈن، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرغان بولۇپ، خەلقنىڭ تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكى، خەلقنىڭ ھەقىقىي قەھرىمان ئىكەنلىكىدەك دىيالېكتىك تارىخىي قاراش نامايان قىلىنغان، خەلقنى مەركەز قىلىش، خەلقنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتەك قىممەت يۈزلىنىشى نامايان قىلىنغان، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى نامايان قىلىنغان. بۇ ئىدىيەگە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش بۇرچى يۈكلەنگەن، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلەنگەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيەت روھى، ئۇلۇغ كۈرەش روھى، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھى، ئۇلۇغ ئارزۇ روھى جەۋلان قىلدۇرۇلغان، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىنغان ۋە ئۇ ئەۋج ئالدۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ ئىدىيە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە بولغان دانا تەپەككۇر ۋە ئۆزگىچە ئىجادىي قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دەۋر ئۆزگىرىشى كۆزىتىلىپ، دەۋرنىڭ تومۇر سوقۇشى تۇتۇلغان، دەۋر ئېقىمى يېتەكلەنگەن بولۇپ، يەر شارىۋى ئورتاق خىرىس، ئورتاق مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىگەن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ۋە ئورتاق قىممىتىنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشۇلغان.

ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ماركسىزمنىڭ جانلىق روھى، شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ جانلىق روھى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە يىلتىز تارتىپ، نەزەرىيە يېتەكچىلىكى بىلەن ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇلغان، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئەمەلىيەتكە تۈرتكە بولۇش جەريانىدا قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچى ۋە ئۆزگىچە ئىدىيە سېھرىي كۈچى نامايان قىلىنغان. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان ئوچۇق نەزەرىيە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ۋە ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش تارىخىي يۈرۈشىدە، مۇقەررەر ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ سىجىل تەرەققىي قىلىدۇ، ئۈزلۈكسىز بېيىيدۇ، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ.

(6) ھازىرقى زامان جۇڭگودا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغانلىق ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىق ماركسىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىق ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىق، ئىلمىي سوتسىيالىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىق ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىق. جەزمەن ماركسىزم، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە تەۋرەنمەسلىك، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك كېرەك!

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 22- كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)