1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئەسلىي مەقسەت - بۇرچ ئەستە چىڭ ساقلاندى «تۆت جايىدا بولۇش» پۇختا تۇتۇلدى

− ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندىكى ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغاندىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

日期:2019年07月26日
来源:新疆日报
【字体:

يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا «تۆت جايىدا بولۇش»نى تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. نەچچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»تىن ئىبارەت بۇ باش تەلەپنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، «تۆت جايىدا بولۇش»نى پۇختا تۇتۇپ، دىققەتنى باش تېمىنى ئۆگىنىش، تونۇشنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى توغرا تېپىپ، مەسىلىنى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، چوڭقۇر تۈزىتىپ - ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئۆگىنىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى

تونۇش جايىدا بولغاندىلا، ئاندىن ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بولىدۇ. يېقىندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، بولۇپمۇ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندىكى ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغاندىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، ئىدىيە جەھەتتە تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلدى، خەلققە بولغان مۇھەببىتىنى ئاشۇردى، بۇرچ - مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتتى، ئىشەنچى - ئىرادىسىنى چىڭىتتى.

7- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدىكى، ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندىكى ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغاندىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى، ئۆگىنىش - تەربىيەنى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشنى، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشنى قاتتىق، ئەمەلىي كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندىكى ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغاندىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلاردىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، بۇرچ - مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قەتئىي پوزىتسىيە، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل، پۇختا ئۆلچەم بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ئوخشاش سىستېمىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي بايلىق سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى ھازىرقى سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش بىلەن ئورگانىك يۇغۇرۇپ، ئۆز ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بىلىش بىلەن قىلىش بىرلەشتۈرۈلدى مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىندى

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»تا مۇھىمى بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ھەقىقىي تۈردە قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئۆگىنىشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى توغرا، ھەقىقىي تېپىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ يېنىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ئۆگىنىشنى باش تېما تەربىيەسىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈردى، ئۆگەنگەننى كاللىغا، قەلبكە، ھەرىكەتكە ھەقىقىي سىڭدۈردى، ئۆگىنىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق خىزمەت ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆگەنگەننى، چۈشەنگەننى خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇردى. توپلانغان مەسىلە، پىكىر - تەكلىپلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە بەنزە ئەزالىرى «بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش» تەلىپىگە ئاساسەن، ۋەزىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىش، ئۆلچەمگە توغرىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش تىزىملىكى تۈزۈپ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ، دەرھال تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزەتتى؛ ۋاقتىنچە دەل جايىدا تۈزەتكىلى بولمايدىغانلىرىنىڭ تۈزىتىش نىشانى ۋە تۈزىتىش قەرەلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پەرقلەرنى تېپىش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئىستىل ياخشىلاش نىشانىغا ھەقىقىي يەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسى ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرغان نۇقتىلىق ئەرزىيەت ئىشلىرى ئۇنىۋېرسال ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىن تۆتنى قۇرۇپ، جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ نۇقتىلىق ئەرزىيەت ئىشلىرىنى ئۇنىۋېرسال ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈردى. ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىلىرى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە چۆكۈپ، نەق مەيدانغا بىۋاسىتە چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا بىۋاسىتە چۆكۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، نەق مەيداندا كۆرۈش، سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش، ئەرزىيەت كادىرلىرى ۋە ئەرزىيەتكە كەلگەنلەر بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلەپ، خىزمەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاشنىڭ چارە - تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى.

شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومى تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، كىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلسا، شۇ ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش، كىم مەسئۇل بولۇپ باشقۇرسا، شۇ بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش، كىم باشلامچىلىق قىلسا، شۇ ئالدىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش سۈرئىتى ۋە سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە خىزمەتكە تۈرتكە بولۇشنىڭ كونكرېت نەتىجىسى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمىنى تەكشۈردى.

پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق كۆزلەندى خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى

ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئىدىيەۋى تونۇش جايىدا بولۇش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش جايىدا بولۇش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولۇش، تەشكىلىي رەھبەرلىك جايىدا بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەۋىلىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىقتىدارنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىستىلنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تىرىشىپ تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى «سەككىز ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇردى. «سەككىز ئومۇميۈزلۈك قاپلاش» ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قوش گۇرۇپپا باشلىقى» تۈزۈمىنى ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، «بەش دەرىجىلىك شۇجى»لارنىڭ باشلامچى بولۇپ زىيارەت قىلىشى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ نامرات كەنتلەرنىڭ خىزمەت كۈچىنى تولۇق، كۈچلۈك سەپلەش، كونكرېت مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈش، ئادەمگىچە دەل جايىدا بولۇش، نامرات كەنتلەرگە 1- شۇجى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «سەككىز ئومۇميۈزلۈك قاپلاش» ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2019- يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا پۇختا خىزمەت ئاساسى سېلىپ بەردى.

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇلدى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى، سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆپ پايدىلىنىلىپ، ئامما ئاز قاترىتىلدى، داۋالاش كاپالىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى... باش تېما تەربىيەسى جەريانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈجۈپىلەپ تاللىغان بەش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنىڭ ھەممىسىنى خەلق ئاممىسىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە زىچ بىرلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەرقلەرنى ئەستايىدىل تېپىش، كەمتۈكلۈكلەرنى ئېنىقلاش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش ۋە تۈزەش تەدبىرلىرىمۇ خەلق ئاممىسىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش، دورا ئىشلىتىشتىكى قىيىن نۇقتىلىرى، ئاغرىش نۇقتىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئاساسلىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

پۇل مۇئامىلىنى دېھقان ئائىلىلىرىگىچە يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىش پۇل مۇئامىلىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى. ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندىكى ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغاندىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا توغرىلىنىپ، ھازىر پۇل مۇئامىلىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىشى داۋامىدا ساقلانغان يېتەرسىزلىك ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەدبىر تۈزۈپ ئەستايىدىل تۈزەتتى.