1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندىكى ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغاندىكى مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

日期:2019年07月18日
来源:新疆日报
【字体:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندىكى ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغاندىكى مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈرۈشتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

«تۆت جايىدا بولۇش»نى تۇتۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر ياخشى قانات يايدۇرۇش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا «تۆت جايىدا بولۇش»نى تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى يەنىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ جيەنگو مۇنداق دېدى: سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش شۇجىنىڭ «تۆت جايىدا بولۇش»نى تۇتۇش توغرىسىدىكى تەلىپى بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەۋى تونۇشىنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، قايتا ئويلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساسلىق مەسئۇل يولداشنىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»ىنى ئادا قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيە ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا، دىققەتنى سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە ئۇنى چەكلەيدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە نۇقتىلىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى نۇقتىئىنەزەر ۋە ئاممىۋى لۇشيەننى كونكرېت ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال 4- باشقارمىسىنىڭ كادىرى نۇرلان باقىتنۇر مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قېتىملىق باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئۆگىنىشنى باشتىن - ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرىمىز؛ يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزدىكى ئىدىيەۋى ئاڭ، ئىقتىدار ساپاسى، ئەخلاق تەربىيەسى، ئىستىل ئوبرازى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز».

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كونكرېت خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ياسىمىچىلىقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سانائەتتە ئېنېرگىيە تېجەپ، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆزگەرتىپ ياساشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون سانائىتىدىكى نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۆزىتىپ ئۆلچەپ تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈلگەن يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىگىلەيمىز ھەم قارشى تەدبىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز.

«شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، بۇ ياپيېشىللىقنى، بۇ كۆپكۆكلۈكنى، بۇ ساپلىقنى ياخشى ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، تېغى دائىم يېشىل بولغان، سۈيى سۈزۈك ئېقىپ تۇرغان، ھاۋاسى دائىم ساپ بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى باغىت ئامانبېك مۇنداق دېدى: بىز شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، يېشىللىقنى شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ ئۆزگەرمەس ئاساسىي رېڭى قىلىشىمىز كېرەك.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ چىفېڭ شەھىرى كالاچىن خوشۇنى مائەنشەن ئورمانچىلىق مەيدانىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان سۆزى ماڭا بىزنىڭ كۆكيارنى ئەسلىتىپ، بىزنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىمىزنىڭ 30 نەچچە يىللىق جاپالىق مۇساپىسىنى ئەسلىتىپ، چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلدى.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لى شىنبىن مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ پەقەت باشلىنىش نۇقتىسىلا بارلىقىنى، ئاخىرقى نۇقتىسىنىڭ يوقلۇقىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىمىز.

«بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تازىلاش، يۆتكەش، ھويلا - ئارانلارنى تازىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كەنت - مەھەللىلەرنىڭ مۇھىتىنى يېشىللاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى چېقىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت قىياپىتىدە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى». ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى يېزا ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياڭ گۇەنيۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ كەنت - مەھەللىلەرنىڭ مۇھىتىنى تۈزەپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز».

مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت خەلقنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تاموژنا باشلىقى دىڭ جىباۋ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى، تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇش ئارقىلىق، ئورگان كادىرلىرى بىلەن تۇغقانلىرىنىڭ قەلبى بارغانسېرى يېقىنلاشتى. باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك.

«بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدۇق. قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى تاماملاش بىلەن بىللە، مەھەللە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسى، بىناسى ۋە ئائىلىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، كۆپچىلىكنى بېرىش - كېلىش قىلىش، جەم بولۇپ سىردىشىش، پاراڭلىشىپ قەلب ئىزھار قىلىش داۋامىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتىنى كۈچەيتىشكە ئۈندىدى». ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى ئەرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ بو مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، مەھەللە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تاللاپ تۇرغۇزۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھېسسىياتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە يۇغۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەدەنىيەت بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ روھى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ جيې مۇنداق دېدى: «دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئەزەلدىن شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، نۆۋەتتە شىنجاڭدا ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت ئورگىنىغا تاللانغان ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى بار، ھەم دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرى بار بولۇپ، ئىلمىي بولغان قوغداش سىستېمىسى شەكىللەندى. بۇنىڭدىن كېيىن بىز تېخىمۇ تىرىشىپ، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشقا، قوغداشقا ۋە تەرەققىياتقا ئىگە قىلىمىز».