1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك

− «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئوبزور

日期:2019年07月12日
来源:新疆日报
【字体:

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پارتىيەمىزنىڭ تەۋەررۈك ئەڭگۈشتەرى، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي ماھارەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى زور دەرىجىدە ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلىشى، قۇرۇق گەپتىن قاتتىق ساقلىنىشى، دەل جايىدا كۈچىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈلگەن تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىر «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تۈزۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋاقتى، ئورنى ۋە تۈركۈمىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بېسىپ تارقاتقان «بىرىنچى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، قاراتمىلىق ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن مەسىلىنى بايقاشقا سەزگۈر بىر جۈپ «ئۆتكۈر كۆز»نى تاۋلاپ چىقىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىيەدە «خەلق ئاممىسى تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى» دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى تۇرغۇزۇش زۆرۈر، تۆۋەنگە نەزەر سېلىش ئىرادىسى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇشقا رازى بولۇش روھى بولۇشى كېرەك؛ ئىستىلدا راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، كىبىرنى تاشلاپ، كەمتەر بولۇش زۆرۈر، «بىر قېتىمدىلا ئۈزۈل - كېسىل تاماملاش»تەك غەيرەت، «ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈش»تەك سەۋرچانلىق بولۇشى، چوڭقۇر بولۇش، ئەمەلىي بولۇش، ئىنچىكە بولۇش، دەل جايىدا بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بېكىتىلگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش باش تېمىسىغا ئاساسەن، تۇرۇشلۇق جايدا نۇقتىدا تۇرۇش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ مۇزاكىرە قىلىش، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ، ئاممىنىڭ ئويلىغانلىرىنى، ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى. پەقەت چوڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي مەسىلىنى بايقىغىلى بولىدۇ. ناۋادا پەقەت «نۇقتىنى كۆرۈش شەكلى»دە يۈزە كۆزەتسە، «تەشتەك مەنزىرىسى شەكلى»دە كۆرۈپ قويۇپ سورىمىسا، «تەتۈر يۆنىلىش شەكلى»دە ئۆلچەپ زاكاز قىلسا، ناۋادا پەقەت «كىچىك ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئايلىنىپ، ئەينەكتىن قاراپ، مېڭىش ئالدىدا <ياخشى ئىشلەڭلار>» دەپلا قويسا، مەسىلىنىڭ قەيەردىلىكىنى بايقاش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن جەزمەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈنلا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، «بىر ئاپتوموبىل ئادەم يولغا چىقىش، بىر ئۆي ئادەمگە يىغىن ئېچىش، سۆز قىلغاندا ئارگىنالنى ئوقۇپ بېرىش» شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، توپلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، «ياسالمىلىق قىلىش شەكلى»دىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

«بىر ئېغىز گەپنىمۇ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەلمىسە، تۈمەن پارچە كىتاب ئوقۇغان بىلەنمۇ بىكار.» تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئىككى زۆرۈر ھالقىسى بولۇپ، بىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىگە سەل قارىماسلىق كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتا، مەسىلىنىڭ قەيەردىلىكىنى بايقاپلا قالماي، يەنە مەسىلىنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇش زۆرۈر. مەسىلىنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشتا، جەزمەن ماركسىزملىق پەلسەپەدىن ئىبارەت بۇ تۈپ قابىلىيەتنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى قوللىنىش، جەزمەن ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئىگىلەش كېرەك. مەسىلەن، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بىلەن بايلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسىگە قارىتا، دىيالېكتىك تەپەككۇر ئارقىلىق تەھلىل قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمدىن ئىبارەت قوش پايدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش زۆرۈر؛ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش مەسىلىسىگە قارىتا، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، شۇ ئارقىلىق كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، دائىم ھوشيار تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش زۆرۈر؛ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ئارقىلىق ھەل قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ زامانىۋى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىغا ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش زۆرۈر؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە قارىتا، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق يولىدا ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش زۆرۈر... پەقەت مەسىلىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ مۇكەممەل يېپىق ھالقىسىنى ھاسىل قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

«تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پىلان تۈزۈشنىڭ ئاساسى، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى. تەكشۈرمىگەننىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى تېخىمۇ بولمايدۇ». تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئەلرايىنى چۈشىنىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، مەسىلىنىڭ نېمىلىكىنى، تۈگۈننىڭ قەيەردىلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىغا ئايلاندۇرغاندا، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاش جەريانىغا ئايلاندۇرغاندا، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلارغا تۈرتكە بولۇش جەريانىغا ئايلاندۇرغاندا، بىز ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقالايمىز، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرالايمىز.