1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئاپپارات ئىسلاھاتى خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى بېغىشلىسۇن

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

日期:2019年07月10日
来源:新疆日报
【字体:

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى بېغىشلاش پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى ۋە روشەن يۆنىلىشى.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ھەرقايسى تارماقلار «خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەزىپىنى ياخشى ئادا قىلىشى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى» كېرەك دەپ تەكىتلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا قارىتا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى، «ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىسلاھاتنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش» كېرەك دەپ تەكىتلەپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئەسلىي مەقسىتى - بۇرچىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىدىغان خەلقنىڭ مەيدانى ۋە قىممەت يۆنىلىشىنى تولۇق نامايان قىلدى.

«دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تۈپ تەدبىرىدە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئاساس.» پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت شۇكى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشى، خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «جەزمەن خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىش، خەلقنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىش، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىش، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن بويىچە دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.» پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، بۇ تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپپارات ئىسلاھاتىدا نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش نەزەردە تۇتۇلۇپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش مەۋقە قىلىنىپ، مائارىپ - مەدەنىيەت، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، سەھىيە - ساغلاملىق، داۋالىنىش كاپالىتى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش، كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش قاتارلىق خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەلەردە ئاپپاراتلارنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتى، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈلدى ۋە ياخشىلاندى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك تېخىمۇ ياخشى قوغدالدى. جېجياڭ ئاممىنىڭ تەسىراتىنى ئۆلچەم قىلىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى بىلەن «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشتىكى كۈچىنى تېخىمۇ تېجىدى، ۋاقتىنى تېخىمۇ تېجىدى، زېھنىنى تېخىمۇ تېجىدى. گۇيجوۋ نامراتلارنى زور كۆلەمدە يۆلەش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، چوڭ ئېكولوگىيە ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاپپارات تەسىس قىلىش، فۇنكسىيەنى تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجرا قىلىش كۈچلۈك، ئاددىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان مۇلازىمەت باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى. ئاپپارات ئىسلاھاتى ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەتكە بولغان يېڭى ئېھتىياجى جاۋابقا ئېرىشىپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئەمەلىي بولغان بەزى مەنپەئەت مەسىلىلىرى ھەل قىلىنىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا ئىسلاھات ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتى پەقەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىش، خەلقنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىش، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىش، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى، ئىسلاھاتتىن كېيىنكى ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ھەرقايسى تارماقلار ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىشى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك؛ ئىچكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت بىلەن كەسىپلەرنى بىرىكتۈرۈشنى تېزلىتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھەر جەھەتتىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان ئىشلارنى ياخشى قىلىش، ئەمەلىي بېجىرىش كېرەك.

«پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئىسلاھاتتا شۇنى تۇتۇپ، شۇنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى بېغىشلاش كېرەك.» ئاپپارات ئىسلاھاتى ياراتقان پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى كۆپرەك تۇتۇپ، كىرىم تەقسىماتى، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش، تۇرالغۇ، مۇھىتنى تۈزەش، كۈتۈنۈش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىق ھالدا بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي ئۆزگەرتىش، دەرھال ئۆزگەرتىش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك جىددىي، مۇھىم مەسىلىلەرنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالدىن ھەل قىلىش كېرەك.

«خەلققە پايدىلىقلا ئىش بولسا، ھەرقانچە كىچىك بولسىمۇ چوقۇم بېجىرىش كېرەك.» پۇقرالارنىڭ قەلب ساداسىنى قەلبكە پۈكۈپ، چىداملىق بىلەن قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، بوشاشماي ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلساق، بىز چوقۇم تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ پۇختا، ئىنچىكە، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر جەھەتتىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ پىششىق يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى تېخىمۇ سۈپەتلىك، ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ سەۋىيەلىك قىلىپ، خەلقنى ئېرىشىش تۇيغۇسىغا تېخىمۇ ئىگە قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، بىر نىيەتتە ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى)