1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

ئەمەلىيەتكە زىچ باغلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

− ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئۇنىۋېرسال بايان

日期:2019年07月09日
来源:新疆日报
【字体:

«بۈگۈن سىلەردىن قايتا پىكىر ئېلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كەلدۇق.» 7- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى سۈن ۋاڭشېڭ يەنە نازارەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇن ئاپتونوم رايونلۇق بۇلغىمىلارنى نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش ۋە ئۇچۇر مەركىزىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت چوڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئىجادىي پايدىلىنىشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتتى.

مەسىلىنى تەكشۈرۈش، مەسىلىنى تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى ھەل قىلىش، بۇنداق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كۆرۈنۈشلىرى ئاپتونوم رايوندىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى 1- تۈركۈمدە قانات يايدۇرغان تارماق، ئورۇنلاردا دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىيەتكە زىچ باغلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تېپىپ، ھەقىقىي مەسىلىلەرنى تېپىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىغا ئايلاندۇردى، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاش جەريانىغا ئايلاندۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇش جەريانىغا ئايلاندۇردى.

ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، ئاممىۋى نۇقتىئىنەزەر، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىدىيەدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەرىكەتتە كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى دورا ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت كارخانىلىرى ھەم ئاساسىي قاتلام دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتى دۇچ كەلگەن قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دورا ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت كارخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئايرىم سۆھبەتكە چاقىرتىش، ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىش، سۈرۈشتۈرۈپ خاتىرە قالدۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى قۇتۇبى نەسىللىك كالا فېرمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق باش پونكىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ھايۋانات سەھىيە نازارەتچىلىكى ئورنى قاتارلىق ئۈچ ئورۇنغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نەق مەيداندا كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئاساسىي خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۈچ ئورۇننىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ھەم كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا «تۆت بىر»نى گەۋدىلەندۈردى: يەنى ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان بىر باشقارما، ئىشخانىدا، ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان بىر بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇندا، بىر «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ئالاقە نۇقتىسىدا، بىر ئېغىر نامرات كەنتنىڭ 1- شۇجىسى تۇرۇشلۇق جايدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈشنى بوشاشتۇرماسلىق

باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ مەسىلىنى بايقاشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى بايقاش، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، قايسى جەھەتلەردىكى مەسىلە گەۋدىلىك بولسا دىققەتنى شۇ جەھەتلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا مەركەزلەشتۈردى، مەسىلە قايسى ھالقىدا كۆرۈلگەن بولسا نۇقتىلىق ھالدا شۇ ھالقىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى مەۋقەنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە قويۇپ، دىققەتنى پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى يېتەكچىلىكىدىكى تۆت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قاتارلىق توققۇز مەكتەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنى قانداق كۈچەيتىش، پۇقراۋى ئالىي مەكتەپلەردە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ھەرقايسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىلىرى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، 361 ئادەم قېتىم سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، 505 پارچە سوئال قەغىزى تارقىتىپ، 37 مەسىلىنى رەتلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا خىزمەت پىكىر يولىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپنى باشقۇرۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ تەمىنات - سودا گۇرۇھى قارىمىقىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرى خېشىڭ ئاز سوممىلىق قەرز پۇل پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شىنخې مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خېشىن رەنىگە قويۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۈچ شىركەتنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى ھەم ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ ئالدى.

شىنجاڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يەكەن ناھىيەسى كاچۇڭ يېزىسىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە ئېغىر نامرات كەنتنىڭ 1- شۇجىسى تۇرۇشلۇق جايغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتىكى ياخشى تەجرىبە، ئۇسۇللار ھەم كەمتۈكلۈك، يېتەرسىزلىكلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار بىلەن بىللە نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنى ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلدى، تەھلىل قىلدى، تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى پىلانلىدى.

تەكشۈرگەچ ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار تەكشۈرگەچ ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ۋەزىپىنى ئورۇنداش ۋە ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلار بىلەن بىرلەشتۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيەنىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشنى، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى قۇرۇشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلام سەھىيە ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى، سەھىيە - ساغلاملىق مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق سەھىيە - ساغلاملىق خىزمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. 7- ئاينىڭ 4- كۈنىگە قەدەر، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى كومىتېتقا بىۋاسىتە قاراشلىق جەمئىي ئون ئورۇندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دوختۇرخانىنىڭ تەرەققىيات ئورنىنى بەلگىلەش، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، داۋالاش مۇلازىمىتى، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارغا چېتىشلىق 15 مەسىلىنى بايقاپ ۋە رەتلەپ، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزىتىش ئارقىلىق 11 مەسىلىنى تۈزەتتى.

شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى ھەرقايسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىلىرى مەسىلىنى تۇتۇپ داۋانچىڭ شامال ئېلېكتىر مەيدانى، فوتوۋولت ئېلېكتىر مەيدانى، گاز ھاسىل قىلىش تۇرۇبا تورى بۆلىكى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سەپلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قۇشقاچنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە، بىرىنچى سەپتىكى ئەھۋاللارنى ئېنىق ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ ماسلىشىش دەرىجىسى يېتەرلىك بولماسلىق، ماركا قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ كېلىۋاتقان بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى تەھلىل قىلىپ، تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، گۇرۇھنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان كونكرېت تەدبىردىن 17نى ئوتتۇرىغا قويدى.