1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

چىن ھېسسىياتى، چىن قەلبى بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش

− باغراش ناھىيەسى باغراش بازىرى ئىتتىپاق مەھەللىسىنىڭ 1- شۇجىسى، پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سېرجىما توغرىسىدا

日期:2019年07月09日
来源:新疆日报
【字体:

«پارتىيە ئەزالىرى ئۆزى ئۈلگە بولۇشى، مەڭگۈ ئاممىنىڭ ئالدىدا مېڭىشى، ياخشى باشلامچى بولۇشى كېرەك.» بۇ باغراش ناھىيەسى باغراش بازىرى ئىتتىپاق مەھەللىسىنىڭ 1- شۇجىسى، پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سېرجىما دائىم ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بىر جۈملە سۆز. ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە، ئۇ خاتىرە دەپتىرىگە كىمنىڭ بالىسى ئۆيىدە يوق، كىمنىڭ ئۆيىدە چوڭلار ئاغرىپ قالدى، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق كۆرۈلدى قاتارلىق شۇ كۈنى مەھەللىدە يۈزبەرگەن چوڭ - كىچىك ئىشلارنى خاتىرىلەيدۇ.

چىن ھېسسىياتى، چىن قەلبى بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلغاچقا، سېرجىما ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچى شەخس، ئاپتونوم رايون بويىچە 8- مارت قىزىل بايراقدارى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

ئاممىغا ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن مۇلازىمەت قىلىش

6- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سېرجىما مەھەللە كادىرلىرىنى تەشكىللەپ ئەتىگەنلىك يىغىن ئېچىپ، بىر كۈنلۈك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

شۇ كۈنى، ئامما ئىنكاس قىلغان گۈللۈكنى سۇغىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، سېرجىما خوجىلىق ئورنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، سۇ چىقىرىش ئېغىزىدىن بىرنى ئارتۇق ئۇلاپ، سۇ تۇرۇبىلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئاھالىلەرنىڭ گۈل - گىياھلىرىنى سۇغىرىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. يايمىچىلارنىڭ يول ئىگىلەپ تىجارەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەنە يايمىچىلارغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىگىلى باردى...

سېرجىما ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى مەھەللىدە خىزمەت قىلغان، ھازىر ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقان ئىتتىپاق مەھەللىسىنىڭ ئاھالىلىرى كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن موڭغۇل، كىچىكىمدىن تارتىپلا خەنزۇ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتتىن بولغان كىچىك ھەمراھلار بىلەن بىللە چوڭ بولغان، بىز ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇق.» سېرجىمانىڭ تەشەببۇسى بىلەن، ئىتتىپاق مەھەللىسى قوشنىلار بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلار ئارا ھېيت - بايرامدا چوقۇم يوقلىشىدىغان، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا چوقۇم ياردەم بېرىدىغان ئىتتىپاقلىق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى. ھەر قېتىم ھېيت - بايرامنى تەبرىكلىگەندە، تۇغقانلاشقان قوشنىلار ئارا ئۆزئارا يوقلىشىپ، ئۆزئارا تىل ئۆگىنىپ، ئۆزئارا بەخت تىلىشىپ، ھەر مىللەت قوشنىلار ئارا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى. سېرجىمانىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى لى شۇئې باش بارمىقىنى چىقىرىپ مۇنداق دېدى: «مەن يالغۇز تۇرىمەن، ھازىر ياشىنىپ قالدىم، پۇتۇممۇ ياخشى ئەمەس، بالىلىرىم يېنىمدا يوق، ئۇ مېنىڭ قىزىم، قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلسام، ئۇ ھەمىشە دەرھال يېتىپ كېلىدۇ».

ھازىرغىچە، ئىتتىپاق مەھەللىسىدىكى قوشنىلار ئارىسىدا قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان ئائىلە جەمئىي 627 جۈپ بولۇپ، ھەربىر بىناغا «قوشنىلار تۇغقانلىشىش تەبەسسۇم تېمى» تەسىس قىلىنغان، ھەر پەسىلدە مەھەللىدە «قوشنىلار تۇغقانلىشىپ ئۆزئارا ياردەملەشكەنلەرنى سايلاش» پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.

ئۈلگىنىڭ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، بىز پۇقرالارنىڭ ئولتۇرىدىغان بىنا ئۆيىمىز، ھەيدەيدىغان ئاپتوموبىلىمىز بار بولدى، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايمىز، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ناھايىتى بەختلىك ئۆتۈۋاتىمىز...» دېدى مەھەللە ئاھالىسى ئەخەت روزى. شۇڭا ئۇ دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىشتىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سېرجىمانى ئىزدەپ تېپىپ، تەشۋىقاتچى بولۇش ئارزۇسىنى ئېيتتى.

«بىز مىكروفوننى ئاممىغا تاپشۇرۇپ، ئاممىغا ئۆز قەلبىدىكى گەپلەرنى دېگۈزۈپ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىشتىن كېيىنكى چوڭ تەشۋىقات سۇپىسىنى ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.» سېرجىمانىڭ سۆزلىرى ئەخەتكە قىزغىن ئىلھام ۋە مەدەت بەردى.

ئىلغار نەمۇنىچىلار ئاممىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى، ئاممىنىڭ يېنىدىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار ئاممىنى تېخىمۇ يېتەكلەش رولىغا ئىگە. سېرجىما تەۋەلىك رايوندىكى «ئەڭ گۈزەل ئانا»«ئەڭ گۈزەل كېلىن»«ئەڭ گۈزەل ئىگىلىك تىكلىگەن ئايال» قاتارلىق تىپىك شەخسلەرنى باھالاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى، ئۇ: «بىز يېنىمىزدىكى ئۈلگىلەرگە يېنىمىزدىكى ئاممىنى يېتەكلەتكۈزۈشىمىز كېرەك» دېدى.

تەۋەلىك رايوندىكى قابىلىيەتلىك ھەم مەھەللە ئىشلىرىغا جان كۆيدۈرىدىغان بىر تۈركۈم پېشقەدەم يولداشلار، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى سېرجىما تەرىپىدىن بىر - بىرلەپ تەكلىپ قىلىنىپ، مەھەللىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىدىكى كۈچلۈك ياردەمچىگە ئايلىنىپ، مەھەللە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بولۇپ قۇرۇلدى. ئۇ يەنە مەھەللىدىكى ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر ئاچا - سىڭىللارنى تەشكىللەپ، باغراش ناھىيەسىدىكى تۇنجى مەھەللە ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇن قويۇش ئەترىتى − گۈلى ئۇسسۇل ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇردى؛ خەتتاتلىققا ئىنتايىن قىزىقىدىغان پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنى تەشكىللەپ «پاكلىق خەتتاتلىق ئۆمىكى»نى قۇردى؛ ھەر تەرەپلىمە قابىلىيەتلىك ئاممىنى تەشكىللەپ، «كەچكى شەپەق نەغمىسى ئەلنەغمە ئۆمىكى» ۋە «مەيدان ئۇسسۇلى ئەترىتى» قۇرۇپ، نۇرغۇن ئاممىنى ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى پۇختىلاش

مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، سېرجىما مەھەللە «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت تۈزۈملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن قول سېلىپ، تۈزۈم ئارقىلىق ئادەم ۋە ئىش باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئاساسلىنىدىغان بەلگىلىمە، ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پارتىيە باش ياچېيكا شۇجىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەشكىلىي تۇرمۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە دەرسى ئۆتۈپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەھەللە كادىرلىرىنىڭ نېمە قىلىش، قانداق قىلىش مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، كادىرلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، رەھبەرلىك قىلىش كۈچى، ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

«ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە ھەم چىن ھېسسىيات، ھەم چىن قەلب بولۇش، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك يول ئارقىلىق كۆپرەك ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەك. تەۋەلىك رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ نەزەرىدىكى جىددىي ئىشلار ياخشى ھەل قىلىنسا، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ھېسسىياتى چوڭقۇرلاشسا، كۆپچىلىك ئاندىن سىزگە ئىشىنىدۇ، ئاندىن سىزگە ئەگىشىپ يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەشنى خالايدۇ» دېدى سېرجىما.

«پەقەت ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا ئىشلىگەندە، چوڭقۇر ئىشلىگەندە، ئىنچىكە ئىشلىگەندە، تولۇق ئىشلىگەندە، ئاندىن ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيە باش ياچېيكىسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.» ئاپتونوم رايوننىڭ توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، سېرجىما مەھەللە كادىرلىرى ھەم ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن باشلاپ تەكشۈرۈپ، ئۆلچەم بويىچە قاتتىق ئىلغاپ تەكشۈرۈپ، مۇناسىۋەت ئائىلىسى بولۇشنى قەتئىي توسىدى.

مەھەللىدىكى خىزمەتچى خادىم سۇ خەيياۋ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «سېرجىما شۇجى ۋە باشقا پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆگىتىشى، ياردەم بېرىشى، يېتەكلىشى بولغاچقا، مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە تولۇق ئىشەنچىم بار!»