1. كۇئېنلۇن تورى
  2. ئۆگىنىش
  3. تەپسىلاتلار

چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك

日期:2019年07月08日
来源:新疆日报
【字体:

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار دىققەتنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەدىن چەتنەپ كەتمەي، دىققىتىنى چاچماي، مەركەزلىك ئۆگىنىش قىلىش، كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پۇختا ھالدا ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى چۈشىنىپ، ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش مەقسىتىگە يەتتى.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىش - تەربىيەنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش تېما تەربىيەسىنىڭ باش تېما ئاساسىي لىنىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىلىش، ئىشىنىش، ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.

چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن ئەينەن، ئومۇميۈزلۈك، سىستېملىق ئۆگىنىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى سىستېمىسى مۇكەممەل، لوگىكىسى پۇختا، ئۆزئارا تۇتاشقان ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسى بولۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە ۋاقىت، زېھىن كېتىدۇ، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، قانۇنىيىتىنى چۈشىنىپ، بىر پۈتۈنلۈكى، سىستېمىلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنىڭدىكى ئىچكى لوگىكىنى، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي ئۇسۇلنى ھەقىقىي ئىگىلەش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، تەپسىلىي ئويلىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىش كېرەك. كىتابنى يۈز قېتىملاپ ئوقۇغاندىلا ئۇنىڭ مەزمۇنى ئۆزىدىن مەلۇم بولىدۇ. ئۆگىنىش - تەربىيە داۋامىدا نۇقتىلىق ماقالىلەرنى بىر - بىرلەپ ئۆگىنىش، تەكرار تەتقىق قىلىپ ئوقۇش، جاپاغا چىداپ كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. «يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش»، چاينىمايلا پۈتۈن يۇتماسلىق كېرەك، مەسىلىنى تۇتۇپ كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈش، كۆپ ئويلىنىش، ئۆگىنىپ قويۇپلا پىكىر يۈرگۈزمەيدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەك. پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۆگىنىشكە سىڭدۈرگەندىلا، ئاندىن بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىشتىن نەتىجە ھاسىل قىلغىلى، بۇنىڭدىن ئەقىل ۋە كۈچ قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ.

چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىش كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاشتىن ئىبارەت ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شەخسلەرنىڭ ئىدىيەۋى ئەمەلىيىتى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئىشلىرىمىزنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان جانلىق ئەمەلىيەتكە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك.